دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك)
دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك

ديوان لغات الترك

Kashgari map.jpg
تۈر لۇغەت
ۋاقت 1074- يىل 10- ھۇد (942 يىل 302 كۈن بۇرۇن)
تەۋەلىكى باغداد، ئاباسىي خەلىپىلىكى
تىلى ئەرەبچە - تۈركچە
كاتىب مۇھەممەد ئال دەمەشقى
مۇئەللىڧ مەھمۇد ئەل كاشغەرى
تېما(لار) تۈركىي تىلنىڭ سۆز خەزىنىسى
نۇسخا(لار) مۇھەممەد بىن ئەبى بەكر ئىبن ئەبىلڧەتىھ
بايقىغان ئەلى ئەمىرى
ئورنى مىللەت كۈتۈپخانىسى، ئىستانبۇل

دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك (ئەرەبچە: ديوان لغات الترك، ئۇيغۇرچە: تۈركىي تىللار دىۋانى) ئوتتۇرا تۈركچە دەۋرىدە مەھمۇد كاشغەرى تامانىدىن باغدادتا 1072-1074 يىللار ئارىسىدا يازىلغان تۈركچە - ئەرەبچە بىر سۆزلۈك ئېرۇر. بۇگۈنگىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمىي تۈركچە سۆزلۈك بولۇپ، غەربىي ئاسىيا يازما تۈركچەسى بىلەن ئالاقەدار ئەڭ كۆلەملەشكەن ۋە ئەڭ مۇھىم تىلشۇناسلىق كىتابىدۇر. بىر مەدەنىيەت خەزىنەسى بولمىش دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك (د ل ت)، بىر ياندىن XI. ئەسردە سۆز خەزىنىسىنىڭ موللىقىنى ۋە خىلمۇخىللىقىنى نامايىش قىلماقتا، بىر تاماندىن ھەم ئۇ دەۋىردىكى كىشىلەر ۋە ئىجتىمائىي ھاياتى بىلەن، ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەتىمىز بىلەن ئالاقەدار، دىققەتكە شايان قەيتلەر باردۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۈنىمىزدىن مىڭ يىل مۇقەددەم يازىلغان د ل ت تۈركىي تىللارنىڭ تۇنجى سۆلۈكى بولماقتىن ئۆتە نۇرغۇن تەتقىقادچى تامانىدىن تەمسىل قىلىنغانى مىسال تارىخى ۋە مەدەنىي مەنبەلىرىمىزنىڭ ھەم تۇنجىسىدۇر.

مۇئەللىف[تەھرىر]

«تۈركىي تىللار دىۋانى»تۈرك تىلى ئەرەب تىلىدا ئىزاھلانغان لۇغەت، مۇئەللىپ ئۇزاق ۋاقىت كۈرمىڭ جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىي، تىلى، سىياسىيسى، پەلسەپىسى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى، ئەخلاق-پەزىلىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا، مېدىتسىنا، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، كان بايلىقى ۋە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ناھايىتى ئەتراپلىق تۇنۇشتۇرغان. 

مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ بارلىق مەزمۇنىنى سەككىز تومغا بۆلۈپ، ھەربىر تومنى ئىسىم ۋە پېئىلدىن ئىبارەت ئىككى شەكىلگە ئايرىغان. ئاۋۋال ئىسىمدىن، ئاندىن پېئىلدىن مىسال بەرگەن. ئاندىن يەنە ھەربىر تومنى ھەربىر سۆزلۈكنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن باب ۋە پاراگرافلارغا بۆلگەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ پەرقلەندۈرەلىشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ھەربىر توم ۋە ھەربىر باب-پاراگرافلاردا ئەرەبچە ئاتالغۇلارنى قوللانغان. 

مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ مۇقەددىمىسىدە ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ بۇ كىتابنى تۈزۈش ئالدىدىكى ئىلمىي تەييارلىق خىزمەتلىرى، تۈزۈشتە قوللانغان تەرتىپ، تۈركىي تىللاردىكى سۆزلۈكلەرنى يېزىشتا ئىشلەتكەن ھەرپ، سۆزلۈكلەر تەركىبى، تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى، تىللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە شېۋىلەردىكى پەرق قاتارلىقلارنى تۇنۇشتۇرغان. 

مەھمۇد كاشغەرىي بۇ ئۇلۇغ ئەسەرنى تۈزۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر ۋە قەبىلىلەر ئارىسىدا كەڭ دائىرىلىك ۋە تېرەن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. ئۆز خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىش ھەم بۇ كىتابنى ئىخچام، ئەمما مېغىزلىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن، ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەر قوللىنىپ باقمىغان. شۇنداقلا ھېچقانداق ئادەم قوللىنىشىنى ئۇقمايدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئۇسۇلنى قوللانغان. كىتابنى تەلەپكە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن قوللانمىغا ئوخشاش مۇھىم قىممەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بەزى قائىدىلەر ۋە ئەڭ يېڭى ئۆلچەملەرنى تۈزۈۋالغان. ئۇ قەبىلىلەردىكى شېۋىلەردىن سۆز ياسىغۇچى قۇشۇمچىلار ئاساسىدىكى سۆز يىلتىزىنى يىغقاندىن باشقا، تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى تەسۋىرلەنگەن شېئىر-نەزملەرنى، خەلق ناخشىلىرىنى، ماقال-تەمسىللەرنى، قوشاق-بېيىتلارنى، ھېكمەتلىك سۆزلەرنى، ھەتتا رىۋايەتلەرنىمۇ كىرگۈزگەن. 

«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا قەيت قىلىنغان. 11-ئەسىردىكى قاراخانىيلار سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاۋاتقان. تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى مىللەتلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە تىل ئىشلىتىش توغرۇلۇقمۇ «دېۋان»نىڭ مۇقەددىمىسىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن. ئۇنىڭ تۇنۇشتۇرۇش نەتىجىسىدە، تۈركىي تىللارنىڭ 11-ئەسىردىكى تارقىلىش ئەھۋالىدىن ئاساسىي جەھەتتىن خەۋەردارمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ بىر تارمىقىغا تەۋە بولغان سەلجۇقىيلار ئارقا-ئارقىدىن ئۇرۇشقا ئاتلانغانلىقى ۋە مىللەتلەرنىڭ زور كۆلەمدە كۆچكەنلىكى سەۋەبلىك، كىچىك ئاسىيا سىرتىدىكى جايلاردا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئوتتۇرا ئاسىيەنىڭ بىپايان رايۇنلىرىغا تارقالغان ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرىدا ھازىرغىچە قۇرۇلما خاراكتىېرىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلمىگەن. بۇ پاكىتلاردىن مەلۇمكى، مەھمۇد كاشغەرىيىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرىدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىش تارىخىنى تەتقىق قىلىشىمىزنى ھازىرغا قەدەر تەڭداشسىز ھەقىقىي ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتتى. 

«تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ مۇقەددىمىسىدىن 11-ئەسىردىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەر تىللىرىنىڭ بۆلۈنۈشىنىڭ تېزلەشكەنلىكىگە ھەمدە تەدرىجىي يۇسۇندا زامانىۋى مۇستەقىل تىللارغا قاراپ تەرەققىي قىلغانلىقىغا ئائىت ئىزنالارنى بايقايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «دېۋان»نىڭ مۇقەددىمىسى بىزنى 11-ئەسىردىكى تۈركىي تىللارنىڭ تۇغقانچىلىقى بولمىغان باشقا تىللار بىلەن، بولۇپمۇ قەدىمكى ھىندى-ياۋرۇپا تىللىرى بىلەن بىۋاستە قويۇق ئۇچراشقانلىقىغا ئالاقىدار مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. بۇ ئۇچۇرلار مەيلى قەدىمكى شىنجاڭنىڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا رايۇنلارنىڭ تىللىرىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىشىمىزدا بولسۇن ياكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشىمىزدا بولسۇن، ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

«تۈركىي تىللار دىۋانى»غا تەخمىنەن 7500 دىن كۆپ سۆزلۈك (سۆز ۋە سۆز ئىبارە) كىرگۈزۈلگەن. «دىۋان»نىڭ تېكىستى شۇ سۆزلۈكلەرگە بېرىلگەن ئىزاھاتلاردىن ئىبارەت. تېكىستكە كىرگۈزۈلگەن سۆزلۈكلەر چېتىلىدىغان دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن 11-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئىنىتايىن مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. 

«تۈركىي تىللار دىۋانى» غا ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق دەۋىرلەردىكى تۇرمۇش ئەمەلىيەتلىرى ئەكىس ئەتكۈزۈلۈپ تۈرلۈك ژانىرلاردا ئىجاد قىلىنغان نۇرغۇن شېئىر-نەزم ۋە خەلق ناخشىلىرى، ماقال-تەمسىللەر ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن. بۇلاردىكى شېئىر نەزم ۋە خەلق ناخشىلىرى تۆت رۇبائىي شەكلىدە، ماقا-تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر ئىككى مىسرالىق ئانتىتېزىس (قارىمۇ قارشى)شەكىلدە يېزىلغان. ئىستاتىستىكىدىن مەلۇم بۇلۇشىچە، «دىۋان» غا 165 شېئىر-نەزم ۋە خەلق ناخشىسى، 84 ماقال-تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆز كىرگۈزۈلگەن. بۇ شېئىر-نەزمىلەر، خەلق ناخشىلىرى، ماقال-تەمسىللەر ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئەينەن ياكى ئۆزگەرتىلگەن تۈرلۈك شەكىللەردە زامانىمىزدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ يازما ئەدەبىياتى ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىدا ھازىرمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ ھەمدە زامانىمىزدىكى تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرى سۈپىتىدە، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك قەدىمكى تۈركىي تىللار تەتقىقاتى ئۈچۈن كەم ئۇچرايدىغان تىل ماتېرىياللىرى سۈپىتىدە، تۈركىي تىل ئىلىم ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىۋاتىدۇ. 

مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى مۇناسىۋەتلىك سۆزلەردە، قەدىمكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر قوللانغان 12 مۆچەل بۇيىچە يىل ھېسابلاش ئۇسۇلىنى رىۋايەت شەكلىدە تۇنۇشتۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، «دىۋان»غا يەنە ئاسترونومىيە جەھەتتىكى سۆزلۈكلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن. 

ئالتاي تىلى سېستىمىسىدىكى مىللەتلەر ئەڭ بالدۇر ئېتىقاد قىلغان شامان دىنىمۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئەكىس ئەتكۈزۈلگەن. «دىۋان»غا پۈتۈلگەنلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەھمۇد كاشغەرىي بىر تەرەپتىن، ئىسلام دىنىنىڭ ئىخلاسمەن مۇرىتى بولۇش سۈپىتىدە «دىۋان»نىڭ نۇرغۇن جايىدا ئىسلام دىنىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە مەدھىيەسىنى چىن يۈرىكىدىن سەمىمىي ئىپادىلىگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئالىم بولۇش سۈپىتىدە ئىلىم ئىشلىرىدا كەسكىن ۋە ئەستايىدىل بولۇشتەك ئىلمىي پۇزىتسىيەسىنى باشتىن-ئاخىر چىڭ ساقلىغان ھەم باشقا دىنلارغا بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولمىغان. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى دىنىي مەدەنىيەتلەردە يەكلىمىچىلىك ئومۇملىشىپ كەتكەن ئەھۋالدىمۇ ناھايىتى ئېھتىياتچان ئۆگىنىش ئىستىلى ۋە ئىلىم ئىستىلىنى ساقلىيالىشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى تولۇق ئىپادىلىگەن. 

«تۈركىي تىللار دىۋانى»غا يەنە قەدىمكى ۋە شۇ زامانلاردىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلۈشى، باشقۇرۇشتىكى دەرىجە، لەشكىرىي تۈزۈم، لەشكىرىي مەشىق، جەڭ قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇنلار، زىرائەتلەر، ئۆسۈملۈكلەر، دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلارغا ئالاقىدار خاس سۆزلۈكلەر، چارىچىلىققا ئالاقىدار تېرمىنلار، شۇنىڭدەك دائىم ۋە كۆپ ئۇچرايدىغان ھايۋانات، ئۇچار قۇشلارنىڭ نامى كىرگۈزۈلگەن. يەنە 11-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتكۈزىدىغان نۇرغۇن سۆزلەر، يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ ناملىرى ۋە ئۇلارنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى، ھاراق-شارابلارنىڭ ناملىرى ۋە ئۇلارنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى، قول ھۈنەرلەرنىڭ ناملىرى، كىيىم-كېچەككە ئىشلىتىلىدىغان گەزمال-رەختلەرنىڭ ناملىرى، ئاياللارنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنىڭ ناملىرى، ئۆلۈم-يېتىمدىكى ھازا تۇتۇش ۋە توي-تۆكۈن ئادەتلىرى، ئەل ئىچى ئۇيۇنلىرىنىڭ نامى ۋە ئويناش ئۇسۇللىرى، قائىدىلىرى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن. «دىۋان»غا يەنە مېدىتسىناغا ئائىت ئاتالغۇلارنىڭ ناملىرى، بەدەندىكى ئەزالار، دائىم كۆرۈلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە مىنېرال ماددىلار قاتارلىقلارنىڭ ناملىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن. قىسقىسى «تۈركىي تىللار دىۋانى» 11-ئەسىردىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشى ئۇمۇميۈزلۈك خاتىرىلەنگەن ۋە ئەكىس ئەتكۈزۈلگەن مۇكەممەل قامۇس ھېسابلىنىدۇ. 

«تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ مىلادىيە 1266-يىلىدىكى بىردىنبىر كۆچۈرۈلمىسى مىلادىيە 1914-يىلى ئىستانبولدا بايقالغاندىن كېيىن، «دىۋان»نى تەتقىق قىلىش دۇنياۋى تېمىغا ئايلاندى. «دىۋان»نىڭ ئوخشىمايدىغان يېزىقلاردىكى نۇسخىلىرى دۇنياغا كەلگەندىن بېرى، ھەرقايسى ئەللەردىكى نۇرغۇن ئالىم، مۇتەخەسسىسلەر مۇھىم تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى. 

«تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تەتقىق قىلىش خىزمىتى دۆلىتىمىزدە 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى باشلانغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تارباغاتاي دېگەن جايىدىكى ئاتاقلىق داموللا ئىسمايىل «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ 1-تومىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆرۈگەن، يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇھەممەد پەيزى، ئەھمەد زىيائىي، بورھان قاتارلىق ئالىملار ئەھمىيىتى زور بۇ خىزمەتكە كۆپ ئورۇنۇپ باققان بولسىمۇ، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ بۇ ئەمگىكى خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشەلمىگەن، دۆلىتىمىز ئالىملىرىدىن خۇ جېنخۇا، گېڭ شىمىڭلار 1963-يىلى ماقالە ئېلان قىلىپ، «تۈركىي تىللار دېۋانى» نى ئەل-جامائەتكە تۇنۇشتۇرغان. بۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەتقىقاتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. 

1978-يىلىنىڭ باشلىرىدا مەملىكەتلىك ئىلىم-پەن يىغىنى مۇۋەپپىقيەتلىك ئېچىلدى. پۈتكۈل مەملىكىتىمىزنىڭ بىپايان زېمىنى ئىلىم-پەننىڭ باھارىنى كۈتۈۋالدى. «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەرجىمە ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتى مەملىكەتلىك پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. ئون نەچچە پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى (ئۈچ توم) 1981-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىندى. خەنزۇچە نەشرى (ئۈچ توم) 2002-يىلى بېيجىڭدا نەشردىن چىقتى. 

«تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە نۇسخسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن دۇنياغا كەلگەنلىكى ئېلىمىزنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەتقىق قىلىش خىزمىتى ئۈچۈن پارلاق يول ئېچىپ بەردى. شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تەتقىق قىلىش خىزمىتى ۋە تۈركولوگىيە تەتقىقات خىزمىتى يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى نامايەن قىلدى. ئېلىمىز ئالىملىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىزدىنىپ، تەتقىق قىلىپ، 200 دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. جاڭ گۇاڭدا ئەپەندىنىڭ «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە «كىتابتىكى يۇمىلاق خەرىتە توغرىسىدا»، مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ «مەھمۇد كاشغەرىي»، جاۋمىڭمىڭنىڭ تىل تەتقىقاتى توغرىسىدا يېزىلغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق مەخسۇس ئەسىرى، ئىبراھىم مۇتىئىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ئاساسلىق ئەدەبىي تىل-خاقانىيە تىلى»، جۇ جيەنچىنىڭ « <تابغاچ> توغرىسىدا» ناملىق ئىلمىي ماقالىلىرى بىرقەدەر تىپىك خارەكتىرگە ئىگە. نادىر ئىلمىي ماقالىلەر يەنە ناھايىتى كۆپ. بۇ يەردە بىرمۇبىر كۆرسىتىپ ئولتۇرمايمىز. 

چەتئەللەردىكى «تۈركىي تىللار دىۋانى»توغرىسىدىكى تەتقىقات «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ھەر خىل نۇسخىلىرىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ۋە ئاپتۇرنىڭ ھاياتىغا ئائىت نۇرغۇن ماقالىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. 1915-يىلى گېرمانىيەلىك ئالىم M. خارتمان «<تۈركىي تىللار دىۋانى>نىڭ 1-تومىغا باھا»ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ 1-تومىدىكى مەزمۇنلارنى جاھان ئەھلىگە تۇنجى قېتىم تۇنۇشتۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيە، تۈركىيە، ۋېنگرىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئالىملىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەتقىق قىلىنغان ماقالىلەر ۋە مەخسۇس ئەسەرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلغان. 

تۈركىي تىللار دىۋانى دا مۇزىكا سەنئىتى ۋە خەلق ئويۇنلىرى[تەھرىر]

ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﺎ – ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ۋە ﺋﻮﻳﯘن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪرﮔﻪ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﺋﻮۋﭼﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟلاﻧﻐﺎن ﺋﻪڭ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ دەۋرﻟﻪردﯨلا ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ –ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪت ﻗﺎزاﻧﻐﺎﻧﺪا، ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﻗﯧﺮى – ﻳﺎش، ﺋﻪر – ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﮔﻪﺟﻪم ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﯘراﺳﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەﺗﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘم.ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ داﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن «ﺋﻮﻏﯘزﻧﺎﻣﻪ» ﺋﯧﭙﻮﺳﯩﺪﯨﻜﻰﺋﻮﻏﯘزﺧﺎﻗﺎن ﺋﻪل – ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺗﻮي ﻣﯘراﺳﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ۋەﻣﯘراﺳﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪزى ﺋﺎدەﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﯘراﺳﯩﻢ –ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ دﯦﻴﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎنﺑﯘﻧﺪاق ﻣﯘراﺳﯩﻤلار ﺧﻪﻧﺰۇ ﺗﺎرﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮى ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪن. ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 5 __ 6 –ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ «ۋﯦﻲ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﺴﻰ»ﻧﯩﯔ «ﮔﺎۋﭼﯥ» (ﺋﯧﮕﯩﺰ ﮬﺎرۋﯨﻠﯩﻘلار ﻳﻪﻧﻰ ﻗﺎﯕﻘﯩﻠلار)ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﯩﺪە، ﺋﯧﮕﯩﺰ ﮬﺎرۋﯨﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﺋﯚرپ – ﺋﺎدﯨﺘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻧﺪا: «ﺋﯘلارﻧﯩﯔﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘراﺳﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜزﮔﻪﻧﺪە، ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﯘﭼﯩلار ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﯜﻣﻪنﺑﻮلاﺗﺘﻰ، ﻣﺎل ﺳﻮﻳﯘپ، ﺋﺎت ﺑﻪﻳﮕﯩﺴﻰ ﻗﯩلاﺗﺘﻰ، ﺳﻪﻳﻠﻪ ﻗﯩلاﺗﺘﻰ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯘﺳﺴﯘلﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺘﺘﻰ» دەپ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪن. ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 5 __ 6 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪرﮔﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘق ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﯩﺰﯨﻞﻣﯩﯖﺌﯚي ، ﻗﯘﻣﺘﯘرا ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯩﺰﯨﻠﻐﺎن ﺑﻪزى ﺗﺎم رەﺳﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺋﻪر – ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺳﺎز ﭼﯧﻠﯩﭗ، ﻧﻪﻏﻤﻪ – ﻧﺎۋا ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯘراﺳﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈۋاﺗﻘﺎن ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻰ ﺋﻪﻛﺲﺋﻪﺗﺘﯜرۈﻟﮕﻪن. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘلار ﺑﯘﻧﺪاق ﻧﻪﻏﻤﻪ – ﻧﺎۋا ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘراﺳﯩﻤلارﻧﯩﯔﺋﯘﻳﻐﯘر ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪا ﺧﯧﻠﻰ ﻛﻪڭ داﺋﯩﺮﯨﺪەﺋﻮﻣﯘﻣلاﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ.

ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﻧﺎﺧﺸﺎ – ﺋﯘﺳﺴﯘل ۋەﻣﯘزﯨﻜﯩﻐﺎ ﮬﯧﺮﯨﺴﻤﻪن ﻣﯩﻠﻠﻪت. ﺷﯘﯕﯩﻤﯘ ﻗﻪدﯨﻤﺪﯨلا «ﻧﺎﺧﺸﺎ – ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻐﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮ»،«ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﺨﯘﻣﺎر» دﯦﮕﻪن ﻧﺎﻣلار ﺑﯩﻠﻪن ﺟﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻤﯘﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎ – ﻣﯘزﯨﻜﯩﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯘ ﺋﻪﻣﺪﯨلاﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن ﺑﺎﻟﯩلاردﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ، ﻗﯧﺮﯨلارﻏﺎ ﻗﻪدەر ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن. ﻧﺎزۇك،ﻧﻪﭘﯩﺲ ۋە ﻛﯚپ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪش ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﯩﻐﺎ ﻣﺎس ﮬﺎﻟﺪا ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲﻗﯩﻠﻐﺎن ﻣﯘزﯨﻜﺎ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺑﻪدﯨﺌﯩﻴﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﻘﻰ، ﺋﺎﮬﺎﯕﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚپ ﺧﯩﻠﻠﯩﻘﻰ، رﯨﺘﯩﻤﯩﻨﯩﯔﻣﯘرەﻛﻜﻪﭘﻠﯩﻜﻰ، ۋەزﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻖ، ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻜﻠﯩﻜﯩﺪەك ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰدەۋرﻟﻪردﯨلا ﺟﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﯘزﯨﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺗﻮﻟﯘق ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪش ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﭼﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜرﯨﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚپﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺋﯘﻳﻐﯘر ﭼﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩلادﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯩﻠﯩﮕﯩﺮﯨلا ﭘﻪﻳﺪاﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﻳﺎزﻣﺎ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪر ﺑﺎر. «ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠلار دﯨﯟاﻧﻰ»دﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯜرﯨﻨﻰ ﻛﯚرۈﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، «ﺋﯩﮕﻪﻣﻪ __ ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻟﯜكﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟاﺑﻰ، ﻗﻮﺑﯘزﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺪۇ»، «ﻗﻮﺑﯘز __ ﺋﯘد (ﺑﺎرﺑﯩﺖ)ﻗﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎنﺗﺎرﯨﻠﯩﻖ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟاﺑﻰ».[1] «ﺳﯩﺒﯩﺰﻏﯘ __ ﺳﯩﺒﯩﺰﻏﺎ ﻧﻪي»[2] ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﺎڭ، ﺑﯘرﻏﺎ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار.

ﻣﻪﺷﺮەپ، ﺑﻪزﻣﻪ ۋە ﺗﯜرﻟﯜك زﯨﻴﺎﭘﻪت ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﺷﻠﯩﺮى ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔﻗﻮﻳﯘق ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ،«ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠلار دﯨﯟاﻧﻰ»دا ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﺮەپ – ﺑﻪزﻣﯩﻠﯩﺮى ﻣﯘﻧﺪاقﺋﯩﺰاﮬلاﻧﻐﺎن: «ﺳﯘﻏﺪﯨﭻ __ ﻗﺎﺗﺎر ﺑﻪزﻣﻪ، ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮى دوﺳﺘلار ﺋﺎرا ﻧﯚۋەت ﺑﯩﻠﻪنﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﺷﺮەپ»، «ﺷﯘرﭼﯘك __ ﻣﻪﺷﺮەپ، ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇش»، «ﻛﻪﺗﺴﻪم __ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﯚزىﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧلارﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن زﯨﻴﺎﭘﻪت»، «ﻛﯘدﯨﻦ __ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎت ﻗﻮﻳﯘشزﯨﻴﺎﭘﯩﺘﻰ»، «ﺑﯘﭼﻰ __ ﺋﺎۋازﻟﯩﻖ، ﻣﯘﯕﻠﯘق ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯘد».[3] «ﻳﯩﺮاﻏﯘ__ ﭼﺎﻟﻐﯘﭼﻰ، ﺳﺎزەﻧﺪە، ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ».[4] ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗلار ﻣﻪﺧﺴﯘسﺧﺎراﻛﺘﯧﺮدﯨﻜﻰ زﯨﻴﺎﭘﻪت – ﻣﯘراﺳﯩﻢ ﺋﺎدﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﺪا ﻗﻪدﯨﻤﺪﯨلا ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲﺧﺎراﻛﺘﯧﺮ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻗﻪﺷﻘﻪرى «ﺗﯜرﻛﯩﻲﺗﯩﻠلار دﯨﯟاﻧﻰ»دا ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻗﻮﺷﺎﻗلار ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﻧﻪﻏﻤﻪ – ﺳﺎز ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪن، ﻣﻪﺷﺮەپﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﻮﺷﺎﻗلارﻣﯘ ﺋﯘﭼﺮاﻳﺪۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن:

ﻛﯚﻛﻠﻪر ﻗﺎﻣﯘغ ﺗﯜرۈﻟﺪى،

ﺋﯩﯟرﯨﻖ، ﺋﯩﺪﯨﺶ ﺗﯩﺰﯨﻠﺪى،

ﺳﻪﻧﺴﯩﺰ ﺋﯚزۈم ﺋﯚزەﻟﺪى،

ﻛﻪﻟﮕﯩﻞ ﺋﺎﻣﯘل ﺋﺎۋﻧﺎﻟﯩﻢ.

ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ:

ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺳﺎزلار ﺗﯜزۈﻟﺪى،

ﺋﯩﯟرﯨﻖ، ﺋﯩﺪﯨﺶ ﺗﯩﺰﯨﻠﺪى،

ﺳﻪﻧﺴﯩﺰ ﻛﯚﯕﻠﯜم ﺑﯘزۇﻟﺪى،

ﻛﻪﻟﮕﯩﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﻠﻰ.

ﺋﯩﯟرﯨﻖ ﺑﺎﺷﻰ ﻗﺎزلاﻳﯘ،

ﺳﺎﻏﺮاق ﺗﻮﻟﯘ ﻛﯚزﻟﻪﻳﯘ،

ﺳﺎﻗﻨﯩﭻ ﻗﯘدى ﻛﯩﺰﻟﻪﻳﯘ،

ﺗﯜن – ﻛﯜن ﺑﯩﻠﻪ ﺳﻪۋﻧﻪﻟﯩﻢ.

ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ:

ﺋﯩﯟرﯨﻖ ﺑﻮﻳﻨﻰ ﻏﺎز ﻛﻪﺑﻰ،

ﻗﻪدەھ ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯚز ﻛﻪﺑﻰ،

ﮬﻪﺳﺮەﺗﻨﻰ ﺗﯜۋﯨﮕﻪ ﻳﻮﺷﯘرۇپ،

ﺗﯜن – ﻛﯜن ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯚﻳﯜﻧﻪﻳﻠﻰ.

ﺋﻮﺗﯘز ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻗﯩﻘﯩﺮاﻟﯩﻢ،

ﻳﯘﻗﺎر ﻗﻮﭘﯘپ ﺳﻪﻛﺮەﻟﯩﻢ،

ﺋﺎرﺳلاﻧلاﻳﯘ ﻛﯚﻛﺮەﻟﯩﻢ،

ﺳﺎﻗﻨﯩﭻ ﻗﺎﭼﺘﻰ ﺳﻪۋﻧﻪﻟﯩﻢ.

ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ:

ﺋﯜچ رەت ﺋﯩﭽﯩﭗ ۋارﻗﯩﺮاﻳﻠﻰ،

ﻳﯘﻗﯩﺮى ﻗﻮﭘﯘپ ﺳﻪﻛﺮەﻳﻠﻰ،

ﺋﺎرﺳلاﻧﺪەك ﮬﯚرﻛﯩﺮەﻳﻠﻰ،

ﻗﺎﻳﻐﯘ ﻗﺎﭼﺘﻰ ﺳﯚﻳﯜﻧﻪﻳﻠﻰ.

ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﯘ ﻗﻮﺷﺎﻗلارﻧﯩﯔ ﻣﻪزﻣﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪر – ﺋﺎﻳﺎلﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻧﺎﺧﺸﺎ – ﺳﺎز ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺷﺎد – ﺧﯘرام ﻛﯚﯕﯜل ﺋﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﻣﯘراﺳﯩﻢ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭼﺎﻏلاردﯨلا ﺑﯩﺮﻗﻪدەر رەﺳﻤﯩﻲ ﺗﯜس ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩلار ﺑﯩﺰﻧﻰ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰزاﻣﺎﻧلاردﯨلا ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺋﺎدەﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﯘزﯨﻜﺎﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺳﻪۋﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟى ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪا ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻗﻪﺷﻘﻪرى ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﻗﺎﻟﺪۇرﻏﺎن.«ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠلار دﯨﯟاﻧﻰ»دﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗلارﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳلاﻧﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟىﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻪﻳﻨﻰ دەۋرﻟﻪردەﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮادە ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘرۇﺷﻰ ۋە ﻣﺎﮬﺎرەت ﻳﯧﺘﯩﻠﺪۈرۈﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن.ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮى: ﺋﺎت ﭼﺎﭘﺘﯘرۇپ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﻮﻗﻴﺎﻧﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻐﺎﻗﺎرﯨﺘﯩﭗ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﮔﻜﯜزۈش، ﺋﺎت ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ، ﭼﯚۋﮔﻪن ﺗﻮپ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ، ﺋﻮﻏلاقﺗﺎرﺗﯩﺸﯩﺶ، ﺳﺎرﻏﺎﻳﺪى ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ، دارۋازﻟﯩﻖ، ﺳﯧﮭﺮﯨﮕﻪرﻟﯩﻚ، ﻣﻮﻟلاﻗﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺳﺎﻗﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎش،ﺗﻪﭘﻜﯜچ ﺋﻮﻳﻨﺎش، ﻟﻪﮔﻠﻪك ﺋﯘﭼﯘرۇش ۋە ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﻧﯘرﻏﯘن ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪﺋﺎﻟﯩﺪۇ.

ﺋﯘﻟﯘغ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻗﻪﺷﻘﻪرﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚز ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﻐﯩﺸلاپ، ﺟﺎﮬﺎن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺧﻪزﯨﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎن ﺑﯘ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪرﻧﻰۋۇﺟﯘدﻗﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ۋە ﮬﯚرﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎﺋﻪرزﯨﻴﺪۇ.

ﺋﯘ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪر ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن ﻛﻪڭ زﯦﻤﯩﻨلاردا 15 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘقﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺑﯘ زور ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪرﻧﻰ، ﺋﯘﻟﯘغ ﻗﺎﻣﯘﺳﻨﻰۋۇﺟﯘدﻗﺎ ﭼﯩﻘﺎرﻏﺎن.

«ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠلار دﯨﯟاﻧﻰ»ﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﺪاﺷﺴﯩﺰ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﻣﺎ ﻟﯘﻏﻪت ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎل –ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﯩﺮى، ﺋﯚرپ – ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮى، ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻠﯩﺮى، ﺋﺎﺳﺘﺮوﻧﻮﻣﯩﻴﻪ،ﻛﺎﻟﯧﻨﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﯘرﻏﯘن ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﭼﻮڭ ﻗﺎﻣﯘسﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪا، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ، ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ،ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى، ﮬﯜﻧﻪر – ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﻣﻪﻧﯩﯟى ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪر ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪا! ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻟﯘغﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻗﻪﺷﻘﻪرﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸلاش روﮬﯩﻨﻰ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪاﺟﺎﭘﺎ – ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﻗﻮرﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﺶ روﮬﯩﻨﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﻪﺟﺪادلارﻧﯩﯔﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯩﺮاﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪۋلادلارﻏﺎ ﺋﯘلاپ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻪك ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎب روﮬﯩﻨﻰ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻗﻪﻳﺴﻪرﻟﯩﻜﻰ ۋە ﺷﯩﺠﺎﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ لازﯨﻢ.[5]

«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى بىناكارلىققا ئائىت سۆزلەر توغرىسىدا[تەھرىر]

بىناكارلىق بىر خىل پەن-تېخنىكا سەرمەرىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئالاھىدە بىر سەنئەتتۇر. ئۇ ئىقسادىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن يارىتىلغان ماددىي مەدەنىيەت بولۇپ، ئىستېمال قىممىتىگە ئىگە بولۇش ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسىي ھېساپلىنىدۇ. سەنئەت نۇقتىسىدىن، بىناكارلىق سەنئىتى ئېستېتىكىلىق قىممەتكە ئىگە بىر خىل سەنئەت تۈرىدۇر. مىللي خاسلىق ئىنسانلارنىڭ مۇئەييەن تارىخىي دەۋرىدىكى روھىي ھالىتى ۋە ئىقسادىي ئەھۋالى ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ھەمدە تۇرمۇش ئۇسۇلى، دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ ۋە بۇ جەرياندا ئۇنىڭ تەرەققىياتى پەن-تېخنىكا، سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر قىسمى ئەينى ۋاقىتتا تېخىچە كۆچمەن ھالەتتە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئاساسىي قىسمى شەھەر، ناھيە ۋە يېزىلاراد ماكانلىشىپ، ئۆيلەردە ئوتۇراتتى. كۆچمەنلەر بولسا خېلى زاماندىن بېرى مەلۇم بولغىنىدەك ئۆي ئورنىدا چېدىر ئىشلىتەتتى. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدا باشقا مىللەتلەردىن روشەن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان خىلى كۆپ مەدەنىيەت مۇۋاپپىقىيەتلىرىنى ياراتقان بولۇپ، بىناكارلىق، ئۆي-ئىمارەت ۋە ھويلا-ئارام مەدەنىيىتى دەل شۇلارنىڭ نامەيەندىلىرىدۇر.

ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلار ئىپتىدائىي جەمىيئەت باسقۇچىدىكى چەللىدىن كەپىگە، ئوت-سۇ قوغلىشىپ ياشايدىغان كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى جەريانىدىكى چىدىر تىكىپ ئولتۇرىدىغان ھالەتتىن كېيىنچە مەلۇم گېئومىتىرىيىلىك شەكىلگە ئىگە كىمىر ئۆيلەردە، ئىسىلام دىنىنىي قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قويۇق ئۇيغۇر-ئىسلام مەدەنىيتى تۈسىنى ئالغان ئۆزىگە خاس نەقىشلەنگەن، ئارام-بەخىش ۋە كۆركەم ئۆيلەردە ئولتۇرۇشقا تەرەققىي قىلغان. قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان ھۆكۈمرانلىقى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دېھقانچىلىق رايۇنىدا دۆلەت قۇرۇشتەك بىر يېڭىلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇزاق تارىخىي جەرياندا، ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە باشقا قوشۇمچە كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، مول ئىشلەپچىقىرىش-تۇرمۇش تەجىرىبىلىرىنى توپلاپ،چەكسىز كەتكەن يايلاق ۋە بوستانلىقلاردا ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى نامايەن قىلدى. 11-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-تېخنىكىسى ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتىلا راۋاجلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. تەرەققىياتقا ئەگىشىپ ئۇيغۇر ئولتۇراق ئۆي ئىشلىرىدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئىسىل مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۇيغۇر بىناكارلىق مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈردى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىمۇ خۇددى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيىتى بىلەن نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. مەھمۇد كاشىغەرىي ۋە ئۇنىڭ بۈيۈك قامۇسى « تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە ئۇنىڭدىكى بىر قىسىم سۆز-جۈملىلەرنى 11-ئەسىردىكى پۈتۈن تۈركىي مىللەتلىرى مەدەنىيىتىنىڭ كاتتا سىموۋولى بولۇپلا قالماي، ھەقىقىي تۈردە ئەينى زاماندا تەرەققىي قىلغان ئۇيغۇر جەمئىيتىنى مەركەزلىك ھالدا گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. چۈنكى[6] ئۇ ئۆز ئەسىرىدە بايان قىلغاندەك، ئۆزى تۇغۇلۇلغان زېمىندىن ئۆسۈپ يېتىلىپ، 11-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ماۋرەئۇننەھرگىچە ھۆكۈمران بولغان قاراخانىيلار خانلىقى جەمەتىگە مەنسۇپ مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ۋە جامائەت ئەربابى بولغانلىقى.[7] ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تەربىيىلىنىشى ئەتراپلىق بولغاچقا بىلىمىنىڭ موللۇقى، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھەرقايسى تۈركىي قەبىلىلەر توپلاشقان رايونلاردا 15 يىل كېزىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتى، تىلى قاتارلىقلار جەھەتتە ئونۋېرسال تەكشۈرۈپ تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى  بۇنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتى بولالايدۇ.

مەھمۇد كاشىغەرىي« تۈركىي تىللار دىۋانى» دا قاراخانىيلار خاندانلىقى تەۋەسىدىكى كەڭ زېمىنلارنى، چوڭ شەھەرلەرنى خاتىرىلەپلا قالماستىن، ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن ئىدىقۇت تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر شەھەر-يېزىلىرىنى كۆرسەتكەن. شۇ دەۋىردىن باشلاپلا شەھەرلىشىشىكە ئادەتلەنگەن ئۇيغۇرلارنى بىر پۈتۈن ھالىتىدە چۈشىنىپ خارتىرىلەپ قالدۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇشىدا زور يۈكسىلىشلەر يۈز بېرىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە قول ھۈنەر سانائىتى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئاساسىي بولۇپ قىلىشى نەتىجىسىدە مۇقىم ئولتۇراقلىشش ۋە شەھەرلىشىش ئومۇملاشتى. مانا مۇشۇنداق ئوبىيېكتىپ شارائىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ بىناكارلىق مەدەنىيىتى جۈملىدىن تۇرالغۇ ئۆي، جامائەت قۇرۇلۇشلىرى، ئوردا-قەسىر ۋە شەھەر قۇرۇلۇشلىرى زامان ۋە ماكانغا خاس ھالدا يېڭىچە ئۇسلۇبتا تەرەققىي قىلدى. مەن تۆۋەندە قاراخانىيلار خانلىقى ۋە ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلار ياشىغان رايۇنلارنىڭ بىناكارلىق جەھەتتىكى تەرەققىياتلىرىنى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى بىناكارلىققا مۇناسىۋەتلىك بولغان سۆزلەر ئارقىلىق دەلىللەپ، ئۆز كۆزقاراشلىرىمنى بىر قانچە نۇقتىدىن ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئولتۇراق جاي ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرى خېلىلا كۆپ، ئەمما شۇنى قوشۇمچە قىلىپ قويۇش كېرەككى، ئۇ باشقا مەسىلىلەرگە ئوخشاشلا ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسىدىمۇ ئۆي ئىچىنىڭ قانداقلىقى ۋە ئۆينىڭ سېلىنىشى، ئىشلىتىلىدىغان ماتىرىياللار، ئۆي جابدۇقلىرى توغرىسىدا بىىزگە يېتەرلىك ماتىرىياللاررنى كۆرسىتپ بەرگەن . بۇلارنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە دىۋاندا تىلغا ئىلىنغان بىناكارلىققا ئائىت سۆزلەر بىلەن بىر قانچە نۇقتىدىن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقايلى.

ئۆينىڭ سېلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىدىغان ماتىرىياللار[تەھرىر]

قاراخانىيلار خاندانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا دېھقانچىلىق، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە باشقا تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن مۇقىم ئولتۇراقلىشىش تېزلەشكەن. نەتىجىدە ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلىشىمۇ بىناكارلىقتىكى بىر تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان. كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى ئادەت قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئەزەلدىنلا ئولتۇراق ئۆي مەدەنىيىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى قىسمەن كاپالەتلەندۈرگەن ھەمدە كىگىزدىن تىكىلگەن چېدىر ئۆيلەردىن ياغاچ-تاش، ياغاچ-توپا قۇرۇلمىلق ئۆيلەرگە كۆچۈشى ئۇلارنىڭ ئىقسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالغان. ئۇلارنىڭ ئەينى دەۋردە تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقى ئالدى بىلەن تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ ياسىلىش شەكلى، ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ۋە بېزىلىشىدە نۇقتىلىق ئىپادىلەنگەن. يەنى دىۋاندا 11-ئەسىردە ئۆينىڭ « öv » (1)-«  vü»(2)- « vä »(3)  دېگەندەك ۋارىيانىتلىرى بېرىلگەن ھەمدە بۇ سۆز كۆپ جايلاردا « vä» دەپ ئېلىنغانلىقى مەلۇم.  « vä » بۇ سۆز قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدا بار سۆز بولۇپ، بىز ھازىر قوللىنۋاتقان « ئۆي» سۆزى بىلەن تەڭداش كېلىدۇ. گەرچە بۇ سۆزدە تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ھاسىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىپادىلەيدىغان ئۇقۇم ۋە مەنە دائىرىسى يەنى لېكسىكىلىق مەنىسى ئۆزگەرمىگەن. بۇ سۆز ھازىرقى زامان تۈركىيە تۈركچىسىدە« vä » شەكلىدە ھازىرمۇ قولىنىلۋاتىدۇ.

ئۆيلەرنىڭ سېلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىدىغان ماتىرىياللارغا كەلسەك، ئۆي سېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇل قېزىلىشى كېرەك. دىۋاندا ئۆينىڭ ئۇلىنىڭ « ul- ئۇل ~ ھۇل. Tam ulï تامنىڭ ئۇلى»[8] بۇنىڭدىن ئەينى دەۋىردىن باشلاپلا ئەمگەكچان ئىجاتچان ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۆينىڭ مۇستەھكەم، چىداشلىق بولۇشىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغانلىقىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. بۇ سۆز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ھېچقانداق لېكسىكىلىق ۋە ياكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلماي شۇ پىتى ساقلىنىپ قوللىنىلۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە دىۋاندا ئۆينىڭ ئۇلى ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان « tüp- تۈپ. تامنىڭ تۈپى»[9] سۆزىمۇ بىرىلگەن. بۇ سۆزنى قۇرۇلما جەھەتتىن تەھلىل قىلساق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا لېكسىكىلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا « تۈپ» كەلىمىسى ئۆينىڭ ئۇلىنى ئەمەس بەلكى بىر مىقدار سۆز سۈپىتىدە يەنى «بىر تۈپ دەرەخ» دىگەندەك شەكىللەردە ئۇچرايدۇ. يەنە « بۇ دەرەخنىڭ تۈپ چوڭ ئىكەن» دىگەندەك جۈملىلەر ئارقىلىق دەرەخنىڭ ئاساسىي غولىنىڭ چوڭلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، لىكىن بۇنىڭدىن يەنە شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، بۇ سۆزنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسى ئۆزگەرگەن بىلەن يەنىلا شۇ نەرسىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى يەكۈنلەشكە بولىدۇ. ئۇل قېزىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان تام ھازىرقىدەكلا «tam –تام»[10] دەپ يېزىلغان بولۇپ، ھېچقانداق فونېتىكىلىق ھەم لېكسىكىلىق ئۆزگىرىش ھاسل قىلىنماي ساقلىنىپ قالغان. دىۋاندىن يەنە شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، 11-ئەسىردە تام  قوپۇرۇش ۋە ئۆي سىېلىشنى بولسا ئوخشاش بىر پېئىل « turγurmaq- تۇرغۇرماق»[11] ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بۇ سۆزنىڭ قۇرۇلمىسىدا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش بولغان، يەنى مېنىڭچە «غ-ز»غا ئۆزگەرگەن، بۇنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدىكى« تۇرغۇزماق» سۆزى بىلەن تەڭ كېلىدۇ دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. ئەمما  لېكسىكىلىق قوللىنىش جەھەتتە گەرچە بىر قىسىم جايلاردا «تام  قوپۇرۇش ۋە ئۆي سىېلىش» دەپ ئايرىم-ئايرىم ئىپادىلەنسىمۇ لېكىن كۆپ ۋاقىتلاردا «سېلىش»تىن ئىبارەت بىر پېئىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. «دىۋان» دا يەنە « Suni -زەگۇندە»[12] تامنىڭ ياكى تاختاينىڭ ئاستىغا قويۇلىدىغان توغرا ياغاچ دەپ ئىزاھلانغان، بۇنىڭدىن ئۆينىڭ تىمىنىڭ مۇستەھكەملىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۆينىڭ تاملىرىنى قوپۇرۇشتا ئىشلەتكەن ماتىرىيال توغرىسىدا «kärpič- كېسەك»،[13] « pišiγ kärpič-پىششىق كېسەك»[14] دىگەن سۆزلەردىن تاشتىن باشقا كېسەك بىلەن خىش ئىشلىتىدىغانلىقى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ كېسەكتىن ئۆي ياساشنى قەدىمدىن تارتىپ بىلىدىغانلىقى مەلۇم. يەنە دىۋاندا « ئۇلار كېسەكلەرنى ئوتتا پىشۇرۇش بىلەن خىش قىلىپ چىقىراتتى ۋە بۇنى، پىششىق كەرپىچ دەپ ئاتايتتى» دەپ يېزىلغان.« kärpič kipi\كېسەك كىپى»[15] دىگەن سۆزدىن شۇ دەۋرلەردىنلا كېسەك بىلەن خىش قويۇشتا ھازىرقىدەكلا ئالاھىدە قېلىپلارنى ئىشلىتىدىغانلىقنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. بۇ يەردىكى «kärpič- كېسەك» سۆزى ھازىرقىسى بىلەن پەرىقلىنىدۇ، يەنى ئىستىمالدىن قىلىپ قالغان. « pišiγ kärpič-پىششىق كېسەك. » كەلىمىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدىكى «خىش (پىششىق خىش)» سۆزى بىلەن تەڭداش كېلىدۇ. «« kärpič kipi\كېسەك كىپى» كەلىمىسىدىكى «kipi\كىپى» سۆزىنى ھازىرقى ئىستىمالىمىزدىكى « قېلىپ» سۆزى بىلەن تەڭداش كېلىدۇ، يەنى «ل» تاۋۇشى چۈشۈپ قالغان. يەنە بىر تەرەپتىن تەھلىل قىلساق بۇ  ئىستىمالىمىزدىكى «قېپى» سۆزى بىلەن تەڭداش بولىشىمۇ مۇمكىن، ئەگەر مۇشۇنداق بولسا بۇ سۆزدە يەنە لېكسىكىلىق ئۆزگىرىشمۇ ھاسىل بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۆينىڭ تېمىنى تۇرغۇزۇشتا يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە «rηäkü\ئۈرڭەك. بىر خىل ھاك ئارلاشمىسى»[16] دەپ ئاتىلىدىغان ھاك كۆپرەك مەسچىت، قەلئە-ساراي ۋە باشقا قۇرۇلۇشلاردىمۇ ئىشلىتىلگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. يەنە « Liyü\لاي، سىغىز لاي، قۇرىغاندا تاراڭ-تۇرۇڭ قىلىپ تۇرىدىغان لاي»[17] سۆزى ھازىر ئىستىمالىمىزدا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىغان ، بۇ ئارقىلىق ئۆي سۇۋاشتا لاي ئىشلىتىدىغانلىقىنىمۇ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. « دىۋان» دا يەنە « -سازىنچى تاشى. گەج تېشى،گەج»[18] دېگەن سۆز بېرىلگەن، بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتا سۋاقچىلىقتا لاي ۋە ھاك ئىشلەتكەندىن سىرت يەنە گەجمۇ ئىشلەتكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. «Suvaldï\سۇۋالدى»[19] بۇ سۆزمۇ شۇ دەۋردىلا تامنىڭ سىلىق، كۆركەم بولۇشى ئۈچۈن تامنىڭ سۇۋىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ، بۇ سۆز ھېچقانداق لېكسىكىلىق ۋە فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلمىغان، ھازىرمۇ ئۆينى سۇۋاشتىن باشقا يەنە بىر قىسىم جايلاردا ئۆينى ئاقلاش مەنىسىدىمۇ قوللىنىلىۋاتىلىدۇ. « دىۋان» دا يەنە «salï – سالى. تامنى سۇۋىغاندا ئىشلىتىدىغان ئەسۋاب، ئەندۇۋا»[20] تىلغا ئېلىنغان. تام قوپۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆينىڭ ئۈسىتى يېپىلىشى كېرەك. دىۋاندا بېرىلگەن « Yïγač – ياغاچ، دەرەخ.»[21] كەلىمىسىدىن ئۆيلەرنى يېپىشتا كۆپىنچە ياغاچ ماتىرىياللىرىنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى مۇقەررەر بېلىشكە بولىدۇ ھەم بۇ «ï» تاۋۇشى «a» غا ئۆزگىرىپ ھازىرقى ئىستىمالىمىزدىكى «ياغاچ» سۆزىنىڭ مەنبەسى بولغان، ئەمما  كۆرسىتىدىغان مەنىسى ئىپادىلەيدىغان ئۇقۇمى ئۆزگەرمىگەن. مەھمۇد كاشىغەرىي بەرگەن ئىزاھاتتىن مەلۇم بولىشىچە ئۆيلەنىڭ ئۈستى توپا لاي بىلەن ياكى ياغاچلار بىلەن يېپىلغان. توپا ئۆگزىنى بەزى ئەللەر « rtmänö- ئۆرتمەن. توپا بىلەن يېپىلغان ئۆگزە »،[22] بەزى ئەللەر « kötü- كۆتۈ. ئۆگزە »[23] دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بېلىشكە بولىدۇ، لېكىن ھازىر بۇ سۆزلەر ئىستىمالدىن قىلىپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۆينىڭ ئۈستىنى « tarus- تارۇس. تامنىڭ تورۇسى »)2-توم 517.بەت) دەپ ئاتىغان، بۇ سۆزدە فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش پەيدا بولغان، لېكىن لېكسىكىلىق مەنىسى جەھەتتە شۇ ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش قوللىنىلۋاتىدۇ. دىۋاندا يەنە « Tüηlük-تۇڭلۇك» (3-توم 532.بەت) سۆزىمۇ تىلغا ئېلىنغان، بۇ سۆز ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلمايلا ساقلىنىپ قالغان.« irpädi –  تىلىندى، ھەرىلەندى. yïγač irpädi  – ياغاچ تىلىندى. » (1-توم 324.بەت)، « Irpätti- تىلدۇردى. ol yïγač irpätti- ئۇ ياغاچ تىلدۇردى.» (1-توم 344.بەت)، « Irpädi- ھەرىلىدى. ol yïγač irpädi- ئۇ ياغاچ ھەرىلىدى.» (1-توم 344.بەت) قاتارلىق پېئىللار بېرىلگەن، بۇ پېئللار گەرچە ھازىر ئىستىمالدىن قىلىپ، ئورنىغا باشقا سۆزلەر قوللىنىلۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما بۇلاردىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆينى يېپىش ئۈچۈن قوللىنىلغان تېخنىكىلارنىڭ ھازىرقىدىن قىلىشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. « Suruqluq yïγač- تۆۋرۈكلۈك ياغاچ» (1- توم 657.بەت) دەپ بېرىلگەن، بۇ سۆزدە تاۋۇش ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ھازىرمۇ ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن شۇ چاغلاردىمۇ ئۆيلەر كەڭ سېلىنسا، ئۆگزىنىڭ مۇستەھكەملىكى ئۈچۈن تۆۋرۈك قويۇلىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. دىۋاندا يەنە لىمنى « arquq – ئارقۇق»(1-توم137.بەت) دەپ ئالغان،ئۈستىگە لىم قويۇش ئۈچۈن تىك تۇرغۇزۇلغان تىرەكنى «oγulmuq» (1-توم502.بەت)، لىملارنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان ئىنچىكە ياغاچلارنى «  suni » (3-توم326.بەت)  دەپ ئاتىغانلىقى مەلۇم، بۇ سۆزلەر ھازىر ئىستىمالدىن قىلىپ، ئورنىغا باشقا يېڭى ئاتالغۇلار ۋە ياكى باشقا سۆزلەر ياسىلىپ قوللىنىلۋاتىدۇ. مەھمۇد كاشىغەرىي «äv oqï  – ئەۋ ئوقى»(3-توم201.بەت) دىگەن سۆزنى ئۆگزىلەرنى ياپقاندا توغرىسىغا ياغاچلار قويۇلاتتى ۋە بۇلار « äv oqï » ياكى ئاددىيلا قىلىپ « oq» دەپ ئاتىلاتتى دەپ ئىزاھلىغان. بۇنىڭدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇكى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆگزىسىگە ئۇزۇن ياغاچلار قويۇپ يېپىلغان چوڭ ئۆيلەردە ئولتۇرغان. شۈبىھسىزكى؛ كۆپ سانلىقلارنىڭ ئۆگزىسى توپا-لاي بىلەن يېپىلاتتى. بۇنداق ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىدىن تامچە ئۆتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قىشتا ئگزىدىكى قارلار تازىلىناتتى. بۇ ئىش شۇ زاماندىمۇ «  qar kürümäk- قار كۈرۈمەك» (1-توم529.بەت) دەپ ئاتالغان، دىۋانىمۇ بىرىنىڭ قار كۈرۈگەنلىكى(1-توم615.بەت) تىلغا ئېلىنىدۇ. قار كۈرەشنى يەنە «  qar sïdïrmaq- قار سىدىرماق. قار سىيرىماق» (1-توم432.بەت ) دەپمۇ ئاتايدىغانلىقى مەلۇم. ھەر ئىككى خىل ئاتالغۇ ھازىرقى تۈرك تىلىدا ئەينەن ئىشلىتىلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا قار سىيرىش ۋە قار كۈرەشتە ياردەملەشكەنلىك ھەققىدە سۆزلەنگەنلىكىگە قاراپ، بۇ ئىش خېلى كەڭ تۈردە ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قار كۈرەش ۋە قار تازلاشتا ياردەملىشىش 11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىشلىق تۇرمۇشىدىكى كۆڭۈللۈك ئەمگەك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

11-ئەسىردە ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ھازىرقى تۈرك تىلىدىكى«  » سۆزىدىن سەل پەرقلىق ھالدا «  qapuγ- قاپۇغ. قاپقاق،دەرۋازا»(3-توم313.بەت)، ئۆينىڭ ئىشىكى بولسا «  kïšä- ئەشىك. ئىشىك». ئىشىك ۋە بوسۇغا قىلىنىدىغان ياغاچنى « čäšïklïk yïγa- ئەشىكلىك يىغاچ. ئىشىكلىك ياغاچ» (1-توم615.بەت ) دىگەنلىكى مەلۇم. دەرۋازا قاناتىلىرى بىلەن تامنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆپىنىچە «  tiräk- تىرەك» (1-توم612.بەت) ئىشلىتىلگەنلىكى مەلۇم، دەرۋازىنىڭ يان ياغاچلىرى «  qapuγ yaηaqï- قاپۇغ ياڭاقى» (3-توم587.بەت ) دېيىلگەنلىكى مەلۇم. يەنە « Tüηlük-تۇڭلۇك » (3-توم 532.بەت)  دېگەن  سۆزنى «دىۋان» نىڭ تۈركچە تەرجىمىسىدە بەسىم ئاتالاي « مورا،پەنجىرە» ( ت: 2-توم 246.بەت. ئۇ: 2-توم359.بەت) دەپ تەرجىمە قىلغان. ئەمما بۇ سۆزنىڭ ئەرەبچىسى «الكوق»(1-توم424.بەت) دەپ يېزىلغدن بولۇپ، بۇ كۆپرەك تامدىكى تۆشۈك دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. بۇنىڭغا قاراپ «Tüηlük» دېگەن سۆزنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدا لېكسىكىلىق مەنىسى ئۆزگەرگەن دەپ قاراپ، بۇنى «پەنجىرە» دەپلا چۈشىنىشكە بولغىدەك. بىراق شۇنداقتىمۇ« Tüηlük » دېگەن سۆز «مورا» دېگەن مەنىنى بلدۈرىشىمۇ مۇمكىن.چۈنكى ئۇلار ئۆينى ئىسىستىش ۋە تاماق ئېتىش ئۈچۈن «očaq -ئوچاق» (3-توم214.بەت)  سالغان. بۇ ئوچاقلارنىڭ ئەلۋەتتە مورىسى بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر شەرقىي ئاناتولىيىدە پەنجىرىنى «مورا» دېگەن مەنىدە قوللىنىۋىتىپتۇ. كىچىك يېزا، مەھەللىلەردە ئۆينىڭ پەنجىرىلىرىنى مورىغا ئوخشاش ئۆگزىدىن چىقىرىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دېگەن بولسا كېرەك دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئۆگزىدىن ئېچىلىدۇ دەپ قارالسا، بۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بىلەن ئوخشاش «تۈڭلۈك» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىشىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. « دىۋان» دىكى «očaq -ئوچاق» (3-توم214.بەت) سۆزى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىمۇ ئەينى پېتى ساقلىنىپ قالغان. يەنە «  očaqlïq yïr- ئوچاقلىق يەر. ئوچاق سالىدىغان يەر» (3-توم506.بەت )، « očaqlïq äv  – ئوچاقلىق ئەۋ. ئوچىقى بار ئۆي» (3-توم193.بەت ) دەپ ئاتىلىدىغانلىقى بېرىلگەن، بۇ سۆزلەر مەيلى لېكسىكىلىق ۋە ياكى فونېتىكىلىق جەھەتتە ئۆزگىرىش ھاسل قىلماي ئىستىمالىمىزدىمۇ قوللىنىلۋاتىدۇ.  مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ « ïäv očaqland- ئەۋ ئوچاقلاندى. ئۆيگە ئوچاق سېلىندى، ئۆي- ئوچاقلىق بولدى»(1-توم658.بەت ) دېگەن سۆزلىرىگە قاراپ، بەزى ئۆيلەر سېلىنغاندا ئوچاق سېلىنماي كېيىن ئېھتىياجلىق بولغاندا سېلىنسا كېرەك دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. يەنە «دىۋان» دىكى       « očaqlïq tïktïk- ئوچاقلىق تىتىك. ئوچاق سېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سېغىز لاي» (2-توم506.بەت ) دەپ ئىزاھلىنىشىدىن مەلۇمكى، بەزى ئوچاقلارنىڭ تامنىڭ ئىچىگە ياكى تامغا چاپلاپ سېلىنماستىن، ئۆينىڭ ھەرقانداق بىر چېتىگە لايدىن ياكى تونۇر شەكلىدە سېلىنىدىغانلىقىنى (1-توم535.بەت ) پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. «دىۋان» دا يەنە «  köčürmä očaq- كۆچۈرمە ئوچاق. بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە يۆتكىگىلى بولىدىغان ئوچاق» (1-توم488.بەت) دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنغان، بۇنىڭدىن  بۇ خىل ئوچاقلارنى كۆپىنچە يۆتكىگىلى بولىدىغان بولغاچقا كۆپرەك كۆچمەنلەر ئىشلەتسە كېرەك دېيەلەيمىز. «دىۋان» دا « Turpladï-ئەندىزىلىدى. بىر نەرسىنىڭ ئەندىزىسىنى ياكى ئۈلگىسىنى يارىتىش»(3-توم601.بەت) دېگەن بىر پېئىل تىلغا ئېلىنغان، بۇ سۆزدىن ئۆي سالغاندىمۇ ئىشىك، پەنجىرە، ئوچاق ۋە تۈڭلۈكلەرنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىن ئەندىزىسىنى سىېزىپ، ئېھتىياجغا قاراپ پىلان بويىچە ياسالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. « دىۋان» دا « gmää-ئەگمە » (1-توم629.بەت) دېگەن سۆز بېرىلگەن، بۇنىڭدىن بەزى تۈرك ئەللىرىدە ئۆيلەرنىڭ ئەگمە شەكىلدە سىېلىنغانلىقىنى توغرىسىدا مولۇماتقا ئىگە بولالايمىز. يەنە بەزىلىرى « uyuγluq äv- ئۇيۇغلۇق ئەۋ» (1-توم505.بەت ) دەيدىغانلىقى مەلۇم. بۇ سۆزلەردىن كېمىر ئۆي سېلىش مەيلى تام قوپۇرۇش، مەيلى ئۆي ئىچىنى پىلانلاش جەھەتتە بولسۇن بىر خىل بىناكارلىق سەنئىتى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.لېكىن « دىۋان» دا قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ بار-يوقلۇقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ئۆي ئىچىنىڭ بۆلۈنىشى[تەھرىر]

«تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرىلىنىشىچە، ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرى بىر يۈرۈش ئىچكىرى- تاشقىرى قىلىپ ياسالغان ۋە ھويلا، باغ، گۈللۈك، چايخانا، قوتان، دەرۋازا، بالخخانا، يازلىق دەم ئېلىش ئورنى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تىپىك ھويلىلىق قۇرۇلۇش شەكلىنى ئالغان. مەھمۇد كاشىغەرىي تۇرالغۇ ئۆينىڭ ئىچكى تۈزۈلىشى جەھەتتىمۇ بىزگە نۇرغۇن يېتەرلىك مەلۇماتلارنى بەرگەن .

مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ « Törtkül äv – تۆرتگۈل ئەۋ. تۆت بۈرجەكلىك، تۆت چاسا ئۆي» (1-توم 176.بەت) دېگەن سۆزىنىڭ ئىزاھاتىغا ئاساسەن ئۆيلەرنىڭ 11-ئەسىردىمۇ ھازىرقىغا ئوخشاش تۆت بۈرجەكلىك شەكلىدە سىلىنىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۆي ئىچىنىڭ بۆلۈنىشىگە كەلسەك، «دىۋان» دا « bäčküm- بەچكۈم. سۇپا»( 3-توم193.بەت) دېگەن سۆز بېرىلگەن، بۇنىڭدىن شۇ ۋاقىتلاردىمۇ ئۆيلەرگە سۇپا سىلىنىدىغانلىقى مەلۇم ھەمدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇقۇمنى بىلدۇرىدىغان « Säkü-سۇكە. كىشىلەر ئولتۇرىدىغان ئۈستى يېپىق سۇپىچاق.» (3-توم305.بەت) يەنە بىر سۆزمۇ تىلغا ئىلىنغان، بۇ سۆز ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىنىڭ خوتەن دىئالېكىتىدا ساقلىنىپ قالغان.سۇپىنىڭ ئەتراپىدا باشقا خانىلار بولغان،بۇنداق ئۆيلەرنى بەزى تۈركىي خەلقلەر «- قالىما. بالىخانا» دېگەنلىكى مەلۇم. يەنە « – مۈندۈرە. توي بولغاندا كېلىن ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە بېزەلگەن ئۆي»(1-توم160.بەت) دېگەن سۆزدىن كېلىن ئولتۇرىدىغان ئۆينىڭ ياسىلىشىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. «دىۋان» دا « qonuqluγ äv- قونۇقلۇغ ئەۋ. قوناقلىق ئۆي» (1-توم544.بەت) ۋە « kälišliγ bališliγ äv- كەلىشلىغ-بالىشلىغ ئەۋ. كېلىشلىك-بېرىشلىق ئۆي»(1-توم642.بەت) دېگەن سۆزلەرنى مېھمانخانا دەپ چۈشەندۇرۈلىشىگە قاراپ، مېھمانلارغا ئاتاپ ئايرىم بىر خاس خانىسىنى ئايرىيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ناۋادا مېھمانلار ئۈچۈن ئايرىم بىر ئۆينى ئايرىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغاندىمۇ، ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدىكى مەخسۇس بىر ئۆينى مېھمانلارغا ئايرىيدىغانلىقى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. بۇ قاراشنى «دىۋان» دىكى قوناقلىق ئۆي ۋە كېلىشلىك-بېرىشلىق ئۆي ھەققىدىكى بايانلارمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. 11- ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆيلىرىدە دالان، كېلىن ئۆيى، مېھمانخانىدىن باشقا يەنە ئولتۇرىدىغان، ھېچبولمىغاندا ئۇخلايدىغان ئۆيلەرنىڭ بارلىقىنى «دىۋان» دا تىلغا ئېلىنغان« Yatïq   ياتاق. ياتىدىغان ۋە ئۇخلايدىغان جاي» (3-توم17.بەت) دېگەن سۆز ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىققىلى بولىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا «- Ašlïqئاشخانا. تاماق ئۆيى. » (1-توم 642.بەت) دىن ئاشخانا ئۈچۈنمۇ مەخسۇس بىر ئۆينىڭ ئاجىرىتىلىدىغانلىقى مەلۇم. يەنە « tarïγlïγ- تارىغلىغ. ئامبار» (1-توم544.بەت) دېگەن سۆزنىڭ ئىزاھاتىدىن مەخسۇس بىر ئېغىز ئۆينىڭ قىشلىق ئاشلىقلىرىنى ساقلايدىغان ئامبار قىلىپ قوللىنىلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆيلىرىدە «umušluγč-چۇمۇشلۇق» (1-توم466.بەت) دەپ ئاتىلىدىغان ھاجەتخانىلارنىڭ بارلىقى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ھەققىدە پىكىر قىلىشىمىزغا يېتەرلىك ئاساس بولالايدۇ. قوشۇمچە ئۆيلەردىن « Oγïl-  ئېغىل»(1- توم 656.بەت)، « otunluγ-ئوتۇنخانا»(1-توم620.بەت) ۋە « kömürlüg-كۆمۈرخانا» (1-توم 560.بەت) قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم كۆرسىتپ بېرىلگەن. بۇ ئەھۋال تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆي سالغاندا ئۆزلىرى بىلەن بىللە ھايۋانلىرىنى، نەرسە كېرەكلىرىنى قويىدىغان جاينىمۇ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.  بۇنىڭدىن باشقا « دىۋان» دىكى « qapuγluq äli- قاپۇغ ئەلى. ئۆينىڭ ئالدىدىكى بوش يەر»(1-توم534.بەت) دېگەن سۆز «ھويلا» دېگەننى ئىپادىلىگەن.

ئۆينىڭ بېزىلىشى[تەھرىر]

مەھمۇد كاشىغەرىيىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ بولۇپمۇ تاملارنىڭ زىننەتلىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. «دىۋان» دا ئۆي تاملىرىنى نەقىشلەشتە 11-ئەسىردىمۇ «bäzäk-بەزەك. بىزەك» (1-توم129.بەت)  دەپ ئاتىلىدىغان، تامنى نەقىشلەشتە ئىشلىتىلىدىغان ۋە « ašu-ئاشۇ. رۇشا،قىزىل رەڭلىك توپا»(3-توم7.بەت) دىن پايدىلىنىپ نەقىشلەنگەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل بىزەك ۋە قىزىل توپا ئارقىلىق ئۆي بېزەش ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدىمۇ قوللىنىلىپ كېلىنىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە« Bäzädi- بېزىدى. ol ävin bäzädi -ئۇ ئۆيىنى بېزىدى.» (3-توم360.بەت)  ۋە « Bäzäšdi- بېزەشتى. ol maηa bäzük bäzäšdi- ئۇ ماڭا بېزەك بېزىشىپ بەردى.» (2-توم 133.بەت) قاتارلىق پېئىللارنىڭ «دىۋان» دا ئۇچىرىشىمۇ بېزەكچىلىك ئىشلىرىنىڭ شۇ دەۋردىكى تەرەققىياتىنى شەرھىلەپ بېرىدۇ.

ئۆي جاھازىلىرىغا كەلسەك،ئۆيلەردىكى ئولتۇرىدىغان جاينى « bäčküm- بەچكۈم. سۇپا»( 3-توم193.بەت)،« Säkü-سۇكە. كىشىلەر ئولتۇرىدىغان ئۈستى يېپىق سۇپىچاق.ئوغۇزچە» (3-توم305.بەت)،«kötrüm-كۆترۈم. سۇپا»(1-توم500.بەت) دىن باشقا يەنە « šïn-شىن. چىگىلچە» (1-توم262.بەت) سۆزىمۇ تىلغا ئېلىنغان. «دىۋان» دا «törä -تۆر، ئۆينىڭ تۆرى. ïtörä yoqlad- تۆرگە چىقتى.» (3-توم   305  .بەت) بۇ ئۆينىڭ ئەڭ مۇھىم يېرى ۋە باش ئورۇن دەپ تەرىپلىنىدۇ، بۇنىڭدىن مېھمانلار ۋە باشقا ئەتىۋارلىق كىشىلەرنىڭ خۇددى ھازىرقىغا ئوخشاشلا ئۆينىڭ تۆرىگە ئولتۇرغۇزىدىغانلىقى مەلۇم. ئۆيلەردە يەنە سايمان ۋە كىيم-كېچەكلەرنى قويىدىغان يەرنى « yüdrük- يۈدرۈك»(1-توم682.بەت) دەپ ئاتىغان. بەزى ئۆيلەردە، بولۇپمۇ ئاشخانىلاردا ئۈستىگە ئۆي جابدۇقلىرىنى قويىدىغان « särü- سەرۈ. تەكچە،تاختىبېشى» (1-توم516.بەت) دېگەن سۆزلەر بېرىلگەن، بۇ خىل تەكچە چىقىرىش ئۇسۇلى ھازىرقى بىناكارلىق بېزەكچىلىك ئىشلىرىدىمۇ كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ. يەنە «  tam kärimi- تام كەرىمى. تام ياپقۇچى» (1-توم578.بەت) دېگەن سۆزنىڭ ئىزاھاتىدىن تاملارنى تۇپراقتا بېزەشتىن باشقا، تاملارغا نەقىشلىك پەردىلەر، چارشاپ ۋە گىلەملەرنىڭ ئېسىلىدىغانلىقىنىمۇ كۆرېۋىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە «دىۋان» دا           « Čäknädi –كەشتىلىدى. qïz cäkin cäknädi- قىز كەشتە كەشتىلىدى.»(3-توم412.بەت) دېگەن پېئىل بېرىلگەن، بۇنى بىر تەرەپتىن ئەينى ۋاقىتتىكى قول-ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ نامايەندىسى دېسەكمۇ، يەنا بۇر تەرەپتىن بەلكىم شۇ ۋاقىتلاردىكى خوتۇن- قىزلارنىڭمۇ ھازىرقىدەك ئۆينى بېزەش ئۈچۈن كەشتىلەرنى تىكىپ تاملارغا ئاسقان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

ئورۇن-كۆرپە ۋە ئۆيگە سېلىنىدىغان نەرسىلەرگە كەلسەك،« Käcä – كىگىز (ئوغۇزچە)» (3-توم302.بەت) ۋە « -كۈۋۈز. يۇڭدىن توقۇلغان سېلىنچا، تۆشەك، گىلەم»(3-توم383.بەت) سۆزلىرىدىن ماددىي شارائىتقا ئاساسەن، ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ شارائىتى ياخشىلىرى گىلەم سالغان، ئانچە ياخشى ئەمەسلىرى كىگىز ياكى پالاس سالغان دەپ پەرەز قېلىشقا بولىدۇ.

ئۆيلەرنىڭ يورۇتۇلۇشى[تەھرىر]

مەھمۇد كاشىغەرىي«دىۋان» دا، «yula»[24] دېگەن سۆزنى ئاسما چىراغ دەپ ئىزاھلىغان، بۇنىڭدىن 11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەر ئۆيلەرنى يورۇتۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە « ئاسما چىراغ» ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.يەنە « tamurmaq»[25] دېگەن پېئىل تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇ سۆزنى چىراغ يېقىش دېگەن مەنىدە ئىزاھلىسا،«ozunmaq »[26] دېگەن پېئىلنى چىراغنى ئۆچۈرۈش دەپ ئىزاھلىغان، بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتىمۇ ئۇ ئىككى خىل ھەرىكەت ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ئىككى پېئىلنىڭ قوللىنىلغانلىقى ئېنىق. «دىۋان» دا يەنە «yïtïm»[27] زىغىر ئۇرۇقىدىن ئېلىنغان، چىراققا ئىشلىتىلىدىغان ماي دەپ ئىزاھلىغان. يەنە ئۇچاغدىكى چىراغلارنىڭ پىلىكىنى«bälik»[28] دەپ ئاتىغان. بۇ سۆز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قېلىپ يەنى تاۋۇش ئاجىزلىشىش ھادىسىسىدىن كېيىن «پەلەك» كە ئۆزگىرىپ ھازىرمۇ قوللىنىلىۋاتىدۇ. پىلىك قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە ھازىرلانغان پاختا «bälïklïk käpäz»[29] دېيىلگەن، بۇنى ئارغۇلارنىڭ «pistik»[30] دەيدىغانلىقى يېزىلغان. مەھمۇد كاشىغەرىي يەنە «tüηšü»[31] نى شامدان دېگەن مەنىدە ئىزاھلىغان، بۇنىڭدىن 11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ جىنچىراغدىن باشقا شام ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە شاملارنى ئالاھىدە شامدانلارغا قويۇپ ياقىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.«دىۋان» دا يەنە بۇلغارلارنىڭ شامنى «avus»[32] دەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

چېدىر[تەھرىر]

يۇقىرىدا بىز تونۇشتۇرغانلىرىمىز مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئولتۇرىدىغان ئۆيلەردۇر. ھالبۇكى 11-ئەسىردە تۈركىي خەلقلەرنىڭ يەنە كۆپ قىسمى تېخىچە كۆچمەن تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقاچقا، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى تىلغا ئالساق تەبىئىي ھالدا چېدىر كۆز ئالدىمىزغا كەلمەي قالمايدۇ. لېكىن «دىۋان» دىمۇ مەھمۇد كاشىغەرىي ئۇنداق جىق مەلۇمات بەرمىگەن.«دىۋان» دا «kärägü- كەرەگۈ. چېدىر»[33] ۋە « alaču- ئالچۇ. چېدىر،كەپە»[34] دېگەن سۆزلەر چىدىر ئۇقۇمىنى ئىپادىلىگەن. مەھمۇد كاشىغەرىي يەنە چېدىرنىڭ ئىچكى تەرىپىدىكى بۈرجىكىنى «  Uγ-ئوق،  ئۇۋۇق،  كىگىز ئۆينىڭ ئۇۋۇنى، تىرەك ياغىچى».[35] چېدىرنىڭ تىرىكىنى« sïruq- سىرۇق»[36]، ئېتىكىنى « -ساپىغ»[37]، يان تەرەپلىرىنى « äyägü-ئەيەگۈ»[38] دەيدىغانلىقى بېرىلگەن «دىۋان» دا چېدىرنىڭ يان تەرەپلىرىدىن تارتىپ سۆزلىنىشى، بۇرجەكلىك چېدىر قۇببە شەكلىدىكى چېدىردىن كۆپ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بارىسخان خەلقلىرى چېدىر پەردىلىرىنى «arïγ-ئارىغ» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بەرگەن، لېكىن بۇ پەردىنىڭ نېمىدىن ياسىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن. مەھمۇد كاشىغەرىي يەنە باشقا كۆچمەن تۈركلەرنىڭ « يىز» دېيىلىدىغان بىر خىل چىغ قۇمۇشتىن چېدىر پەردىلەرنى ياسايدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ. يىزدىن قىلىنغان چېدىر ياپقۇچلرى « Čïγ-چىغدان»[39] چېدىردا ياشايدىغانلارنىڭ چىغدىن توقۇيدىغان پەردىسى، چىغ بۇ قۇمۇشتىن ئىنچىكە ۋە يۇمران نەرسە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتا كىشلەر كىگىز قاتارلىقلاردىن باشقا ئاسان ئۆرىگىلى بولىدىغان ئۆت-چۆپلەرنىمۇ چېدىر توقۇشقا ئىشلەتكەن دەپ قاراشقا بولىدۇ.

مەھمۇد كاشىغەرىي « تۈركىي  تىللار دىۋانى» دا يازغان بىناكارلىققا ئائىت سۆزلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىزاھاتىدىن بىز ئەينى دەۋردىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بىناكارلىق ئىشلىرىنىڭ ئىنتايىن تەرەققىي قىلغانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيمىز ھەمدە بۇنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيتى ۋە ئۇيغۇر بىناكارلىق مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا خۇلاسىلەشكە بولىدۇ.

شەھەرلىشىش[تەھرىر]

«تۈركىي تىللار دىۋانى» دا، 11-ئەسىردە ئۆينىڭ « öv »(1)-«  vü»(2)- « vä »(3)  دېگەندەك ۋارىيانىتلىرى بېرىلگەن ھەمدە بۇ سۆز كۆپ جايلاردا « vä» دەپ ئېلىنغانلىقى مەلۇم. بۇ سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىمۇ بار سۆز  بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ «ئۆي» گە ئۆزگەرگەن بولسىمۇ،لېكىن ئەينى زاماندىكى بىلەن ئوخشاش ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدۇ ۋە بۇ سۆز ھازىرقى تۈركىيە تۈركچىسىدىمۇ ساقلىنىپ قالغان. بىز ئۆي ئۇقۇمىدىكى« vä » سۆزىنىڭ دىۋاندا ئۇچىرىشىدىن قاراخانىيلار خانلىقى جۈملىدىن ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى مەزگىللەردىمۇ تۈركىي مىللەتلەر بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق-تۇرالغۇغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ۋە كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن مۇقىم ئولتۇراقلىشىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى بىلېۋىلىشقا بولىدۇ. كىشلەر ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، بىر قانچە ئائىلىلىكلەر توپىدىن مەھەللىلەر، مەھەللىلەردىن ئايماق-شەھەرلەرنىڭ شەكىللىنىشى بىر تەبىئي ئەھۋال. بۇنى دىۋاندا شۇنى سۈپەتلەپ بېرەلەيدىغان بىر قانچە سۆزلەر بىلەن دەلىللەشكە بولىدۇ،يەنى دىۋاندا « Ast-ار كوچا»[40]، « Ordu- ئوردا،خان شەھىرى)،[41] « odu känd » (خاقانلار تۇرىدىغان قەشقەر شەھىرى)[42] ۋە مەھمۇد كاشىغەرىي دىۋاندا « ئۇيغۇر دەيدۇ، ئۇ بىر ئەلنىڭ ئىسمى، بەش شەھىرى بار. بۇ شەھەرلەرنى تۈرك خاقانى بىلەن زۈلقەرنەيىن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان» دەپ يازغان ھەمدە  بۇ شەھەرنىڭ مىلادىدىن 4 ئەسىر ئىلگىرىلا بىنا قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولغان، ئۇ تىلغا ئالغان بۇ بەش شەھەر سۇلى(قەشقەر)، قوچۇ (تۇرپان)، خانبالىق (ئۈرۈمچى)، بەشبالىق( گۇچۇڭ ئەتراپى)، ياڭىبالىق (سانجى) قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ تىلغا ئېلىنىشى نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنلا ھازىرقى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارنىڭ شەھەرلىشىپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدۇ.

جامائەت قۇرۇلۇشلىرى[تەھرىر]

قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ئىلىم-مەرىپەت، سودا-سېتىق ۋە قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلىرىنىڭ ئىنتايىن تەرەققىي قىلغانلىقىنى «دىۋان» دا بېرىلگەن  شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ دەۋرلەردە شەھەرنىڭ چوڭ كوچىلىرىدا ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، مەسچىت، ساراي رەستىلەر قەد كۆتۈرگەن. « دىۋان» دا «Suyran – مۇنار ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئېگىز نەرسە »[43] دېگەن سۆز تىلغا ئىلىنغان، بۇنى ھازىرقى چۈشەنچىمىز بويىچە ئېيتقاندا كۆپ قىسىم يېڭىلىقلار شەھەرلەردە مەيدانغا كېلىدۇ ھەم بەلكىم شۇ چاغلاردا بۇنداق ئالاھىدە ئىگىز قۇرۇلۇش دۆلەتنىڭ ئەربابلىرىنىڭ ئىش بىجىرىدىغان ئورنى بولىشىمۇ ۋە ياكى مەسچىت ئۈچۈن ياسالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە « Tärnäk- دەرنەك، خەلق مەسلىھەت ئۈچۈن يىغىلىدىغان ئورۇن»[44] دېگەن سۆزدىن ئەينى ۋاقىتتىكى جامائەت قۇرۇلۇشلىرىنىڭمۇ ئايرىم-ئايرىم ياسلىشىدىن،جامائەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

مەسچىت ۋە مازار قۇرۇلۇشلىرى[تەھرىر]

مەسچىت- ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «مۇسۇلمانلار سەجدە قىلىدىغان جاي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقى تەۋەسىدىمۇ مەسچىتلەر بىنا قىلىنىشقا باشلىغان ۋە تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلىشىغا قارىغاندا مەسچىت قۇرۇلۇشلىرىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىگەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەھمۇد كاشىغەرىي  بىر قىسىم سۆزلەرنى ئىزاھلىغاندا « مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار، كاپىرلار» دېگەن سۆزلەرنى تىلغا ئالغان. بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتا بىر قانچە خىل دىننىڭ تەسىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېنىق بىلىۋالايمىز. بولۇپمۇ قاراخانىيلارنىڭ سۇتۇق بۇغراخانندىن باشلانغان ھۆكۈمرانلىرى بىر تەرەپتىن يېڭىدىن بويسۇندۇرۇلغان يەرلەردە باشقا دىنلارغا مەنسۇپ دىننىي قۇرۇلۇشلارنى بۇزۇپ تاشلاپ يەنە بىر تەرەپتىن كەڭ كۆلەمدە مەسچىتلەرنى سالدۇرغان، مەدرىسلەرنى ئاچقان. بۇ جەھەتتىكى توقۇنۇشلارنى مەھمۇد كاشىغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا مۇنداق تىلغا ئالغان:

كەلكۈن بولۇپ ئاقتۇق،

كەنىتلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشتۇق.

بۇتخانىلارنى يىقىتتۇق،

بۇتلارنىڭ ئۈستىگە چىچتۇق.

يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە «دىۋان» دا « Subuzγan- گۆرىستان، گۆرلۈك، مۇسۇلمان بولمىغانلارنىڭ گۆرلۈكى»[45] دېگەن سۆزمۇ تىلغا ئېلىنغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە « Yärqü -قەۋرە »[46] دېگەن سۆزمۇ بېرىلگەن ھەمدە تەپسىلىي ئىزاھات بېرىلمىگەن، بەلكىم بۇ مۇسۇلمانلار قويۇلىدىغان قەبرىگاھ بولۇشى مۇمكىن.  شۇڭا بۇلاردىن ئەينى ۋاقىتلاردىمۇ كىشىلەرنى مازارغا قويغاندا مۇسۇلمان بولغان ۋە بولمىغان كىشىلەرنىڭ مازارلىقى دەپ ئايرىيدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. «دىۋان» دا يەنە«Qabïrcaq\ساندۇق»[47] دېگەن سۆزنى كۆپىنچە ئۆلۈك سالىدىغان ساندۇقنى كۆرسىتىدۇ دەپ ئىزاھلايدۇ،  بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتلاردا مېيىتنىڭ ساندۇققا سېلىنىپ دەپنە قىلىنىدىغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ.

خۇلاسىلىغاندا، مەھمۇد كاشىغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا تىلغا ئالغان بىناكارلىق توغرىسىدىكى سۆزلەردىن گەرچە بىر قىسمى فونېتىكىلىق ۋە لېكسىكىلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان بولسىمۇ ھەمدە بىر قىسمى ئىستىمالدىن قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار تەتقىق قىلىش قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى تىلىمىزنى تەتقىق قېلىش ئۈچۈن مۇھىم تەتقىقات ماتىرىيالى بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ دەۋردىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىناركارلىق جەھەتتىكى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە بىناكارلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ يۈكسەك پەللىگە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا مۇھىم ئىسپات بولالايدۇ.[48][49][50]

مەنبەلەر[تەھرىر]

  1. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 1 – ﺗﻮم، 473 – ﺑﻪت
  2. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 1 – ﺗﻮم، 636 – ﺑﻪت
  3. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 3– ﺗﻮم، 302. ﺑﻪت
  4. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 3– ﺗﻮم، 46. ﺑﻪت
  5. ئابدۇراززاق قادىر، http://www.uyghurnet.org/ug/تۈركىي-تىللار-دىۋانى-دا-مۇزىكا-سەنئ/
  6. مەھمۇد كاشىغەرىي-« تۈركىي تىللار دىۋانى » ئۇيغۇرچە نەشرى 1-،2-،3- توم.
  7. رېشات گەنچ-« تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن 11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىگە نەزەر، مىللەتلەر نەشرىياتى.
  8. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 1– ﺗﻮم، 67. ﺑﻪت
  9. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 3– ﺗﻮم، 104. ﺑﻪت
  10. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 1– ﺗﻮم، 83. ﺑﻪت
  11. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 3– ﺗﻮم، 40. ﺑﻪت
  12. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 3– ﺗﻮم، 325. ﺑﻪت
  13. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 1– ﺗﻮم، 535. ﺑﻪت
  14. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 1– ﺗﻮم، 73. ﺑﻪت
  15. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 1– ﺗﻮم، 499. ﺑﻪت
  16. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 3– ﺗﻮم، 368. ﺑﻪت
  17. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 3– ﺗﻮم، 327. ﺑﻪت
  18. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 3– ﺗﻮم، 346. ﺑﻪت
  19. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 2– ﺗﻮم، 174. ﺑﻪت
  20. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 1– ﺗﻮم، 627. ﺑﻪت
  21. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 3– ﺗﻮم، 9. ﺑﻪت
  22. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 1– ﺗﻮم، 495. ﺑﻪت
  23. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 1– ﺗﻮم، 573. ﺑﻪت
  24. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 3- توم 31. بەت
  25. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 2- توم 249. بەت
  26. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 1- توم 269. بەت
  27. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 3- توم 79. بەت
  28. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 1- توم 501. بەت
  29. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 1- توم 663. بەت
  30. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 1- توم 621. بەت
  31. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 3- توم 516. بەت
  32. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك 1- توم 81. بەت
  33. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك 3- توم 591. بەت
  34. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك 3- توم 168. بەت
  35. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك 1- توم 66. بەت
  36. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك 1-توم 278.بەت
  37. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك 1- توم 487. بەت
  38. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك 1-توم 185.بەت
  39. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك 3-توم 171.بەت
  40. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك 1-توم 59. بەت
  41. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك 1-توم 160. بەت
  42. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك 1-توم 151.بەت
  43. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 1-توم 568.بەت
  44. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 1-توم 622. بەت
  45. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 1-توم
  46. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 3- توم 38. بەت
  47. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، 1-توم 652. بەت
  48. خالىدە نەمتۇل-« ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى ئۆچمەس نامايەندە- كېمىر ئۆي»، مىراس ژورنىلى، ئۇيغۇرچە 2010-يىللىق 6.سان.
  49. قۇربانجان ئوبۇل، «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆي-ئىمارەت ۋە ھويلا-ئارام بەرپا قىلىش ئادەتلىرىگە سىڭگەن ساقلىقنى ساقلاش قاراشلىرى»، مىراس ژورنىلى، ئۇيغۇرچە، 2010-يىللىق 5. سان
  50. «مەھمۇد كاشىغەرىي ۋە ئۇيغۇر مەەنىيىتى»، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى، ئۇيغۇرچە، 2008- يىللىق 2. سان