دىققەت تارتىش ئارقىلىق تەشۋىقات قىلىش ئۇسۇلى
مۇھەممەت ئابدۇمىجىت
دىققەت تارتىش ئارقىلىق تەشۋىقات قىلىش ئۇسۇلى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان، باشقىلار بۇ تەشۋىقاتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئۆزىمۇ سەزەلمەيدىغان ئۇسۇللاردىن بىرى بولۇپ، كۆپىنچە كۆرۈنۈش ئاساس ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاممىۋىي ئەس (خاتىرە) ۋە ئاممىنىڭ ئېڭىدا ساقلىنىپ قېلىش تەشۋىقاتنىڭ مەقسىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندە بۇلارنىڭ بىر قانچە تۈرى تونۇشتۇرۇلغان.
1. باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش ئۇسۇلى
بۇ ئۇسۇلدا تەشۋىقات قىلىشنى مەقسەت قىلغۇچى تەشۋىقات مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ياكى تەشۋىق قىلىنىدىغان مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كىيىم-كېچەك، باش كىيىم (شەپكە، دوپپا، ياغلىق، شارپا)، گالىستۇك، ئىزنەك، ئۈزۈك، سائەت، تېلېفون قاپچۇقى، سومكا، چامادان، ئارخىپ خالتىسى، دەپتەر، قەلەم قاتارلىقلارنى مەقسەتلىك ئىشلىتىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىلىدىغان نۇقتا بۇ بويۇملارنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىغۇدەك دەرىجىدە يارقىن ۋە ئۆزگىچە بولۇشىدۇر. بۇ كۆرۈنۈشلەر ۋە بەلگىلەر كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇپ سوئال سوراشقا ئۈندەيدۇ. بۇ دەل بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ مەقسىتى بولۇپ، تەشۋىقات قىلغۇچى ياكى تونۇشتۇرغۇچى باشقىلارنىڭ سوئال سورىشى بىلەن ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈش ۋە بەلگىلەرگە باغلاپ ئەسلى مۇددىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.
ئەمما ئورۇن ۋە ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ خىل ئۇسۇل كۆپىنچە ھاللاردا قىسقا ۋاقىتتا ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا، تەشۋىق قىلغۇچى دېيىلىدىغان مەزمۇنلارنى ناھايىتى ئىخچام ۋە مېغىزلىق قىلىپ راۋان چىقىرالايدىغان بولۇشى كېرەك. بۇ ئۇسۇل مۇھاجىرەتتىكى ھەربىر ئۇيغۇرغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار شەرقىي تۈركىستان ياكى مەشھۇر ئۇيغۇر شەخسلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىسىم ۋە رەڭلەردە قەلەم، دەپتەر، سومكا قاتارلىقلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ. قىشلىق پوسما، يازلىق دوپپا، شەپكىلەرنى، شارپا-ياغلىقلارنى كۆك رەڭدە ياكى ئۇيغۇرنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرىدىغان تۇرمۇش بويۇملىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارخىپ خالتىسى، قەلەمدان قاتارلىقلارنى، گالىستۇكلىرىنى تاللىغاندا ئۇيغۇرلارغا خاس رەڭ ۋە بەلگىلەرگە ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا تاللىسا بولىدۇ. مەسىلەن، قەلەمدانلىرىغا بىر كىچىك بايراق تىكلەپ قويۇش، ئىشخانا ئۈستىدىلكى قەلەمدن ياكى زىننەت كىمىگە بايراق ئېسىپ قويۇش دېگەندەك. تىجارەتچىلەر دۇكانلىرىغا ئۇيغۇرچە ئىسىم ياكى يەرنامى قوللىنىش، دۇكانلىرىغا ۋەتەننىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى، مەشھۇر شەخسلەرنىڭ رەسىملىرى، مىللىي چالغۇلارنى ئاسسا بولىدۇ. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت كىشىلەردە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر قىزىقىش پەيدا قىلىش، سوئال سوراشقا، ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئىقتىسادىي چىقىم ناھايىتى ئاز سەرپ قىلىنىدۇ.
2. باشقىلارنىڭ كۆزىگە چېلىقىش ئۇسۇلى
بۇ ئۇسۇل بىرئاز ئاممىباپ بولۇپ، ئېلان تۈسىنى ئالغان بولىدۇ. ماشىنا ساقلاش بېكىتىدىكى ئېلان تاختىلىرى، شەھەر يولىدىكى سىتولبىلارغا ئېسىلغان ئېلان تاختىلىرى، تونېل، يەر ئاستى ئۆتۈشمە يوللاردىكى ئېلان تاختىلىرىنى كۈنلۈك، ھەپتىلىك، ئايلىق سېتىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئېلان تاختىسىغا چىقىرىلىدىغان مەزمۇندىن ئىبارەت. بۇ تاختايلار تىجارەت خاراكتېرلىك بولغاچقا، ئېستېتىك زوق بېرىدىغان، شەھەر مەنزىرىسىگە تۈس قوشىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇيغۇر داۋاسىغا بۇ تەشۋىقات تاختىلىرىنى ئىشلىتىش مۇمكىنمۇ دېيىلسە، ئەلۋەتتە مۇمكىن. مەسىلەن، ئېلان تاختىسىنى بىر ئىمزا پائالىيىتىنى باھانە قىلىپ سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. ئەمما بۇ تاختا ئىمزادىن بەكرەك بىر نەرسە ئاڭلىتالايدىشى كېرەك. مەسىلەن، بىر ئىمزا پائالىيىتى ئۈچۈن بۇ تاختىلار ئىشلىتىلدى دېيىلسە، تاختايغا نېمىلەر چىقىرىلىشى كېرەك؟ بىر پارچە رەسىممۇ؟ بىر پارچە خەرىتىمۇ؟ مەنچە سىتولبا ئېلان تاختىلىرىغا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك، تەسىرى كۈچى ئەڭ زور بولغان بىر پارچە رەسىم ۋە بىر قانچە جۈملە سۆز يېتەرلىك. مەسىلەن، ھازىر تۈركىيەدە يېڭىدىن پەيدا بولغان بىر جۈملە سۆز بار: «شەرقىي تۈركىستان ئانادولۇدۇر». بۇنىڭدىن باشقا: «ئاسارەتتىكى مەھمۇت قەشقىرى يۇرتى شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنتۇما»، «مەزلۇم ئىزدەسەڭ شەرقىي تۈركىستان مەزلۇملارنىڭ مەزلۇمىدۇر» دېگەندەك...
تونېل، يەرئاستى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەر ۋە ئاممىۋىي كوچا ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدىكى ئېلان تاختىلىرى تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولۇپ، ئالاھىدە كۈنلەردە، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە تاللاپ پايدىلىنىشقا ئەرزىيدىغان ئەڭ ياخشى ئورۇنلاردۇر. بۇ ئورۇنلارغا بېرىلگەن تاختا ئېلانلىرىغا تېخىمۇ تەپسىلىي مەزمۇن بېرىشكە بولىدۇ. ھەتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن تارىخىنى يېزىشقا، ياكى زۇلۇم ئەكس ئەتتۈرىدىغان رەسىم كۆرگەزمىسى، ياكى مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى شەكلىدە قوللىنىشقا بولىدۇ. بولۇپمۇ يەرئاستى ئۆتۈشمە يوللار. كوچا ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدىكى ئېلان تاختىلىرىغا قىسقا مەزمۇن ۋە ئوچۇق سۈرەتلەر ئىشلىتىلىدۇ، QR كود ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۇچۇر ئامبىرىغا سۆرەپ كىرىش مەقسەت قىلىنىدۇ. يەنى، ئېلان تاختىسىنىڭ مەلۇم يېرىگە چوڭ ۋە ئوچۇق قىلىپ QR كود جايلاشتۇرۇلىدۇ ۋە بۇ كودقا بىز يەتكۈزمەكچى بولغان مەزمۇنلار قاچىلانغان بولىدۇ.
بۇ ئۇسۇلنىڭ يەنە بىر تۈرى كوچا ئاپتوبۇسنىڭ ئېلان تاختىلىرى ۋە تۇتقۇچىنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى. بۇ ئۇسۇلمۇ يۇقىرىقى ئۇسۇللارغا ئوخشاپ كېتىدۇ، مەزمۇن ۋە لايىھەلىنىش جەھەتتىنلا بىرئاز پەرقلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇل تىجارەت خاراكتېرلىك ئورۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئىقتىساد كۆپرەك كېتىشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن يۇقىرىقى ئۇسۇلنى ئۈنۈملۈك قورالغا ئايلاندۇرالايدىغانلار تەشكىلاتچىلار ياكى بايلار بولۇپ، كۆپ سانلىق ئاۋامنىڭ ياكى نورمال كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا كۈچى يەتمەيدۇ.
3. ئېكراندا چېلىقىش ئۇسۇلى
بۇ ئۇسۇلمۇ ئىككىنچى ئۇسۇلغا ئوخشاش كېتىدۇ، ئوخشىمايدىغان يېرى بۇ ئۇسۇل ئىككى خىل ۋاسىتە ئارقىلىق ئۈنۈمىنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ قالىدۇ. نەقمەيدان ۋە ئېكران ئارقىلىق قوش ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئۇسۇل داڭلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى، سەنئەت كېچىلىكلىرى، بايرام-تەبرىكلەش كۈنلىرىدە سەھنىگە ئېسىلىدىغان ئېلان ئورۇنلىرىنى تەشۋىقات بازىسى قىلىپ سېتىۋېلىش ئۇسۇلىدۇر. مەسىلەن، بەزى پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە 10 مىڭ ھەتتا 100 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن قاتنىشىدۇ. بۇ تۈردىكى مەيدانلاردىكى ئېلان تاختىسى ۋە لوزۇنكا ئورۇنلىرىغا چاپلانغان مەزمۇن (سۈرەت، خەت) لار تاماشىبىن ۋە ئېكران ئالدىدىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقىشىتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈم يارىتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ خىل مۇسابىقىلەرنىڭ كۆرۈرمەنلىرى بىر دۆلەت ياكى رايون بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. ھازىرقى ئىنتېرنېت ۋە مېدىيا تېخنىكىلىرى كەلتۈرگەن ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر قېتىملىق مۇسابىقىدىكى مەزمۇنلار ھەردائىم ئېكراندا قالىدۇ. بىۋاسىتە تارقىتىشتا كۆرەلمىگەنلەر YouTube ياكى بەزى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن خالىغان ۋاقىتتا تەكرار-تەكرار كۆرەلەيدۇ. دېمەك، ئېلان تاختىسى تەكرار-تەكرار كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. تۈركىيەدەك ئۇيغۇر مەسىلىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ياخشى پەيتلەردە بەلكى بەزى تەنھەرىكەت مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئىگىلىرى بۇ خىل تەلەپنى ھەقسىز ئورۇنداپ بېرىشىمۇ مۇمكىن. سەنئەت كېچىلىكى ۋە باشقا بىۋاسىتە تارقىلىدىغان مەدەنىي پائالىيەتلەرمۇ يۇقىرىدا يېزىلغانلارغا قىياسلانسا بولىدۇ.
بۇ خىل ئۇسۇلمۇ ئوخشاشلا جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىرى بار كىشىلەر ياكى مۇناسىۋەت دائىرىسى كەڭ ۋە كۈچلۈك كىشىلەر ۋە ياكى تەشكىلاتچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۈنۈم بېرىدۇ. شۇنداقلا، يۇقىرىقى ئۇسۇللار قوللىنىش توغرا كەلسە، ئادەم كۆپ توپلانغان ياكى ئادەم ئېقىشى كۆپ بولغان يەرلەرنىڭ تاللىنىلىشى ھەم نەتىجىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغانلاردىن بىرىنچى ئۇسۇلدىن باشقىلىرى تىجارەت خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، بەزى ئېلان شىركەتلىرىنىڭ كەسپىي پىرىنسىپى، ئېلان ئېلىش شەرتلىرى بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئۇسۇللارنى سىناشتىن ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش ئاقىلانىلىكتۇر.
مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.