دولانلاردا ئوۋچىلىق

ئورنى Wikipedia

 ئوۋچىلىق ئىنسانلارنىڭ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىگىلىكىگە كۆچۈشتىن بۇرۇنقى ئىپتىدائىي تۇرمۇش شەكلى بولۇپ ، دولانلار ، جۈملىدىن مەكىت دولانلىرىمۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداپ ، مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن ، ئۇزاق تارىختىن بۇيان تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى قۇم بىلەن بوستانلىق كېسىشكەن چۆللەردە ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن .

      ئوۋچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن دولان مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى يەنىلا تەكلىماكان بويلىرىدىكى قۇم بىلەن بوستانلىق كېسىشكەن زېمىندا روياپقا چىققان .

      ھەممىگە ئايانكى ، تەكلىماكان دۇنياغا مەشھۇر 2 – چوڭ قۇملۇق بولۇپ ، ئۇنىڭ گىرۋەكلىرىدىن ئادەم ئولتۇراقلاشقان جايلارغىچە بولغان نەچچە ئون كىلومېتىر ئارىلىقتا ، يۇلغۇن ، توغراق ، سوكسوك ، قۇمۇش ، قامغاق قاتارلىق ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەر ئۆسكەن بولغاچقا ، ياۋا تۆگە ، توڭگۇز ،كىيىك ، تۈلكە ، توشقان ، قىرغاۋۇل قاتارلىق ھايۋانلار بۇ جايلاردا ياشاپ ئاۋۇغان . پېشقەدەملەرنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا ، ھەتتا 1940 – يىللارنىڭ ئاخىرىدا مەكىت ناھىيىسىنىڭ قىزىلئاۋات يېزىسى قىزىلجى كەنتىدىكى قازانكۆل چۆللىكىگە تۇتاش بولغان قىزىلجى خېنىم مازىرىدا كىشىلەر تىرىك يولۋاسنى ئۇچراتقان .

       يۇقىرىقىلاردىن باشقا دولانلار قۇم – بوراندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېكىنزارلىقلارنىڭ ئەتراپىغا توغراق ، تېرەك ، سۆگەت قاتارلىق ئىھاتە ئورمانلىرىنى سالسا ، ئۆي – مەھەللە ئەتراپىغا مېۋىلىك دەرەخلەرنى كۆپلەپ تىكىپ ، باغ ئەھيا قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن . بۇنىڭ بىلەن يېشىللىق تېخىمۇ كېڭىيىپ ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىلغان . شۇنىڭ بىلەن دولانلار ، جۈملىدىن مەكىت دولانلىرى كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداش ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ، شۇنداقلا مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن ، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئوۋچىلىق ئادىتىنى داۋاملاشتۇرغان .

        ئوۋچى ئۈچۈن ئوۋ قوراللىرى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ، مەكىت دولانلىرىمۇ ئوۋ مىلتىقى ، ئوقيا ، نەيزە ، ساچقاق ، چۇماق ، قاپقان ، توزاق ، قىلتاق ، قىسماق ، تور ، چەتمەك ، لەخمە ، باسماق قاتارلىق ئوۋ مىلتىقى سىتۋۇل ئۇچىدىن پۇرۇخ قۇيۇپ چىڭدىلىپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىشەكسىز يۇمىلاق قوغۇشۇن ئوقىنى سېلىپ ئاتىدىغان يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىلىدىغان ئىپتىدائىي مىلتىق بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاستى تەرىپىدە يۇلغۇن ياغىچىدىن ياسالغان ئىككى پۇت بولىدۇ . بۇ خىل مىلتىق بىلەن ئوۋ ئوۋلايدىغانلار مەكىت دولانلىرى ئارىسىدا ‹‹ پاۋان ›› دەپ ئاتىلىدۇ . پاۋانلار ئاتلىق ياكى پىيادە ئوۋغا چىقىپ نىشاننى بايقىغاندىن كېيىن ، چاتقاللار ئارىسىدا يوشۇرۇنۇپ ئۆمىلەپ مېڭىپ ، نىشانغا تۇيدۇرماي يېقىنلىشىدۇ . ئاندىن مىلتىقنىڭ ياغاچ پۇتىنى يەرگە دەسسىتىپ مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن قارىغا ئالىدۇ . ئوۋچىلىق پاۋانلاردىن يۇقىرى ماھارەتلىك مەرگەنلەردىن بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . گەرچە 21 – ئەسىرگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە كۈندىن – كۈنگە ئازىيىپ كېتىۋاتقان ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ۋە باشقا ئېھتىياجلار بىلەن مىلتىق كۆتۈرۈپ ئوۋچىلىق قىلىدىغانلار قالمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىنىڭ ئالدى – كەينىدە ، مەكىت دولانلىرى ئارىسىدا ئاۋۇت پاۋان قاتارلىق 10 غا يېقىن داڭلىق پاۋان بولغان ۋە ئۇلار تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى يۇرتلاردا ئوۋچىلىق قىلغان .

      1980 – يىللاردا مەكىت ناھىيىسىنىڭ غاز كۆل يېزا تەۋەسىدىكى جاڭگاللىقتىن تېپىلغان ئوقدان ۋە ئۇنىڭدىكى ئوقيا بىلەن بىللە قۇيۇلغان قۇش تۇمشۇغى ئەينى زاماندا مەكىت دولانلىرىنىڭ ئوۋچىلىقتا ئوقيا ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ . نەيزە مەكىت دولانلىرىنىڭ ياۋا توڭگۇز ئوۋلايدىغان قوراللىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئەينى يىللاردا ياۋا توڭگۇزلار كۆپىيىپ ، زىرائەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغاندا ، بىر نەچچە ياكى ئون نەچچە ئوۋچى بىرلىكتە نەيزە كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ ئوۋ ئىتلىرىنىڭ ياردىمىدە ياۋا تۇڭگۇزلارنى ئوۋلىغان .

      ساچقاق – مەكىت دولانلىرىنىڭ مەخسۇس بېلىق ئوۋلايدىغان ئوۋ قورالى . گەرچە ھازىر بۇ خىل قورالنى ئىشلىتىدىغانلار بولمسىمۇ ، لېكىن مەكىت ناھىيىسىنىڭ تۈمەنتال يېزىسىدىكى بىر كەنتنىڭ ھازىرمۇ ‹‹ساچقاق ›› دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقىنىدىن قارىغاندا ، بېلىق ۋە باشقا سۇ مەھسۇلاتلىرى مول بولغان ئەينى زاماندا بۇ خىل قورال كەڭ ئىشلىتىلگەن . پېشقەدەملەرنىڭ بەرگەن مەلۇماتىدىن قارىغاندا ، ساچقاق نەيزىگە ئوخشاش ئۇچلۇق ، ئەمما ئۇچىنىڭ بىر تەرىپىدە كىچىك ئىلمىكى بار ئۆتكۈر ئوۋ قورالى بولۇپ ، ماھىر بېلىق تۇتقۇچىلار  قۇلۋاقلارنى تېز ھەيدەپ يۈرۈپ دەريا – كۆللەردە ساچقاق بىلەن بېلېق تۇتقان . بېلىق ئوۋچىلىقى مەكىت دولانلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس يەنە بىر ئوۋ تۈرى بولۇپ ، ساچقاق بىلەن سانجىپ بېلىق ئوۋلاشتىن باشقا ، يەنە تور ۋە قارماق تاشلاش ، قىشتا كاچكۇلغا چىراغ يېقىش ، يازدا ئوتقاش كۆتۈرۈپ بېلىقلارنى ئالداپ تۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان . ئوتقاش ياساپ بېلىقلارنى ئالداپ تۇتۇش بىر خىل ئۆزگىچە ئادەت بولۇپ ، ياز ئايلىرىدىكى تۈن قاراڭغۇسىدا بىر ئادەم ئىككى قولىدا ئوتقاش كۆتۈرۈپ سۇدا ماڭىدۇ . بىر  نەچچە ئادەم ساچقاق ياكى ئۇچلانغان يۇلغۇن ياغاچلىرىنى تەقلەپ ، ئوتقاش كۆتۈرگەن ئادەمگە ئەگىشىدۇ . بېلىقلار ئوتقاشقا قىزىقىپ ، سۇ يۈزىگە چىققان ھامان سانجىپ تۇتۇلىدۇ .

      قاپقان ۋە توزاق جەرەن قاتارلىق چوڭراق ھايۋانلارنى ئوۋلاش ئۈچۈن ياسالغان ئوۋ قوراللىرى بولۇپ ، ئاۋۋال شۇ خىل ھايۋانلارنىڭ دائىم ماڭىدىغان چىغىر يوللىرى ئېنىقلىنىدۇ . ئاندىن شۇ چىغىر يولنىڭ ئەپلىك جايىغا قاپقان ياكى توزاق قۇرۇلۇپ ، ئۈستى ئەخلەت چاۋا بىلەن بايقالمىغۇدەك يېپىلىپ ، قاپقان ياكى توزاقنىڭ زەنجىرى دەرەخكە ، دەرەخ بولمىسا قوزۇق قېقىلىپ ، ئاشۇ قوزۇققا باغلاپ قويۇلىدۇ . بۇ ئارقىلىق قاپقانغا چۈشكەن ئوۋنىڭ قاپقاننى سۆرەپ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ .

      چۇماق – يىلتىزى بار يۇلغۇن ياغىچىدىن ياسىلىدىغان بېشى چوڭ  ، دەستىسى ئەپلىك ئاددىي ئوۋ قورالى بولۇپ ، ئاساسەن توشقان ئوۋلاشقا ئىشلىتىلىدۇ . قىش كۈنلىرىدىكى ئارىسالدى ۋاقىتلاردا كوللېكتىپ ئوۋغا چىققاندا ، ئوۋچىلار مۇۋاپىق ئارىلىق تاشلاپ ، سۈر – ھەيۋە بىلەن ئوۋنى ئۇۋىسىدىن چىقىشقا مەجبۇرلايدۇ ۋە قورشايدۇ . بۇ چاغدا قاچقان توشقانلار چوماق بىلان سوقۇپ ئوۋلانسا ، تۈلكىلەر قۇش ئارقىلىق ، قىرغاۋۇللار قارچۇغا ئارقىلىق ئوۋلىنىدۇ . قىلتاق ، قىسماق ، تور ، چەتمەك ، باسماق ، لەخمە قاتارلىقلار ئاساسەن قۇش، قارچۇغا ،قىرغاۋۇل ، كەپتەر ، قۇچقاچ قاتارلىق ئۇچار قۇشلارنىڭ تۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئوۋ قوراللىرى بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىن قىلتاق بىلەن قىسماق مەخسۇس كەپتەر تۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە ، تور قارچۇغا ، توشقان ۋە جەرەن بالىلىرىنى تۇتۇشقا ئىشلىتىلىدۇ . تور بىلەن قارچۇغا تۇتۇشتا ،قارچۇغا ئاساسەن كۆرگىدەك بىر جايغا تور قۇرۇلۇپ ، ئىچىگە تىرىك كەپتەر باغلاپ قويۇلىدۇ . قارچۇغا كەپتەرنى كۆرگەندىن كېيىن ، شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كەپتەرگە ئۆزىنى ئۇرىدۇ — دە ، تورغا ئېلىنىشىپ قالىدۇ . بۇ چاغدا تور ئىگىسى قارچۇغىنى ئاسانلا تۇتۇۋالىدۇ . تور بىلەن توشقان ياكى جەرەن بالىلىرىنى تۇتۇش ، قۇش ، قارچۇغا بىلەن ئوۋچىلىق قىلىش بارا – بارا ئازىيىپ كەتكەندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن يېڭى ئۇسۇل بولۇپ ، بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشتا ئوۋچىلار ئاۋۋال توشقان ياكى جەرەن بالىلىرىنىڭ ئۇۋىسى ، دائىم ماڭىدىغان چىغىر يولىنى پىششىق بىلىۋالغاندىن كېيىن ، مۇۋاپىق بىر يەرنى تاللاپ تورنى قۇرىدۇ . ئاندىن بىر نەچچە ياكى ئون نەچچە ئادەم ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ ، ئوۋنى ئۈركۈتۈپ تور تەرەپكە ھەيدەيدۇ . ئۈركۈپ كەتكەن ئوۋلار ئۆزلىرىگە تونۇش بولغان چىغىر يول ئارقىلىق قېچىپ ماڭغاندا تورغا ئىلىنىشىپ يىقىلىدۇ – دە ، ئوۋچىلار كېلىپ تۇتۇۋالىدۇ .

      چەتمەك ، باسماق ، لەخمە قاتارلىق ئوۋ قوراللىرىمۇ جىگدىچۈك ، كەپتەر ، قىرغاۋۇل قاتارلىق ئۇچار قاناتلارنى تۇتۇشقا ئىشلىتىلىدۇ . لەخمە ئارقىلىق كەپتەر تۇتۇشتىن باشقا ، ياۋا توڭگۇزلارنىمۇ تۇتۇشقا بولىدۇ . بۇ يەردىكى پەرق لەخمىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىدە بولۇپ ، كەپتەرگە كولانغان لەخمە نىسبەتەن كىچىكرەك ، ياۋا توڭگۇزلارغا كولانغان لەخمە توڭگۇز پاتقۇدەك ھەمدە چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن چىقالمىغۇدەك قىلىپ چوڭ ۋە چوڭقۇر كولىنىدۇ .

      مەكىت دولانلىرىنىڭ ئوۋچىلىق ئادىتىدە قۇش ۋە قارچۇغا ئارقىلىق ئوۋچىلىق قىلىش ، نۇقۇل ھالدىكى ئوۋچىلىق پائالىيىتىدىن ھالقىپ ، سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ ، بۇنى تۆۋەندىكى تەپسىلاتلاردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن . قۇش ۋە قارچۇغا كۆندۈرۈش قىيىنلىق دەرىقىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان مۈشكۈل ئىش بولۇپ ، ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلىپ يۈرۈيدىغان گۆشخور قۇشنى ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى مۇددىئاسىنى چۈشىنىدىغان ۋە ئۆزىگە ئىتائەت قىلىدىغان ھالغا كالتۈرۈش ئۈچۈن ، ئەقىل – پاراسەت ۋە سەۋر – تاقەت كېرەك . ھازىر مەكىت دولانلىرى ئارىسىدا قۇش – قارچۇغا باقىدىغانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن ئالدىنقى ئەۋلاد قۇشچىلاردىن ئابدۇرەھىم بەختى ، قايىم پازىل ، ئۆمەرداڭ ، ئوبۇل نورەك قاتارلىقلار قۇش بېقىپ ، كۆندۈرۈپ ، ئوۋچىلىق قىلىش بىلەن بىللە ، قۇشنى ھاياتىدىكى مۇھىم ھەمراھ سۈپىتىدە ئەتىۋارلاپ ، ئۆمۈر بويى قۇشتىن ئايرىلمىغان ، قۇش قارچۇغا بېقىپ ئوۋچىلىق قىلىش ، مەكىت دولانلىرى ئارىسىدا ئەۋلادمۇ  ئەۋلاد داۋاملىشىپ ، ئوۋچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكتىن ، قۇش – قارچۇغا كۆندۈرۈشنىڭ بىر يۈرۈش ئۇسۇللىرى مەيدانغا كەلگەن . ھەتتا ئاتنىڭ ئىگىرىگىمۇ مەخسۇس قۇش قوندۇرىدىغان ئورۇنلار لايىھىلىنىپ ، ‹‹ قۇشبېشى ››دەپ ئاتالغان . ئائىلىلەردە قۇشنى تۆلەككە سالىدىغان مەخسۇس قاراڭغۇ ئۆيلەر ، قۇش قوندۇرىدىغان مەخسۇس قونداقلار بولغان ۋە قۇشنىڭ مايىقىغا قاراپ ، شۇ قۇشنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلالايدىغان ، قۇش كۆندۈرۈش تەجرىبىسى مول قۇشچىلار ‹‹ باخشى ›› دەپ ئاتالغان .

      ئوۋچىلىق گەرچە بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىنسانپەرۋەرلىككە مۇخالىپ بىر خىل شەپقەتسىز ھەرىكەت بولسىمۇ ، لېكىن مەكىت دولانلىرى ئوۋچىلىقىنى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتىدىغان نەپسانىيەتچىلىك ھەرىكىتى قىلىۋېلىشتىن ساقلىنىپ ، تەبىئىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان ئىلمىي ھەرىكەت سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بەرگەن . شۇڭا ياۋايى ھايۋاناتلار ئەۋلاد قالدۇرۇپ كۆپىيىدىغان ئەتىياز كۈنلىرى ،شۇنداقلا بۇغا – ماللارنىڭ بوغاز بولغانلىقى بىلىنىشسە ئوۋ قىلىشنى توختاتقان .

     ئوۋچىلىق ئۇزاق تارىختىن بۇيان دولان خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا خۇددى چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىققا ئوخشاش مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن زامانىۋىلىشىش ، يەر شارىلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى ، تەكلىماكان بىلەن دولان يۇرتلىرى ئارىسىدىكى ياۋايى ھايۋانلار ماكان قىلغان بوشلۇقنىڭ تارىيىشى شۇنداقلا ئىجتىمائىي ھاياتتىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانچە مۇرەككەپلىشىپ ، زىددىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى قاتارلىق خىلمۇ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، نۆۋەتتە مەكىت دولانلىرى ئارىسىدا ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بارغانسېرى ئازايماقتا. گەرچە ئوۋچىلىق بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىنىڭ نەزىرىدە قارشى ئېلىنمايدىغان پائالىيەت بولسىمۇ ، لېكىن مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ، جۈملىدىن دولانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋى ئوۋچىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ تامامەن يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، نەسلى قۇرۇش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن ھايۋانلارنى قوغداش ، شۇنداقلا ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا دولان خەلقى ئارىسىدىكى ئوۋچىلىق پائالىيەتلىرىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشكە تېگىشلىك ، ئەلۋەتتە .[1]

  1. مۇھەررىر : قەيسەر قېيۇم; مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى؛ ۋاقىت: 2009- 05- 19 17:40؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-05/19/content_195143.htm