دىئونىزوس ۋە تېئوس قەدىمكى شەھىرى
دىئونىزوس ۋە تېئوس قەدىمكى شەھىرى
ئىزمىرنىڭ سەفەرىھىسار ناھىيەسىگە جايلاشقان تېئوس قەدىمىي شەھىرىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردە ئىئونىيە رايونىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ كونا شەھەرلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم. جۇغراپىيەلىك ئورنى زور ئەۋزەللىك ئاتا قىلغان تېئوس، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سودا ئەھمىيىتى يۇقىرى چوڭ شەھەرگە ئايلىنىدۇ. ئۇ بىر پورت شەھىرى بولۇپ، ئىككى پورتى بار ئىدى. جەنۇبتىكى پورت پىرىستانلىرى ئانادولۇ دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى قەدىمكى دەۋرلەردىن زامانىمىزغىچە ئەڭ ياخشى ساقلىنىپ قالغان پىرىستانلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. قېدىرىپ تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، تېئوس پورتىغا ئەللىك پاراخوتنىڭ لەڭگەر تاشلىيالايدىغانلىقى ئېنىقلاندى. ئۇ دەۋرگە نىسبەتەن بۇ ھەرگىزمۇ ئاز سان ئەمەس. ئۇ بىر پورت شەھىرى بولغاچقا، دېڭىز سودىسىدا ئاكتىپ رول ئويناپ، تېز تەرەققىي قىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېنېقلىشىچە، ئۇلارنىڭ سودا مۇناسىۋىتى قەدىمكى مىسىرغىچە تۇتىشىدىكەن.