دىلشات ئابلا

ئورنى Wikipedia

دىلشات ئابلا 1962-يىلى 7-ئايدا ئاقسۇ ئاۋاتتا تۇغۇلغان. دوكتور ئاشتى، ئالاھىدە تەتقىقاتچى. ئۇ ئاساسلىقى «ئادەملەر تىلنى قانداق قوبۇل قىلىدۇ؟»،«چوڭلارنىڭ تىل قوبۇل قىلىشى نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭكىدىن ئاستا بولىدۇ؟»، «مېڭە قانداق قىلىپ ئارقىمۇ-ئارقا ياندىشىپ كەلگەن چاتما ئۇچۇرلار (تىل، مۇزىكا قاتارلىقلار) نى بۆلەككە ئايرىيدۇ، ئۆگىنىدۇ ۋە ئەستە قالدۇرۇدۇ» قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە، 64 قاناللىق مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى (EEG) ۋە ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق (near-infrared spectroscopy) مېڭە قان ئېقىمىنى ئۈلچەش تېخنىكىلىرى بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا. ئۇ ھازىر ياپونىيە پەن-تېخنىكا ئاكادېمىيىسى (Japan Science and Technology Agency) نىڭ چەتئەللىك ئالاھىدە تەتقىقاتچىسى، ياپونىيە ھۈكۈمىتىگە قاراشلىق ئالىي تەتقىقات رايونى - RIKEN قارمىغىدىكى مېڭە تەتقىقات مەركىزى ( Brain Science Institute) نىڭ مۇقىم تەتقىقاتچىسى.


دىلشات ئابلا ياپونىيە پەن-تېخنىكا ئاكادىمىيىسىنىڭ 21-ئەسىر دۆلەتلىك نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرىدىن بىرىنى ئورۇندىدى. نۆۋەتتە RIKEN مېڭە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەخسۇس تەتقىقات تۈرىدىن باشقا، ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىگى «مېڭە ۋە ئۇچۇر» تەتقىقات فوندىنىڭ تۈرىگە گۇرۇپپا ئەزاسى بولۇپ قاتناشماقتا. خەلقئارالىق ژورنال ۋە خەلقئارالىق چوڭ يىغىنلاردا 40 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ھازىرقى«تىل ۋە مېڭە» ئۈستىدىكى تەتقىقاتىنىڭ باشلىنىشى، ئۇنىڭ ئۈز ئانا تىلى ئۇيغۇرچىدىن باشقا خەنزۇچە، ياپونچە، ئىڭگلىزچە تىللىرىغا پۇختا بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۇ چوڭلارنىڭ 2-تىل ئۈگىنىش قىيىنچىلىغىنى يېڭىش ۋە تىل ئىقتىدارى زەخمىلەنگەن بىمارلارنىڭ تىلنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق بولغان تەتقىقات مىۋىلىرىنى ياراتماقتا.

ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ۋە تەتقىقات ئىش-ئىزلىرى 2003-يىلى ياپونىيەدىكى «پىسخىلوگىيە دۇنياسى» ناملىق ژۇرنالدا تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. دىلشات ئابلا يەنە دوكتور ۋە ماگىستېرلىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى، ياپونىيە چىبا ئۇنىۋىرسىتېتنىڭ تەكلىپلىك لېكتورى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە. ئۇ يەنە ياپونىيە نېرۋا پەنلەر جەمئىيىتى، ياپونىيە فىزىئولوگىيە جەمئىيىتى، ياپونىيە كلىنىكا نېرۋا-فىزىئولوگىيە جەمئىيىتى، ئامېرىكا نېرۋا پەنلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.