دوكتور رىشات ئابباسنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا قوشقان تۆھپىلىرى

ئورنى Wikipedia

رىشات ئابباس 1960-يىلى ئاتۇش شەھرىدە تۇغۇلدى. 1978-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە، تىببىي دورىگەرلىك كەسپىدە ئوقۇدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1989-يىلغىچە، تىببىي دورا تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. رىشات ئابباس 1989-يىلى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كېلىپ، 1994-يىلى ئوھىئو شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتىتىدا شۇ ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن، تىببىي دورا تەتقىقات ئىلمىي بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 1994-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە، دوكتور رىشات ئابباس ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى ھاۋا ئارمىيەسى تەتقىقات بازىسىنىڭ تەجىربىخانىسىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى. 1994-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان ئامېرىكىدىكى 24 يىللىق تىببىي دورا تەتقىقات ھاياتىدا، دوكتور رىشات ئابباس يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ساھەسىدە زور ئۈنۈملۈك تەتقىقات خىزمەتلىرىدە بولدى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئېرىشتى. ئۇ ھازىرغا قەدەر، 150 پارچىدىن ئارتۇق تىببى دورا تەتقىقاتى ئىلمى ماقالىلىرىنى خەلقئارا تەتقىقات ژورناللىرىدا، ۋە خەلقئارالىق تىببى دورا تەتقىقات يىغىنلىرىدا ئىلان قىلدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە دورا تەتقىقاتلىرى پاتېنتلىرىغا ئىرىشتى. دوكتور رىشات ئابباس تىببى دورا تەتقىقاتى كەسپى ساھەسىدە ئامېرىكادىكى مەشھۇر شەخىسلەر ۋە دۇنيادىكى مەشھۇر شەخىسلەر قامۇسلىرىدىن (2006-2009) ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ تىببى دورا تەتقىقاتىدا ئالاھىدە كورۈنەرلىك نەتىجىلىرى، نەچچە قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مىنىستىرلىكى ۋە خەلقئارالىق پەن-تەتقىقات جەمىئىيەتلىرىنىڭ مۇكاپاتلاشلىرىغا ئېرىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىگى تەرىپىدىن بىرىلگەن “پەن – تېخنىكا نەتىجە مۇكاپاتى”، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە باش شىتابىدىن بىرىلگەن “پەن-تەتقىقات مۇۋەپپىقىيەت مۇكاپاتى” ئالاھىدە كوزگە كورۇنەرلىكتۇر. يەنە راك كىسەللىكلىرىنى داۋالاش دورا تەتقىقات نەتىجىلىرى “پەۋقۇلئاددە ئىجادىيەتكە ئىگە نەتىجە” مۇكاپاتىغا ۋە “ئالاھىدە تونۇلغان نەتىجە” مۇكاپاتلىرىغا ئىرىشتى.  بولۇپمۇ ئۇ ئىجادىيەت تەتقىقاتىغا قاتناشقان 2017-يىلى دۇنياغا كەلگەن كوكرەك راكىغا قارشى يېڭى دورا ۋە قان راكىغا شىپا بولىدىغان يەنە بىر يېڭى دورا بۇ ساھەدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. دوكتور رىشات ئابباس ھازىر ئامىرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق بولغان تىببى دورا تەتقىقات ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش بىرلەشمە ئىدارىسىدە ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچى ۋە تەتقىقاتچىلار مۇدىرى بولۇپ راك ۋە باشقا كىسەللەر ئۈستىدە دورا تەتقىقاتى ئېلىپ بارماقتا.

تىببى دورا ئالىي تەتقىقاتچىسى دوكتور رىشات ئابباس ئۆز كەسپىدە دۇنيا خارەكتىرلىك نەتىجە ياراتقان كىشى بولۇپ، ۋەتەن – ئىچى سىرتىدا ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۆز كەسپىدە بۇ كىشىدەك مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلار ساناقلىقلا. ئەلۋەتتە بۇنداق يېتىشكەن بىر پەن – تەتقىقاتچى مىللىتىمىزنىڭ پەخرى ھەم بايلىقى. ئۇنىڭ تىببى دورا تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسىدىن پۈتۈن ئىنسانىيەت ئىچىدىكى ھەر خىل تىپتىكى راك كىسىلى، يۈرەك قان تومۇرلىرى كىسىلى ۋە نىرۋا كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار مەنپەئەت ئالماقتا.

شەرقىي تۈركىستان داۋاسى

رىشات ئابباس 1996- يىلدىن ئىتىبارەن، ئامېرىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئۇل سالغۇچىسى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۈزلۈكسىز ھالدا ھەرۋاقىت، ئامېرىكىدا ۋەتەن داۋاسىنى قىلىپ كەلدى ۋە خەلقئارادا، ئۇيغۇر جامائەتى ئىتىراپ قىلغان، كۆزگە كۆرۈنگەن بىرى بولۇش سۇپىتى بىلەن، ئىشغالىيەتتىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن تۇنجى قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە پارلامىنتنىڭ ئىشىگىنى ئاچقۇچىلاردىن بىرى بولۇپ تونۇلدى.

1997-يىلى -5-فېۋرال غۇلجا ۋاقەسىدە، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان غۇلجا ياشلىرىنى قانلىق باستۇرىشىدىن كىيىن، رىشات ئابباس ۋەتەن داۋاسىنى ئەڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى. ۋەتەندە خەلق ئېزىلىۋاتقان، بۇ ھەقتە بارلىق خەۋەر ئۇچۇرلار قاتتىق قامال قىلىنغان ئەشۇنداق بىر ئېغىر شارائىتتا، رىشات ئابباس بۇ دۇنيادا يىتىم قالغان، تاشقى دۇنيادا ئاۋازى بوغۇلغان ئۇيغۇر خەلقىگە ھامى چىقىپ تىزلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدىكى دوكتۇرلۇق ئىلمى ئۇنۋانى ھەم يۇقۇرى خىزمەت سالاھىيىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئامېرىكا پارلامىنتى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكلىرى بىلەن جىددى ئالاقە ئورناتتى. مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ۋە پارلامىنت ئەزالىرى، پارلامىنت قارمىقىدىكى كوممىسسىيەلەر ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلاشتى ۋە ئامېرىكا پارلامىنتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسپات بېرىشىنى ئورۇنلاشتۇردى. نەتىجىدە، غۇلجا ۋەقەسى ۋە ۋەتەندىكى ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا گۇۋالىق بىرىش پۇرسىتى يارىتىپ، ۋەتەندىن يېڭى كەلگەن بىر ئۇيغۇر گۇۋالىق بىرىپ ئامېرىكا پارلامىنتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا خەلقىگە غۇلجا ۋاقەسىنى، خىتاي دىكتاتورلىرىنىڭ بېسىۋىلىشى ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركىستاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى دەپسەندە بولىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە ۋەتەن داۋاسىنى ئاڭلاتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا پارلامىنتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا غۇلجا ۋاقەسىنى مىسال قىلىپ، ئۇيغۇرلار بولسا مۇشۇنداق بىر ئېزىلگەن ۋە ئاۋازى يوق مىللەت، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئاۋازى بولۇش كىرەك دەپ كۆپ قېتىملاپ چۇشەندۈرۈشلەر ئېلىپ باردى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئۇيغۇر پروگراممىسىنى قوشۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشتى.

1998-يىلدىن 2000-يىللىرىدا، رىشات ئابباس، غۇلجا ۋەقەسىدىكى قانلىق باستۇرۇش ۋە قوغلاپ تۇتۇشتا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ھەم تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرگە قېچىپ چىققان غۇلجا ۋەقەسىنىڭ بەزى شاھىدلىرىنى ئامىرىكا پارلامىنتغا تونۇشتۇرۇپ، موھىم ئورۇندىكى پارلامىنت ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۇپ، ئۇلارنى ئامرىكىغا ئەكىلىش بىلەن پارلامىنتتا كۆپ قېتىملاپ ئىسپات بىرىشنى ئورۇنلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋاشىنگتون ۋە نېۋيوركدىكى مەشھۇر ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېغىن ئېچىش پۇرسەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۇپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىگە سەۋەپچى بولدى ھەم ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائەتىنىڭ كۆپىيىشىگە ئۇل سالدى. نۇرغۇن تىرىشچانلىقلىرى بىلەن، رىشات ئابباس ئۆزىنىڭ ئەمىلىي ئىش-ھەركەتلىرى بىلەن خىتاي تەرەپىدىن بېسىۋېلىنغان ۋەتىنىدىكى خەلقىنىڭ ئاھۇ-زارىنى، ۋەتەن داۋاسىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋە پارلامىنت  ئىچىگە ئېلىپ كىردى. ھەمدە، شۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە كۆپ قېتىملاپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلارنى ئورۇنلاشتۇردى. نەتىجىدە، ئىشغالىيەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي كومۇنىستلىرى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقدەك پاجىئەلىك ھەقىقەتنى ئامېرىكا سىياسىيۇنلىرى، ئاكادېمىكلىرى ۋە خەلقىگە ئاڭلىتىشتا، رىشات ئابباسنىڭ باشچىلىق رولىنى ئويناۋاتقانلىغىغا شۇ ۋاقىتلاردا، ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىگى ئۆزلىرى شاھىد بولدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر داۋاسىنى سېستىمىلاشتۇرۇپ، ئورتاقلاشتۇرۇش، كۇچلەندۇرۇش ۋە زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ داۋاسىنى بىرلىكتە قىلىش ئۈچۈن، رىشات ئابباس ۋەتەنپەرۋەر پىشقەدەم ئۇستاز غۇلامىدىن پاختا ئاكا ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە، شۇ ۋاقىتتىكى نەچچە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ، 1998-يىلى 5-ئايدا ئۇيغۇر ئامېرىكا ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ چىقتى.

رىشات ئابباس، 1998-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئامېرىكا ئۇيۇشمىسىدا خىزمەت قىلىش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ زىچ بولۇشىدەك ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىشغالىيەتتە ئېزىلىۋاتقان شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ۋە دىننىي داۋاسىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، پارلامىنت ئەزالىرىغا يەتكۈزۈشتە ھەمدە بۇ داۋانىڭ كەڭ كولەمدە دىققەتكە ئېرىشىشىدە ئىنتايىن موھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

رىشات ئابباس، شۇ يىللاردا ئامېرىكىغا كەلگەن ۋە كەلمەكچى بولغان ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلارغا قولىدىن كېلىشىچە يول كۆرسەتتى ۋە ياردەم قىلدى. ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى جامائەتنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇلارنىڭ پات-پات ئۇچرىشىپ، ئۆملۈك ۋە بىرلىكتە ۋەتەن دەۋاسى ئېلىپ بېرىش ۋە كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولدى. ئامېرىكىدا ھەر ۋاقىت ۋەتەن دەۋاسىغا ۋە مىللەتكە پايدىلىق ئىشلارغا باشلامچىلىق قىلىپ شۇ جامائەت بىلەن بىرگە ئىلىپ باردى. 1998-يىلى دىكابىردا، تۇركىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيىگە ئامېرىكىلىك ئادۋۇكات برىئان مەزگەرنى ئېلىپ بېرىپ قاتناشتى. رىشات ئابباسنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئەمىلىي ئىش-ھەركەتلىرى ۋە نەتىجىرىلىدىن، ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتچىلىگى، 1999- يىلى يىڭى يىل كېچىسى رىشات ئابباسنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت داۋاسىغا قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۇرۇپ، پىلاكەت بىلەن تەقدىرلىدى.

رىشات ئابباس ئۆز  خەلقىنى چىن يۈرىگىدىن سۆيىدىغان، ۋەتەن-مىللىتى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى بىرلىرىگە ئۆزىنى كورسىتىدىغان پۇرسەت دەپ ئەمەس، بەلكى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن دەيدىغان، ھەم ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇرلۇق مەجبۇرىيىتى دەپ ھىساپلايدىغان، كوز-قارنى شۆھرەتكە توق، ئۆزى كەمتەر، مەسئۇلىيەتچان، كىچىك پىئىل ۋە ياردەم سويەر بىر جامائەت ئەربابى بولغانلىقتىن، 20 نەچچە يىلدىن بىرى ئامېرىكىدا، ئۆز ۋەتىنى ۋە خەلقى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز ۋە ئىزچىل ھالدا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ يولدا نۇرغۇن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقان بولسىمۇ، ھېچ يەردە ئۆزىنى ۋە دەۋا يولىدىكى نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلمىدى.

شەرقى تۇركىستان دەۋاسىدا قىلغان ھالقىلىق خىزمەتلىرىدىن باشقا يەنە، رىشات ئابباس ئامېرىكىغا كەلگەن 29 يىلدىن بۇيان، ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىگە ۋە ھەر تۇۈلۈك موھىم كەسپلەردە ئوقۇشلىرىغا ئەمەلىي ھەركەتلىرى ۋە شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىشى بىلەن ياردەمدە بولۇپ كەلمەكتە. مانا بۇ ياشلار، نۆۋەتتە ئۆز كەسپلىرىدە ئۇتۇق قازانغان ياش تەتقىقاتچى ۋە كەسپى خادىملاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، ھەر قايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىشماقتا ۋە ھەر يەرلەردە ئاكتىپ پائالىيەتچىلەر بولۇپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشماقتا.

2000-يىلى يازدا دوكتور رىشات ئابباس تىببى دورا تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئىلگىرلىشى ۋە ئىھتىياجى بىلەن نىيوركقا كۆچۈپ كەتتى.

2001- يىلى مارت ئېيىدا ئامېرىكا پارلامىنت ئەزالىرى دوكتور رىشات ئابباسنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىگى ۋە ۋەتەن دەۋاسىغا قوشقان توھپىلىرى ئۈچۈن “ئەركىنلىك مۇكاپاتى” بېرىشنى قارار قىلغاندا، ئېسىل پەزىلەتكە ئىگە رىشات ئابباس، يېڭى قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئامېرىكا ئۇيۇشمىسىنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتلىرى ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتنى ئۇيغۇر ئامېرىكا ئۇيۇشمىسىغا تەشكىلات سۈپىتىدە بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى. نەتىجىدە، ئامېرىكا پارلامىنتىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزالىرى نەنسى پېلوسى خانىم ۋە كىرستوفىر سىمىس ئەپەندى بۇ مۇكاپاتنى ئۇيغۇر ئامېرىكا ئۇيۇشمىسىگە تەقدىم قىلدى. نەتىجىدە، ئۇيغۇر ئامېرىكا ئۇيۇشمىسىنىڭ داۋاملىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىلىپ يول ئېچىلدى.

رابىيە قادىر خانىمنى 2000-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى كېسىۋەتكەندىن كىيىن دوكتۇر رىشات ئابباس، ئاتايىتەن نېۋيوركتىن ۋاشىڭگتونغا كېلىپ، ئوكلاخاما شىتاتىدىن ۋاشىڭگتونگە كەلگەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنى ۋە ئىككى پەرزەنتىنى، ئامېرىكا پارلامىنت ئەزالىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تاشكىلاتى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ رابىيە قادىر خانىمنى ھەم ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئۇلارغا تونۇشتۇرۇپ رابىيە قادىر خانىمنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىشىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يوللىرىنى ئاچتى. نەتىجىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنى ۋە ئائىلىسىنى تونىدى ۋە تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يولىنى ماڭدى.

رابىيە قادىر خانىمنى 2005-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تۈرمىسىدىن چىقىرىپ ئامېرىكىغا ئەكەلگەندىن كىيىن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، دوكتۇر رىشات ئابباس، دوكتۇر دولقۇن قەمبەرى ۋە ۋاشىنگتوندىكى بىر نەچچە ئاكتىپ داۋا پائالىيەتچىلىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرلىكتە “خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىموكراتسىيە فوندى” جەمىئىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى. بىر يىللىق تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە، 2006-يىلى ئامىرىكا دۆلەتلىك دېموگراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىدىن ئىقتىساد ھەل قىلىپ، رابىيە خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا پۈتۈن زېھنى بىلەن رەھبەرلىك قىلىشىغا شارائىت ياراتتى. 2008-يىلىدىن باشلاپ ئۆمەر قانات “خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقوق ۋە دىموكراتىيە فوندى” گە خىزمەتكە كىرىپ، تولۇق مۇئاش بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېنىدا ياردەمچى بولۇپ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن ئېلىپ باردى.

دوكتۇر رىشات ئابباس، 2006-يىلى ئامېرىكا پارلامىنتىدا “خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىموكراتىيە فوندى” جەمىئىيىتى ۋە «ئۇيغۇر ئامېرىكا ئۇيۇشمىسى» بىلەن بىرگە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر  پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ پائالىيەتتە، رىشات ئابباسنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، نوپۇزلۇق پارلامىنت ئەزاسى توم لانتوس ئەپەندىمنىڭ قاتنىشىشى ۋە سۆز قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى ئامېرىكا پارلامىنتدا يەنە بىر دەرىجىگە كۆتۈرۈشكە سەۋەپچى بولدى. 1999-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر داۋاسىنى ئامېرىكا پارلامىنتىدا يېقىندىن قوللىغان ۋە رابىيە قادىر خانىمنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىشىغا كۆپ توھپە قوشقان پارلامىنت ئەزاسى توم لانتوس ئەپەندىن كىسەل سەۋەپىدىن 2008-يىلى 11-فىۋرال ۋاپات بولدى.

2010-يىلىدىن بىرى، دوكتۇر رىشات ئابباس ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى ياش زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قوللاپ، ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ۋە زىيالىلارنىڭ بىرلىكىنى ھەم ئىشغالىيەتتە قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى خەلقئارادا تۇنۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئېلىپ مېڭىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەسىرى كۈچىنىڭ زورىيىشىدا نۇرغۇن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردى.

2017-يىلى، ۋەتەندە خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگىرلىرىغا سولاپ، ۋەتەندە خەلق يۇزلىنىۋاتقان ۋەزىيەت جىددىلىشىشى بىلەن، دوكتۇر رىشات ئابباس، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، پارلامېنت ھەم ئاكادېمىكلىرىگە ۋە ئامېرىكا خەلقىگە ۋەتەندىكى ئەشۇ ئېغىر ئەھۋاللارنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ شۇ جازا لاگىرلارنى تاقىتىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئەمىلى خىزمەتلەرنى توختىماي قىلماقتا ھەم ھەر تۈرلۈك نامايىش، ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى پائالىيەت ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى مۇھاكىمە يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەكتە.

2017-يىلى ئاۋغۇستتىن بۇيان، ۋاشىڭگتوندىكى جامائەتنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان بىر تۈركۈم ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيەر ئوغلانلارنىڭ تەكلىپى بىلەن، دوكتور رىشات ئابباس ئۇيغۇر مەسچىتى، ئانا تىل مەكتىپى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەت زالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر «ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ئۈچۈن، جامائەت بىلەن بىرلىكتە ھەركەت قىلماقتا.

ئەزەلدىن ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ بىر ئىنسانىي بۇرچى ۋە ۋاپادار پەرزەنتنىڭ ئۆز ئانىسىغا قىلغان خىزمىتى دەپ تونۇپ كەلگەن دوكتۇر رىشات ئابباس، ئۆز مىللىتىنىڭ ۋە ئىشغالىيەتتىكى ئانا ۋەتىنىنىڭ غېمىنى يېيىشنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى دەپ بىلدى. بۇ يولدا ئۈن-تۈنسىز ئېلىپ بارغان ۋە ھەرۋاقىت ۋەتەن داۋاسىدا ئىجابىي نەتىجىلەرنى ياراتقان خىزمەتلىرىنى ھېچ قاچان ۋە ھېچ يەردە سۆزلەپ كۆز-كۆز قىلمىدى. بىراق، مانا بۇ رىئال ھەقىقەتنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كۆرگەن، بىلگەن ۋە شاھىت بولغان خەلق ھېچ قاچان بۇ مىننەتسىز ئەجىرلەرنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

2018-يىلى 16-ئىيۇل، ئىستانبۇل

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.