دونالد ترامپ كىم جوڭ ئۇن 2018 سىىڭگاپور ئۇچىرىششى

ئورنى Wikipedia
دونالىد ترامپ
ترامپ كىم قول ئېلىشىپ كۈرۈشمەكتە

2018 دونالد ترامپ كىم جوڭ ئۇن ئۇچىرىشىشى بولسا 2018-يىلى سىڭگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن ئا ق ش جۇمھۇر رەئىسى دونالد ترامپ ۋە شىمالى كورىيە دىموكراتىك جۇمھۇريىتىنىڭ ئالى رەھبىرى كىم جوڭ ئۇن ئوتىرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچىرىشىشى. بۇ ئۇچىرىشىشنىڭ ئاساسى مەقسىتى بولسا ئامىرىكا، شىمالى كورىيە، جەنۇبى كورىيە ئوتتۇرىسىدا چاۋشىيەن ئۇرۇشىدىن ھازىرغە قەدەر ساقىلىنىپ كىلىۋاتقان دۈشمەنلىككە خاتىمە بېرىىش، شۇنداقلار كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادىروسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئۇڭۇشلۇق تۈگۈتۈش، شىمالى كورىيەگە قارىتا يۈرگۈزگەن ئىمبارگونى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئىككى دۈشمەن دۆلەت ئەل باشىنىڭ تۇنچى قېتىم كۈرۈشىشى ھىسابلىندۇ. شۇڭلاشقا، بۇ قېتىمقى يېغىن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ قېتىمقى ئۇچىرىشىشنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن 2500 دىن ئارتۇق مۇخبىر ۋە تاراتقۇ ۋەكىللىر سىڭگاپورغا يىغىلىدى.

ئامىرىكا تەرەپ ئىشلەتكەن بۇ قېتىمقى ئۇچىرشىشىنىڭ لوگوسى

ئاساسى ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

سىڭگاپور
كەپېللا سارىيى

ساھىبخان دۆلەت: سىڭگاپور[تەھرىرلەش]

ۋاقىت: 2018-يىلى 12 ئىيۇل (سىڭگاپور ۋاقتى)

ئۈتكۈزۈلگەن ساراي: كاپېللا مىھمانخانىسى

بۇ قېتىملىق ئۇچىرشىشىنى خاتىرلەش ئۈچۈن تاقىتىلغان خاتىرە تەڭگىسى
قوش تەرەپ ئۇچىرىشىشى

ئىشتراك قىلغۇچىلار:[تەھرىرلەش]

دونالد ترامپ ( ئا ق ش جۇمھۇر رەئىسى)

ترامپىنىڭ ئۇچىرىشىشنى بىكار قىلىش ئۇچۈن كىمغا يازغان خېتى

كىم جوڭ ئۇن ( شىمالى كورىيە جۇمھۇريىتىنىڭ ئالى رەھبىرى)

ھاۋا ئارمىيەسى 1-نۇمۇر سىڭگاپور ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يىتىپ باردى

نام -ئاتىقى[تەھرىرلەش]

كورىيەچە: 조미 수뇌상봉

خەنچە: 朝美 首腦相逢

ئېنگىلىزچە: 2018 North Korea–United States summit

كىم جوڭ ئۇن سىڭگاپورغا بارغاندا ئىشلەتكەن جوڭگو ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ بوئىن 747-تىپلىق ئۇچقۇسى

ئۇيغۇرچە: دونالد ترامپ كىم جوڭ ئۇن 2018 يىلى سىڭگاپور ئۇچىرىشىشى

كىم جوڭ ئۇننىڭ ترامپقا يازغان خېتى
تاراتقۇلار نەق مەيداندا

ۋاقىت ئوقى[تەھرىرلەش]

2018-يىلى 5 مارت جەنۇبىي كورىيە ئالاھىدە ۋەكىللىرى 3-قېتىملىق شىمالى جەنۇبى كورىيە تىنىچلىق سۆھبىتى ئۈتكۈزۈشنى قارار قىلدى.

2018-يىلى 6-مارت ، جەنۇبىي كورىيە دۆلەت خەۋىپسىزلىك مەسلىھەتچىسى چوڭ ئۇي يوڭ كورىيەگە قايتقاندىنى كىيىن ، دۆلەتلىك ئۇچۇر ئىشخانىسنىڭ مۇدىرى سۇخ خۇن بىلەن ئامىرىكىغا بېرىپ دونالد ترامپقا يېقىندا بۇلىدىغان ئۇچىرىشىش توغىرسىدا مەلۇمات بەردى، ھەمدە دونالد ترمپنى كىم جوڭ ئۇن بىلەن كۈرۈشۈشكە دەۋەت قىلدى. جەنۇنبىي كورىيە دۆلەت خەۋىپسىزلىك ئىشلىرى مەسلھەتچىسى جوڭ ئەپەندى ئاشكارا ھالدا ترامپ كىم ئۇچىرىشىشىنىڭ تەخمىنەن 2018-يىلى 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلدىغانلىقىن ئىلان قىلدى.

ئاقساراي ب د ت ئىمبارگوسىنىڭ تاكى ئامىرىكا ۋە شىمالى كورىيەنىڭ بىتىم تۈزگۈچە ئىجىرا قىلىندىغانلىقىن بىلدۈردى.

جەنۇنبىي كورىيە دۆلەت خەۋىپسىزلىك ئىشلىرى مەسلھەتچىسى چوڭ ئۇي يوڭ 2018-يىلى 12-13 مارت جوڭگونى زىيارەت قىلىپ كەلگۈسىدىكى ئامىرىكا، كورىيە ئارىسىدىكى ئۇچىرىشىش توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

2018-يىلى 25-28 مارت، كىم جوڭ ئۇن پويىر بىلەن بېيجىڭغان بېىرىپ شى جىن پىڭ بىلەن كۈرۈشتى.

2018-يىلى 9 ئاپىرىل، شىمالى كورىيە ئورگان ئاگىنتىلىق كورىيە مەركىزى خەۋەر ئاگىنتلىقى تۇنچى قېىتم كىم جوڭ ئۇننىڭ كورىيە ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ بىر قېىتمىلىق يىغىنىدا پات يېقىندا ئۆتكۈزۈلدىغان ترماپ كىم ئۇچىرىشىشى ھەققىدىكى ياياناتىنى خەۋەر قىلدى.

2018-يىلى 11 ئاپىرىل شىمالى كورىيە كورىيە يېرىم ئارلىنى يادىروسىزلاشۇرۇش ئۈچۈن بەش شەرتىنى ئىلان قىلدى

2018-يىلى 27 ئاپىرىل شىمال-جەنۇب كورىيە ئۇچىرىشىشى پانمۇنجۇندىكى تىنىچلىق سارىيدىدا ئۆتكۈزۈلدى.

2018-يىلى 24 ماي ترامپ كىم جوڭ ئۇنغان خەت يېزىپ ئۇچىرىشىشنى بىكار قىلغانلىقنى ئىلان قىلدى. ئۇ خېتىدە " سىزنىڭ يېقىنقى ياياناتىڭزىدىكى دۈشمەنلىك ۋە ئاچچىق ھېسىياتىڭىز،،،،، بۇ قېىتمقى ئۇچىرىشىشقا قەتتىي ماس كەلىمىدى" دەپ يازدى

2018-يىلى 25 ماي ترامىپ شىمالىك كورىيە تەرەپتىن كەلگەن دوستانە ، ناھايىتى ياخشى باتاناتتىن كىيىن ئۇچىرىشىشىنىڭ ئەسلىگە كىلىش مۇمكىنچلىكىن ئىلان قىلدى.

2018-يىلى 30 ماي، شىمالى كورىيەنىڭ گېنىرالى كىم يوڭ چول نيوۋيوركقا كىلىپ ئ ق ش دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىو بىلەن كۈرۈشتى. ترامپ چولى ئېلىپىس شەكىللىك ئشخانىدا قۇبۇل قىلدى. چول ترمپقا كىمنىڭ ئۆزى يازغان خېتىنى تاپشۇرۇپ بەردى.

2018-يىلى 1-ئىيۇن ترامىپ ئىككى ئەيلەن ئوتتۇرسىسىدىكى ئۇچۇرىشىشنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىن ئىلان قىلدى. ھەمدە ئۇنىڭ 12-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلدىغانلىقىن ئىلان قىلدى.

2018-يىلى 3-ئىيۇن ئالى رەھبەر كىم جوڭ ئۇن شىمال كىورىيە ئارمىيسىنىڭ 3 نەپەر قىتەلەر ئارا بالىستك بومبىسىغا مەسئۇل ئالى گېنىرالىنى ۋەزىپىسىدىن ئېىلىپ تاشلىدى.

4-ئىيۇن ئاقساراي تاراتقۇ باياناتچىسى ساراخ سەندېرىس ئۇچىرىشىشنىڭ سىڭگاپور ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9 دا بۇلدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ئەتىسى ئۇ تىۋىتىر ئارقىلىق ئۇچىرىشىشنىڭ ئىنىق ئادىرىسىنىڭ كەپېللادا ئىككەنلىكىنى ئىلان قىلىدى

ۋەكىللەر ئۈمىكى ئەزالىرى[تەھرىرلەش]

ئامىرىكا[تەھرىرلەش]

جۇمھۇر رەئىس: دونالد ترامپ

دۆلەت ئىشلىرى باش كاتىپى: مايىك پومپىو

ئاقساراي شىتاپ باشلىقى: جون ف كەللىي

دۆلەت خەۋەپسىزلىك مەسلىھەتچىسى: جون ر بولتون

شىمالى كورىيە[تەھرىرلەش]

دۆلەت ئىشلىرى كومىتىتىنىڭ كومىسارى: كىم جوڭ ئۇن

دىپلوماتىيە مىنىستىرى: رى يوڭ خو

شىمالى كورىيە ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى: كىم يوڭ چول

ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزى كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى: رى سۇ يوڭ

باشقا ۋەكىللەر[تەھرىرلەش]

ئامىرىكا[تەھرىرلەش]
دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭ ئۇن يىغىن زالىغا قاراپ دادىل قەدەم باسماقتا
كابىنىت ئەزالىرى[تەھرىرلەش]

دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرى كاتىپنىڭ ئاسىيا تىچ ئوكيان رايونغا مەسئۇل ياردەمچى كاتىپى

دونالد ترامىپ بىلەن كىم جوڭ ئۇن تارتقۇلار ئۇچىرشىشىدىن كىيىن بىرمۇ بىر يۈز تۇرانە پارڭلاشماقتا
ئاقساراي[تەھرىرلەش]

ئاقساراي تاراتقۇ كاتىپى: سارا سەندېىر

جۇمھۇر رەئىسنىڭ ئالى مەسلىھەتچىسى: ستەفىن مىللىر

دۆلەت خەۋەپسىزلىك كومىتىتى[تەھرىرلەش]

مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى: مىرا رىكاردى

ئىستىرتىگىيلىك ئالاقىلىشىشى مۇدىرى: سارا تىنسىلي

ئاسيا ئشىلرى بۈلۈمنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇدىرى: مەسىيۇپ پوتېڭىر

شەرقىي جەنۇبىي ئاسيا ئىشلىرنىڭ مۇدىرى: بېرىنان رىچاردىس

ئەزاسى: ئالىسون خۇككىر

مەركىرى ئاخبارات ئىدارىسى[تەھرىرلەش]

شىمالىي كورىيە ۋەزىپىسى ئىشخانىسنىڭ مۇدىرى: ئاندىرۇۋ كىم

ئامىرىكنىڭ ئەلچىلىرى[تەھرىرلەش]

فىلىپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى: سۇڭ كىم

بىرازىليەدە تۇرۇشلۇق ئەلچى: پ. مايكول مەكنېلىي

سىڭگاپوردا تۇرۇشلۇق مۇۋەققەت باش ئەلچى:: ستەفېن سىپتەك رامناخ

سىڭگاپور ئەلچىخانسىدىكى ئىقتىساد ۋە سىياسىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى : مەلىسا بىروۋىن

كىم يوڭ چول
شىمالى كورىيە[تەھرىرلەش]
كابىنت ئەزالىرى[تەھرىرلەش]

دۆلەت قۇرالىق كۈچىلىرى ۋەزىرى: نو كۋاڭ چول

مۇئاۋىن دىپلومتىيە ۋەزىرى: چو سون خۇي

ئەمگەك پارتىيەسى[تەھرىرلەش]

تەشۋىقات بۈلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى: كىم يو جوڭ

دۆلەت ئىشلىرى كومىتىتى ۋە مەركىزى كومىتىتىنىڭ باشقا ئەزالىرى

خەلىقارالىق ئىنكاس[تەھرىرلەش]

روسىيە[تەھرىرلەش]

دىپلوماتىيە ۋەزىرى لاۋروف " ئاتەش ۋە ئاچچىق" قا سېلىشتۇرغاندا " بۇ ناھايتى توغرا بېسىلغان بىر قەدەم" دەپ باھا بەردى . ئۇ يەنە شىمالى كورىيە بىلەن ئامىرىكىنڭ مۇناسىۋەلىرىنى نورماللاشتۇرۇشى كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم دېدى.

ۋىلادىمىر پۇتىن بۇ ئۇچىرىشىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلۇشغان تىلەكداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈدى. ئۇ يەنە خەلقئارار جەميەتنى شىمالى كورىيەگە ئىقتسادى جەھەتتىن ياردەم بېىرىش ئارقىلىق شىمالى كورىيەنى يادىرو قۇراللرىنى تاشلىۋىتى يۈنىلىشگە تەرەققىي قىلدۇرۇش كىرەك دېدى.

جەنۇبى كورىيە[تەھرىرلەش]

ئەلباشى مون جا ئىن دونالد ترامپ ۋە كىم جوڭ ئۇننىڭ ئۇلارنىڭ تۇنچى ئۇچىرىشىشدا يۈرەكلىك ھالدا قارار چىقىرشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىن بىلدۈرۈدى.


گېىرمانىيە[تەھرىرلەش]

ئانگېلا مېركېىل دونالد ترامى بىلەن كىم جوڭ ئۇننىڭ ئۇچىىرشىشىغا، كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادىروسىسىلىشىشى مۇساپىسغا ناھايتىتى ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.