دىلناز مۇرات قىزى ئەخمەدىيېۋا

ئورنى Wikipedia

سەنئەتكار ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك قىزى ناخشا ساھەسىدە بىردىنلا چاقناپ چىققان يورۇق يۇلتۇز دىلناز ئەخمەدى 1980- يىلى 11- ئاينىڭ 20- كۈنى قازاقىستاننىڭ بۇرۇنقى پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدىلا ئەمەس، قازاقىستاندىكى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىدىكى ھەتتە ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەردىكى ناخشا ھېرىسمەنلىرىگە كەڭ تونۇلغان ناخشىچىمىز ھېساپلىنىدۇ. دىلناز ئۇيغۇر سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئەخمىدىلەر ئائىلىسىدىن ئىبارەت قايناق سەنئەت دەرگاھىدا تۇغۇلۇپ ئۆستى، مۇرات ئاكا ئۆزىنىڭ بۇ ئامراق قىزىنى ناخشىچى قىلىش ئويى يوق ئىدى. شۇڭا ئالىي مەكتەپتە ئىنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇتتى. چەتئەل تىلىنى پۇختا ئېگەللىگەن دىلناز ئانا تىلى ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بولۇپلا قالماي، رۇس ۋە قازاق تىلىرىنىمۇ ئانا تىلىدەك بىلىدۇ. تۈنجى ئىكران ھاياتى ھەممىمىزگە تونۇش بولغان <<سېھىرتلىك ئالما >> فىلىمىدە بىر ناخشا ئېيتقاندا ئاران 4 ياش ئىدى. 2003- يىلى قازاقىستاندىكى يۈزدىن ئارتۇق مىللەت ئىچىدىن تاللىنىپ خەلقئارالىق ناخشا فېستىۋالى (كۆرىكى ياكى بايرىمى) غا قاتنىشىپ ئالدىنقى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئىنگلىز تىلىدىكى ناخشىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ قازاقىستان مەملىكىتى ۋە بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى!

2005- يىلغا قەدەر 3 دىسكا چىقارغان بولۇپ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە مىللەت خەلىقلىرى تالىشىپ سېتىۋالدى ( چىقارغان ئەلبوملىرى: Может, однажды <<بەلكىم بىر چاغدا>> - رۇس تىلىدا، <<ۋاپادارىم>> - ئۇيغۇر تىلىىدا، Золотой <<ئالتۇنۇم>> - رۇس تىلىدا، دىلناز يەنە 2005- يىلدىن بۇيان تەييەرلاۋاتقان 4- ئۈن پلاستېنكىسى بەلكىم بۇ چاغقىچە نەشردىن چىققان بولۇشى ئېھتىمال. ) ئۇيغۇرچە ئەلبومىدىكى كۆپلىگەن ناخشىلىرى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغاچقا بىر بىرلەپ ئاتاپ يۈرمىدىم.

دىلناز ناخشىچىلىق ساھەسىدىلا تونۇلۇپ قالماي، كىنو ئاكتيورلۇق ساھەسىگە مەردانە قەدەم بىلەن كىرىپ كەلدى. 2005- مۇستەققىل قازاقىستان جۇمھۇريىتى زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ كاتتا تارىخي ھېكايە فىلىم -- <<كۆچمەنلەر>> نى ئىشلىگىگەندە رېژېسسورنىڭ دىلنازنى بىر كۆرۈپلا رولغا مۇۋاپىق دەپ ھېساپلىشى بىلەن فىلىمدىكى ئاساسلىق روللاردىن قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ قىزىنىڭ رولىنى ئالدى. ھەمدە ئامېرىكا ئاكتيورلىرى جېي ھېرناندېس، كۇنو بېكېر، مارك داكاكوس قاتارلىقلار كىنو چولپانلىرى بىلەن رولغا چىقىپ ئۆزىنىڭ ئاكتيورلوق تالانتىنى نامايەن قىلدى. دىلناز بۇ تالانتى بىلەن كىنو سەنئىتى ساھەدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم شەرەپ كەلتۈردى. نۇرغۇنلىغان كەسىپ ئەھلىلىرى دىلنازنى كىنو چولپىنى بولۇش ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئۈمىدلىك يۇلتۇز، دەپ قاراشماقتا.

دىلناز ئەخمىدىيېۋانىڭ ئۈمىدلىك كېلەچىكى ئۇنى ئۆزى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئېلىپ كەلمەكچى بولغان تېخىمۇ زور مۇۋاپىقىتيەتلىرى بىلەن چاقىرماقتا!... بىزمۇ دىلنازنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قازىنىشىغا تىلەكداشمىز.


دىلنازنىڭ ئائىلىسى

مۇرات ئەخمەدى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان مىللىتىمىزنىڭ تۆھپىكار سەنئەتكارلىرىنىڭ بىرى. مۇرات ئاكا ھازىر قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك قۇددۇس غوجامياروۋ نامىدىكى دۆلەت ئۇيغۇر تىئاتېرىنىڭ مۇدىرى. يېقىندا مۇرات ئاكا قازاقىستاندا سەنئەتكارلارغا بېرىلىشكە تېگىشلىك ئەڭ ئالىي ئاتاق -- "قازاقىستان خەلق ئارتىسى" شەرەپلىك نامىغىغا ئېرىشتى. مۇرات ئەخمەدى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى پۈتۈن سوۋېت ئەتتىپاقىغا داڭقى كەتكەن <<ياشلىق>> ئانسانبىلىنى قۇرۇپ، <<ئاپپاق-ئاپپاق توشقانلارىم>>، <<بىرىنجى مۇھەببەت>>، <<ئايدىڭ كەچلەردە>>، <<ئوينا ياشلىق>> ... قاتارلىق بىر يۈرۈش نادىر ناخشىلارنى ئىجات قىلىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ۋە رايونىمىزدا زور ئۇتۇق قازانغان.

مۇرات ئاكىمىزنىڭ ئاتىسى مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئەخمەدى 1950- يىللىرى رايونىمىزدا، كېيىنرەك قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا تونۇلغان ئاتاقلىق ناخشىچى بولۇپ، ئابدۇرېھىم ئەخمەدى ھايات ۋاقتىدا "ئۆزبەكىستان خەلق ئارتىسى" دېگەن ئالىي شەرەپ ئاتىقىغا مۇيەسسەر بولغان. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا<<تەنلىرىم ياپراق>> قاتارلىق ئېسىل ناخشىلىرى بىلەن خەلقنىڭ يۈرەك تارىنى تىترەتكەن سەنئەتكار ئىدى.

مۇرات ئاكىنىڭ سىڭلىسى گۈلباھار ئەخمىديېۋا ئۆز ۋاقتىدا <<ياشلىق>> ئانسانبىلىنىڭ ناخشىچىسى، ھازىر قازاقىستان جۇمھۇريەتلىك ئۇيغۇر تىئاتېرىنىڭ ئارتىسكىسى. تورداشلارغا مەلۇملۇق <<سېھىرلىك ئالما>> بەددىئىي فىلىمىدا باغۋەن بوۋاينىڭ قىزى -- رەيھاننىڭ رولىغا چىققان ھەم فىلىمنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئورۇنلىغان.

مۇرات ئاكىنىڭ ئوغلى دىلشات ئەخمەدى ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دادىسى ئۆز ۋاقتىدا قۇرغان كونا <<ياشلىق>> ئانسانبىلىنىىڭ ئورنىغا يېڭى <<ياشلىق>> مۇزىكا توپى (گۇرۇپپىسى) نى قايتا ئەسلىگە كەلتۈردى. دادىلىرى ئىجات قىلغان <<ئايدىڭ كەچلەردە>>، <<بىرىنجى مۇھەببەت>> لەرنى سەھنىدە ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا قايتا ئورۇنداپ، <<ياشلىق>> نىڭ ھىچقاۋچان قېرىمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ھەمدە <<يانسۇن، يانسۇن!>> قاتارلىق جۇشقۇن يېڭى ناخشىلىرى بىلەن قازاقىستان ياش ناخشىچىلىرى ئارىسىدا تونۇلۇشقا باشلىدى. بىز بۇ ئائىلىگە بەخت، خەلقىمىز سەنئىتى ئۈچۈن بېغىشلاۋاتقان بىھىساپ ئەجرىگە زور ئۇتۇقلار تىلەيمىز!