دولان
ئۇيغۇر مىللىتى دولانلار ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيسى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ۋە مەكت ناھىيلىرىگە تارقاق جايلاشقان ئەينى ۋاقىتتىكى دولانلارنى كۆرسىتىدۇ. دولانلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئالاھىدىلىكى روشەن. سەنئەتكە ئالاھىدە ھېرىسمەن. ئوۋچىلىق مەدەنىيىتى ۋە سەھرا مەدەنىيىتنى ئۆزىدە مۇستەھكەم ساقلاپ قالغان. ئادەملىرى قارا توغرا كېلىدۇ. سەنئەت جەھەتتە دولان مۇقامى ۋە دولان سەنىمى بار. ئاياللىرى ۋاپادار. ئەرلىرى ئىشچان ، باتۇر كېلىدۇ. دولانلارنىڭ چالغۇ ئەسۋاپلىرىمۇ ئالاھىدە بولۇپ، چالغۇلاردىن دولان راۋابى ۋەكىل خاراكتىرلىك ساز ھېسابلىىنىدۇ. قالۇن ۋە داپ نەغمىدە ئاساسى قىلىنىدۇ. كىيىم كېچەككە ئۇچۇق، توق رەڭلەرنى ئىشلىتىشكە ئامراق. خانىش ئاماننىسا خانمۇ دولان بۇلۇپ، مەكت ناھىيىسىدىن. http://baike.baidu.com/link?url=hGY5tB7l6PYwEeORr08875g7JuL3gdPPTKokzcYVtmmokeuUaGGTmZ20pUfgKkipbwfa-48Eqxf77ETEeeyVaa