Jump to content

دوكتور رىشات ئابباس

ئورنى Wikipedia

تېببىي دورىشۇناسلىق پەنلىرى ئىلمى دوكتورى رىشات ئابباس بورھان (Richat Abbas) – خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن ئۇلۇغ ئالىمىمىز، ئابباس بورھان ئەپەندى ھەم مارىيە ئابلىز ھەدىنىڭ ئوغلى بولىدۇ. ئابباس بورھان ئاكا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەن-تېخنىكا، پەن-مەدەنىيەت ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر ھاياتىنى بېغىشلىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى. رىشاتنىڭ ئاپىسى مارىيە ھەدە مەن ئوقۇغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئىدى. ئالىي مەكتەپ ۋاقتىمىزدا ئاغرىپ قالساقلا مارىيە ھەدىنى ئىزدەپ تاپاتتۇق. مارىيە ھەدە شۇنچىلىك كىچىك پېئىل كۆيۈمچان دوختۇر بولغاچقا مەكتەپتىكى بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بالىلىرى مارىيە ھەدىنى بەك ياخشى كۆرەتتى. بەختكە قارىشى ئالىمىمىز ئابباس ئاكا ھەم مارىيە ھەدە بۇ ئالەمدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى. ئۇلارنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]