داۋۇد ئەززاھىرىي

ئورنى Wikipedia
داۋۇد زاھىرىي
تۇغۇلۇشھ. 200 - 202 / م. 815 - 817
ۋاپاتىھ. 270 / م. 884


داۋۇد ئىبنى ئەلى ئەززاھىرىي ياكى داۋۇد ئىبنى ئەلى (دَاوُدُ بنُ عَلِيِّ بنِ خَلَفٍ الكُوْفِيُّ الأَصْبَهَانِيِّ البَغْدَادِيُّ الظَّاهِرِيُّ): داۋۇد ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف ئەلكۇفىي ئەلئەسبەھانىي ئەلباغدادىي ئەززاھىرىي (ئەبۇ سۇلايمان). (ھ. 200 ياكى 202 – 270 / م. 815 ياكى 817 – 884) ئابباسىيلارنىڭ ئۈچىنچى خەلىپىسى مۇھەممەد ئەلمەھدىينىڭ ئازادگەردىسى. ھەدىس ۋە فىقھ ئىماملىرىنىڭ بىرى، شافىئىي مەزھەبكە تەۋە بولۇپ، كېيىن قىياسنى ئىنكار قىلىپ زاھىرىييە مەزھىبىنىڭ ئاساسچىسى بولغان. «ئەلئىيزاھ» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىن بىرىمۇ بىزگە يېتىپ كەلمىگەن.