دىلشات قېيۇم نۇر

ئورنى Wikipedia

دىلشات قېيۇم نۇر شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

دىلشات قېيۇم نۇر 1971-يىلى 12-فېۋرال غۇلجا كۆكدالا دېھقانچىلىق مەيدانى (64-پولك)دا ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كېيىنچە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۇرپان شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ تۇلۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تۇرپان شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1989-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىلى فاكۇلتېتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، 1998-يىلىغىچە تۇرپان شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.

  1998-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە تۇرپان شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 2007 –يىلىدىن 2016-يىلىغىچە تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم (ھازىرقى ئىدىقۇت رايونلۇق پارتكوم) تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن، 2016-يىلى 4-ئايدا ئىدىقۇت رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن.

  دىلشات قېيۇم 1987-يىلى تۇرپان ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «كېسەلنىڭ سىرى» ناملىق ساتېراسى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن، ھازىرغىچە شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «سۆيگۈ ئۈچۈن» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «قاق بولغان ئالما» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. بىر تۈركۈم غەزەللىرى 9-نۆۋەتلىك، «قاق بولغان ئالما» ناملىق پوۋېستى 14-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «تىلەك»، «ئايدەك ئايخان» ناملىق ئىككى ئېتۇتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ مۇكاپاتلىنىپ، سەھنىلەردە ئوينىلىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

  «قاق بولغان ئالما»، «بوۋاي ۋە ئىت» ناملىق پوۋېستى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، شىنجاڭ «مىللەتلەر ئەدەبىي مەجمۇئەسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. «قاق بولغان ئالما » ناملىق پوۋېستى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى نەشر قىلغان 2014-يىللىق نادىر پوۋېستلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. بىر تۈركۈم ئەدەبىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى «تۇرپان ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى باھالاش پائالىيىتى ۋە ۋىلايەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھەرخىل ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇسابىقىلىرىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سەككىز قېتىم مۇكاپاتلانغان. «ئەلۋىدا، ئايجامال»، «ئوتلۇق نەپەسلەر»، «ئۆتكۈر ئەپەندى ئابىدىلىرى» قاتارلىق توپلاملارغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. 1993-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي تەرجىمە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھازىرغىچە رومان، پوۋېست، ھېكايە، شېئىر بولۇپ 250 پارچىگە يېقىن تەرجىمە ئەسىرى «دۇنيا ئەدەبىياتى»، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «تۇرپان گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. ھەرقايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن «ئادىمىزاتسىز رايون» (بۇ توپلامغا يەنە «دېڭىز ئەتە ئارقىغا قايتىدۇ» ناملىق رومانمۇ كىرگۈزۈلگەن)،«تەڭداشسىز مۇھەببەت» (بۇ توپلامغا يەنە «سىتىۋولدىكى ئوق» ناملىق پوۋىستىمۇ كىرگۈزۈلگەن)، «كۆك يىلان» ( پوۋسېتلار توپلىمى)، «سۆسۈن ئارپا» (رومان)، «چاققاق ئوت» (ھېكايىلەر توپلىمى)،«تاسادىپىي بوشلۇق» (ئىككى قىسىملىق رومان)، «ئىلاھى پەيلىك يىلاننىڭ تىللارەڭ كۆزى»، «مىس تاۋۇتتىكى دەپنە مۇراسىمى»، «ئاشۇ ۋەھىمىلىك چۈشتىن كىيىن» قاتارلىق تەرجىمە كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. جۇڭگو مىللەتلىرى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى، ئەدەبىي تەرجىمىلەر، شىنجاڭ ئىتتىپاق تورى، «تۇرپان» ژۇرنىلى، «تۇرپان گېزىتى» قاتارلىق نەشر ئەپكارلىرىدا ئىش – ئىزلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان. 2016-يىلى 19-مارت ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەرجىمانلار شۆبە جەمئىيىتى بىلەن تۇرپان شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە «دىلشات قېيۇم ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نى داغدۇغىلىق ئېچىپ، ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىي تەرجىمە جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرى ۋە تۇرپاننىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، پۇتبولچىلىق ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ ھۆرمىتىگە تون كىيگۈزۈلدى.

  1999- يىلى ئۇ تۇنجى نۆۋەتلىك تۇرپان «ئىتتىپاق لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭ ئۇدا 13يىل ئۇيۇشتۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىدىقۇت دىيارىدا يەنە بىر قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك «تۇرپان پۇتبول روھى»نىڭ ئويغىنىشىغا تۈرتكە بولغان.

  ئۇ ھازىر تۇرپان شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى 16-قارارلىق ئالىي تەتقىقات سىنىپى (ئاز سانلىق مىللەت ئالىي تەرجىمانلار سىنىپى)نىڭ ئوقۇغۇچىسى. شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان دىلشات قېيۇم نۇر 1971-يىلى 12-فېۋرال غۇلجا كۆكدالا دېھقانچىلىق مەيدانى (64-پولك)دا ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كېيىنچە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۇرپان شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ تۇلۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تۇرپان شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1989-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىلى فاكۇلتېتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، 1998-يىلىغىچە تۇرپان شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.

  1998-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە تۇرپان شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 2007 –يىلىدىن 2016-يىلىغىچە تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم (ھازىرقى ئىدىقۇت رايونلۇق پارتكوم) تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن، 2016-يىلى 4-ئايدا ئىدىقۇت رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن.

  دىلشات قېيۇم 1987-يىلى تۇرپان ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «كېسەلنىڭ سىرى» ناملىق ساتېراسى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن، ھازىرغىچە شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «سۆيگۈ ئۈچۈن» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «قاق بولغان ئالما» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. بىر تۈركۈم غەزەللىرى 9-نۆۋەتلىك، «قاق بولغان ئالما» ناملىق پوۋېستى 14-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «تىلەك»، «ئايدەك ئايخان» ناملىق ئىككى ئېتۇتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ مۇكاپاتلىنىپ، سەھنىلەردە ئوينىلىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

  «قاق بولغان ئالما»، «بوۋاي ۋە ئىت» ناملىق پوۋېستى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، شىنجاڭ «مىللەتلەر ئەدەبىي مەجمۇئەسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. «قاق بولغان ئالما » ناملىق پوۋېستى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى نەشر قىلغان 2014-يىللىق نادىر پوۋېستلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. بىر تۈركۈم ئەدەبىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى «تۇرپان ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى باھالاش پائالىيىتى ۋە ۋىلايەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھەرخىل ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇسابىقىلىرىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سەككىز قېتىم مۇكاپاتلانغان. «ئەلۋىدا، ئايجامال»، «ئوتلۇق نەپەسلەر»، «ئۆتكۈر ئەپەندى ئابىدىلىرى» قاتارلىق توپلاملارغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. 1993-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي تەرجىمە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھازىرغىچە رومان، پوۋېست، ھېكايە، شېئىر بولۇپ 250 پارچىگە يېقىن تەرجىمە ئەسىرى «دۇنيا ئەدەبىياتى»، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «تۇرپان گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. ھەرقايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن «ئادىمىزاتسىز رايون» (بۇ توپلامغا يەنە «دېڭىز ئەتە ئارقىغا قايتىدۇ» ناملىق رومانمۇ كىرگۈزۈلگەن)،«تەڭداشسىز مۇھەببەت» (بۇ توپلامغا يەنە «سىتىۋولدىكى ئوق» ناملىق پوۋىستىمۇ كىرگۈزۈلگەن)، «كۆك يىلان» ( پوۋسېتلار توپلىمى)، «سۆسۈن ئارپا» (رومان)، «چاققاق ئوت» (ھېكايىلەر توپلىمى)،«تاسادىپىي بوشلۇق» (ئىككى قىسىملىق رومان)، «ئىلاھى پەيلىك يىلاننىڭ تىللارەڭ كۆزى»، «مىس تاۋۇتتىكى دەپنە مۇراسىمى»، «ئاشۇ ۋەھىمىلىك چۈشتىن كىيىن» قاتارلىق تەرجىمە كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. جۇڭگو مىللەتلىرى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى، ئەدەبىي تەرجىمىلەر، شىنجاڭ ئىتتىپاق تورى، «تۇرپان» ژۇرنىلى، «تۇرپان گېزىتى» قاتارلىق نەشر ئەپكارلىرىدا ئىش – ئىزلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان. 2016-يىلى 19-مارت ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەرجىمانلار شۆبە جەمئىيىتى بىلەن تۇرپان شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە «دىلشات قېيۇم ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نى داغدۇغىلىق ئېچىپ، ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىي تەرجىمە جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرى ۋە تۇرپاننىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، پۇتبولچىلىق ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ ھۆرمىتىگە تون كىيگۈزۈلدى.

  1999- يىلى ئۇ تۇنجى نۆۋەتلىك تۇرپان «ئىتتىپاق لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭ ئۇدا 13يىل ئۇيۇشتۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىدىقۇت دىيارىدا يەنە بىر قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك «تۇرپان پۇتبول روھى»نىڭ ئويغىنىشىغا تۈرتكە بولغان.

  ئۇ ھازىر تۇرپان شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى 16-قارارلىق ئالىي تەتقىقات سىنىپى (ئاز سانلىق مىللەت ئالىي تەرجىمانلار سىنىپى)نىڭ ئوقۇغۇچىسى.

مەنبە[تەھرىرلەش]

خەلق تورى