دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ فوتو ئاپپارات

ئورنى Wikipedia


1900-يىلى ئامېرىكىنىڭ چىكاگو دىكى ئوردۇن تۆمۈريول شىركىتى لايىھىلەپ ياسىغان «مامۇنت» ناملىق فوتو ئاپپارات ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنغان فوتو ئاپپاراتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ئىدى.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ فوتو ئاپپارات

ياسالغان ۋاقىت :1900-يىلى

نامى :مامۇنت

ياسىغان شىركەت :ئوردۇن تۆمۈريول شىركىتى

ئېغىرلىقى :635 كىلوگرام

تونۇشتۇرۇلىشى[تەھرىرلەش]

1900-يىلى ئامېرىكىنىڭ چىكاگودىكى ئوردۇن تۆمۈريول شىركىتى لايىھىلەپ ياسىغان «مامۇنت» ناملىق فوتو ئاپپارات ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنغان فوتو ئاپپاراتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ئىدى.

«مامۇنت» ناملىق فوتو ئاپپارات بىلەن تارتىلغان سۈرەتنىڭ نېگاتىپىنىڭ ئۆلچىمى 1.4×2.4 مېتىر بولۇپ، بۇ نېگاتىپىنىنى يۇيۇش ۋە بېسىشقا 0.045 كۇپ مېتىر خىمىيىلىك دورا سۇيۇقلۇقى كېتەتتى. 1900-يىلى پارىژدىكى يەرمەنكىدە مۇشۇ خىل ئاپپارات ئارقىلىق تارتىلغان چوڭ سۈرەت «دۇنيا بويىچە تۇنجى مۇكاپات»قا ئېرىشكەن.

بۇ چوڭ ئاپپارات مەزكۇر شىركەت ئىشلەپچىقارغان ھەشەمەتلىك ۋاگونلارنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن ياسالغان. بۇ ئاپپاراتقا 225 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى يورۇقلۇق سەزگۈچى ئەينەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئاپپاراتنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 635 كىلوگرامغا يېتەتتى، ئۇنى 15 ئادەم باشقۇراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ شىركەت مەخسۇس بىر ۋاگون ئاجرىتىپ بۇ قىممەتلىك ئاپپاراتنى توشۇشقا ئىشلەتكەن.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • تونۇشتۇرۇلىشى
  • ئالاقىدار بايان
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ئالاقىدار بايان[تەھرىرلەش]

فوتو ئاپپارات دۇنياغا كەلگەن دەسلەپكى نەچچە ئون يىلدا بىر پارچە سۈرەتنى چوڭايتىش ناھايىتىمۇ قىيىن ئىدى. بىرەر پارچە ئېنىق تارتىلغان رەڭلىك چوڭ سۈرەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن مۇناسىپ ھالدىكى چوڭ ئاپپارات بىلەن سۈرەت تارتىشقا توغرا كېلەتتى.

سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان بۇگۈنكى كۈندە كىچىك ئاپپاراتتا تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ تېگاتىپىنىمۇ «مامۇنت» ناملىق فوتو ئاپپاراتتا تارتىلغان سۈرەتتىن ئېنىق قىلىپ چوڭايتقىلى بولىدىغان بولدى. شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتىكى «مامۇنت» ناملىق ئاپپاراتتا تارتىلغان سۈرەتكە قارىغاندا تېخىمۇ ئېنىق سۈرەتلەرنى تارتقىلى بولىدىغان بولدى. ئەينى ۋاقىتتىكى «مامۇنت» ناملىق ئاپپارات چوڭ ھەم كېلەڭسىز بولغاچقا، ئاللىقاچان ئاسار ئەتىقىگە ئايلانغان.