دانىلد ترامپ

ئورنى Wikipedia
دونالىد ترامىپ

ﺩﻭﻧﺎﻟﺪ ﺗﺮﺍﻣﭗ 1946-ﻳﯩﻠﻰ 16 ئىيۇن ئامېرىكا ﻧﯩﻴﯘﻳﻮﺭﻛﺘﺎ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ, ئۇ بولسا 45-قىتىملىق ئامېرىكا پىرىزدېنتى. سىياسەتكە كىرىشتىن بۇرۇن سودىگەر ھەم تىلۋىزىيە رىياسەتچىسى ئىدى .

قىسقىچە ھایاتی[تەھرىرلەش]

دونالىد ترامىپ ۋە ئىۋانكا

تېگى گېرمانىيەلىك كارخانىچى فرېدېرىك ترامپنىڭ نەۋرىسى بولغان دونالد ترامپ، 1946 – يىلى 14 – ئىيۇن كۈنى نىيۇ يوركتا فرېدېرىك ۋە مارى ماكلود ترامپنىڭ 5 پەرزەنتىنىڭ تۆتىنچىسى سۈپىتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆي – مۈلۈك سودىگىرى بولغان دادىسىنىڭمۇ تەشۋىق قىلىشى بىلەن ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۆي – مۈلۈك دۇنياسىغا قەدەم قويغان ترامپ، 1968 – يىلى پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد بۆلۈمىنى پۈتتۈرگەن. دادىسىنىڭ شىركىتىگە 1971 – يىلى خوجايىن بولغان ترامپ شىركەتنى «ترامپ گۇرۇھى» دەپ ئاتىغان. شىركەتنىڭ مەركىزىنى مانھاتىن رايونىغا يۆتكىگەن ترامپ، مېھمانساراي قۇرۇلۇشلىرى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە داڭ چىقىرىشقا باشلىغان. 2014 – يىلى ئامېرىكىنىڭ NBC تېلېۋىزىيە قانىلىدا «شاگىرت» ناملىق پىروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن نامى دۇنياغا پورت كەتكەن. «‹ Forbes› ژۇرنىلى» نىڭ 2016 – يىللىق «دۇنيا بويىچە ئەڭ باي 400 شەخس» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ترامپنىڭ 3.6 مىليارد دوللار ئەتراپىدا پۇلى بارلىقى تەخمىنەن قىلىنماقتا. سايلام رىقابىتى جەريانىدا باشتىن – ئاخىر كونا باج مەسىلىلىرى تالاش - تارتىش تېمىسى بولغان ترامپنىڭ يېقىنقى 18 يىلدىن بۇيان باج تۆلىمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئىگىلىنىشىچە، ترامپنىڭ ھازىرقى ئايالى سىلوۋېنىيەلىك 46 ياشلىق كىيىم - كېچەك لايىھەلىگۈچىسى مېلانىئا ترامپ بولۇپ، ھازىرغىچە ئالغان ئۈچ ئايالىدىن 3 ى ئوغۇل، 2 سى قىز بولۇپ، جەمئىي 5 بالىسى بار ئىكەن.

ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ[تەھرىرلەش]

ﺩﻭﻧﺎﻟﺪ ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯚﻱ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ, «ﻳﻪﺭ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺷﺎﮪﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯚﻱ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﯞﻩ ﭘﺎﻱ ﭼﯧﻜﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ, ﻧﯩﻴﯘﻳﻮﺭﻙ, ﻳﯧﯖﻰ ﺟﯧﺮﺳﯩﻲ, ﻓﯩﻠﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻳﻪﺭ ﺑﯚﻟﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻱ-ﻣﯜﻟﯜﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﻪﻣﺪﻩ «ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﺋﺎﯞﯨﻴﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ» ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺟﯧﺮﺳﯩﻲ «ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ» ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻰ. ﺋﯘ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﮪﻪﺭ-ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﺍ ﮪﻪﺷﻪﻣﻪﺕ ﺳﺎﺭﺍﻱ ﯞﻩ ﺩﺍﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ, 100 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺕ ﻛﯧﻤﯩﺴﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ, ﻳﻪﻧﻪ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻰ ﺑﺎﺭ.

ﺩﻭﻧﺎﻟﺪ ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ, 13 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﯞﻻﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ «ﻧﯩﻴﯘﻳﻮﺭﻙ ﮪﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ» ﮔﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﮪﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ, ﺗﯩﺮﺍﻣﭙﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺋﻪﻻ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ, ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ. 1964-ﻳﯩﻠﻰ ﮪﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ, ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﺎﻻﭘﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.

ﮪﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ, ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﭘﯧﻨﺴﯩﻠﯟﺍﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﯞﺍﺭﺗﻮﺭ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ, ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ, ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ.

ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ, ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻱ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﺪﺍﺭ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ, ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻱ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ.

دونالىد ترامىپ ۋە شىنزو ئابى

ﺩﻭﻧﺎﻟﺪ ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻧﯩﻜﺎﮪﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ, ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﯩﯟﺍﻧﺎﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ, ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻣﺎﺭﻻ ﻣﻪﭘﻠﯧﺴﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ, ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻣﯧﻼﻧﯩﻴﺎ ﺗﯩﺮﺍﻣﭙﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ﺑﻪﺵ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻰ ﺑﺎﺭ.

2015-ﻳﯩﻠﻰ 12-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7-ﻛﯜﻧﻰ, ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ «ﺩﻩﯞﺭ» ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2015-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ. 2016-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 3-ﻛﯜﻧﻰ, ﻧﻮﺑﯧﻞ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. 2016-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2-ﻛﯜﻧﻰ, ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﯩﺪﺍ, ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 7 ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﺘﺎ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. 3-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-ﻛﯜﻧﻰ, ﻣﯩﭽﮕﺎﻥ ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﺴﺴﯩﺴﺴﯩﭙﻰ ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20-ﻛﯜﻧﻰ, ﻧﯩﻴﯘﻳﻮﺭﻛﺘﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺯﯗﯕﺘﯘﯓ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﯩﺪﺍ %65 ﻟﯩﻚ ﺑﯧﻠﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. 5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4-ﻛﯜﻧﻰ, ﺗﯩﺮﺍﻣﭙﻨﯩﯔ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺗﯧﺪ ﻛﯩﺮﯗﺯ ﺳﺎﻳﻼﻣﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﭗ, ﺗﯩﺮﺍﻣﭙﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. 5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26-ﻛﯜﻧﻰ, ﺗﯩﺮﺍﻣﭙﻨﯩﯔ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ 1238 ﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ, ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺯﯗﯕﺘﯘﯓ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. 7-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25-ﻛﯜﻧﻰ, CNN ﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ ﺭﺍﻱ ﺳﯩﻨﺎﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ, ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ %44 ﻟﯩﻚ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺯﯗﯕﺘﯘﯓ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﻰ %39 ﻟﯩﻚ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﮪﯩﻼﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.

2016-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9-ﻛﯜﻧﻰ, ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺯﯗﯕﺘﯘﯓ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﻰ ﺩﻭﻧﺎﻟﺪ ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ 270 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﯧﻠﻪﺕ ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ, ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺯﯗﯕﺘﯘﯓ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﻰ ﮪﯩﻼﺭﯨﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﭗ, ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ 45-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺯﯗﯕﺘﯘﯕﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ.

ﺗﯩﺮﺍﻣﭙﻨﯩﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﻰ:[تەھرىرلەش]

1. ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﺳﺎﺭﯨﻴﻰ: ﻧﯩﻴﯘﻳﻮﺭﻛﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﻳﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺴﺎﺭﺍﻱ

2. ﭘﺎﻟﻤﺎ ﺑﯘﻻﻕ ﻗﻮﺭﯗﻗﻰ: 2004-ﻳﯩﻠﻰ 40 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ.

3. Mar-A-Lago ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ: ﻓﯩﻠﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻛﯘﻟﯘﺏ 200 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.

4. ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﺍﮪﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ: ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.

ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺴﺎﺭﺍﻳﻼﺭ:

1. Trump Taj Mahal ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺴﺎﺭﯨﻴﻰ

2. ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺴﺎﺭﯨﻴﻰ

3. ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﭘﻮﺭﺗﻰ

4. Trump Grande

5. ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ

6. Trump Parc

7. Trump Park Avenue

8. Trump Tower

9. Trump World Tower

10. Trump Tower at City Center

11. Trump Plaza of the Palm Beaches

12. Trump Plaza

13. Grand Hyatt


مەنبەلەر[تەھرىرلەش]