دولان راۋابى

ئورنى Wikipedia

دولان راۋابى ئەڭ قەدىمكى راۋابلارنىڭ بىرى بولۇپ، دەستىسى بەربابقا ئوخشاش كەڭ ياسىلىدۇ. دولان راۋابىنىڭ دەستىسىگە ئادەتتە پەدە باغلانمايدۇ. بۇ ئۇنى ناھايىتى ئەپچىل سىيرىپ چېلىش، بەزى ئالاھىدە مىللىي پۇراقلارنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ياخشى شەرت ـ شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. دولان راۋابىنىڭ يۈزلۈكىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 90 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. كۆپىنچىسىگە 15 ـ 19 غىچە تار سېلىنىدۇ. بۇنىڭدىكى ئۈچ تال تارى ئاساسىي تار بولۇپ، باشقىلىرى قوشۇمچە ئەكس سادا قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. قىسقا ئىككى مۈڭگۈزى باش قىسمىدىن سەل يۇقىرىراق ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئۇسلۇبتا نەقىش قويۇلغان. دولان راۋابى ئۈجمە ۋە ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسىلىپ يۈزلۈكىگە ئات، ئېشەك تېرىسى كېرىلىدۇ. بۇرۇنقى نۇسخىلىرىغا ئۈچەي تار سېلىناتتى. ھازىر ئاساسەن پولات سىم سېلىنىدىغان بولدى. ئۇنىڭ باش قىسمى ياپىلاقراق، كەڭ كەلگەچكە، ئادەتتە قۇچاققا يانتۇ قويۇپ چېلىنىدۇ.

بۇ خىل راۋاب ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەكىت، مارالبېشى، ئاۋات ناھىيىسى قاتارلىق دولان رايونلىرىغا كەڭ تارقالغاچقا «دولان راۋابى» دەپ ئاتالغان