دۇنيادىكى جازا لاگېرلىرى
ئېلتىرىش
جازا لاگېرلىرى دېگەن بۇ ئاتالغۇ كۆپىنچە ئادەملەرگە تونۇش بىر تارىخى ئاتالغۇ بولۇپ، ئادەتتە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ناتسىست جازا لاگېرلىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى كوممۇنىست جازا لاگېرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان جازا لاگېرلىرى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى دۇشمەن دۆلەتلەر قارشى تەرەپتىن ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلەرنى يىغىۋالغان ئەسىرلەر لاگېرلىرى ئەمەس. جازا لاگېرلىرى يەنە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ كۆپىنچە يەھۇدىلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا تاراتقۇلىرىدا قايتا كۆزگە چېلىقىۋاتقان جازا لاگېرلىرى خىتاينىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بىز بۇ يەردە ئىنسانىيەت تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن پاجىئەلەرنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا ئورناشقان ۋە قايتا تەكرارلانسا بولمايدۇ دەپ قارالغان تىپىك جازا لاگېرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.
ئالجېرىيە
فرانسىيە ئىشغالىيىتىدىكى ئالجېرىيەدە 1830- 1900 يىلغىچە بولغان يىللاردا ئالجېرىيە نوپۇسىنىڭ تېخمىنەن 15- 25% ى جازا لاگېرلىرىدا ئۆلگەن(250،000- 300،000 ئادەم) .
ياپونىيە
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە شەرقى جەنۇبى ئاسىيانى ياۋرۇپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان ياپونىيە گوللاندىيەلىكلەر ، يەرلىكلەر، ۋە باشقا ياۋرۇپالىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 130،000 ئادەمنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغان. بۇ تۇتقۇنلاردىن ئۇرۇشتىن كېيىن ھايات قالغانلىرىنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس.
ناتسىست جازا لاگېرلىرى
ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى گېرمانىيەدە تۇنجى قۇرۇلغان جازا لاگېرى داكاۋ جازا لاگېرى بولۇپ، 5000 ئادەم قامالغان. پۈتۈن گېرمانىيەدە بىرلا ۋاقىتتا لاگېرغا سولانغانلارنىڭ ئومۇنى سانى 79،000 ئەتراپىدا بولغان.
1933- 1945- يىلغچە بولغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلارنىڭ ياۋرۇپا مىقياسىدا قۇرغان جازا لاگىرلىرىنىڭ سانى گېرمانىيە ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە 1200 دەپ خاتىرىلەنگەن. يەھۇدى جازا لاگېرلىرى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە ياۋرۇپادىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ سانى 15،000 ئەتراپىدا بولۇپ كۆپ قىسمى ئۇزۇن ئىشلىتىلمەي تاقالغان. بۇ جازا لاگېرلىغا قامالغانلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدىلاردىن باشقا گېرمانىيەگە قارشى دەپ قارالغان نۇرغۇن باشقا مىللەت كىشىلىرىمۇ بولۇپ، ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار يەھۇدىلاردىن باشقا چېخلار ۋە پولەكلەر بولغان. خولوكوست مۇزىيىنىڭ مۆلچەرى بويىچە ناتسىست گېرمانىيەسى 12 يىل ئىچىدە جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلارنىڭ ئومۇمى سانى گېرمانىيەدىن رۇسىيەگىچە سوزۇلغان ياۋرۇپا زېمىنىدا 15 مىليوندىن -20 مىليونغىچە دەپ قارىلىدىغان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە يەھۇدىلار 6 مىليوندىن ئاشىدۇ دېيىلگەن.
پولشا
گېرمانىيە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغان قىلىنغان پولشادا ناتسىستلار قۇرغان جازا لاگېرلىرى شۇ يەرلەردە ياشىغان گېرمان نەسىللىكلەرنى ۋە سوۋېتقا قارشى پولشالىقلارنى قاماشقا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، 1945-1949 -يىلغىچە تەخمىنەن 100 مىڭ ئادەم رۇسلار تەرىپىدىن جازا لاگېرلىرىغا قامالغان.
سوۋېت جازا لاگېرلىرى ( گۇلاگلار)
سوۋېت دەۋرىدە 1929- 1953-يىلىغىچە ستالىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن نۇرغۇنلىغان جازا لاگېرلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، مىليونلىغان بىگۇناھ ئىنسانلار ئاشۇ جازا لاگېرلىرىدا ھەق ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان ھالدا ھاشارغا سېلىنغان ۋە كاللىسى يۇيۇلغان. شۇلارنىڭ ئىچىدە خەتەرلىك دەپ قارالغان نۇرغۇن كىشىلەر سىبىرىيەگە سۇرگۇن قىلىنىپ يوقۇتۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ خەتەرلىك دەپ قارالغان نەچچە يۇزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار ۋە تاتارلارمۇ بار.ستالىن دەۋرىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 2،750،000 ئادەم لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلغان.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت تەرەپتىن 5.7 مىليون ئادەم گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەن بولۇپ ئۇنىڭدىن 1.5 مىليون ئادەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇلغان. دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن 1.5 مىليون ئادەم ستالىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن خائىن دەپ قارىلىپ جازا لاگېرلىرىغا سولانغان. ئۇندىن باشقا ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت زېمىنىدىكى گېرمانلاردىن 3 مىليون ئادەم جازا لاگېرلىرىغا سولانغان بولۇپ ئۇنىڭ ئاران بىر مىليونى گېرمانىيەگە قايتالىغان. 1919-يىلىدىكى كوممۇنىزم تۇغى گېزىتىدە شۇ چاغدىكى سوۋېتتە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 900،000 دىن ئارتۇق دەپ ئېلان قىلىنغان.
ئامېرىكا
1941-يىلى ياپونلار ھاۋايغا ھۇجۇم قىلىپ ئامېرىكا بىلەن رەسمى ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەندىن كېيىن روزۋېلىت ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئامېرىكا تەۋەسىدە ياشايدىغان ياپونلاردىن 120،000 دىن ئارتۇق كىشىنى لاگېرلارغا يىغىۋالغان. ئۇندىن باشقا مەلۇم 15،000 ئەتراپىدا گېرمانلار، ئاز ساندا ئىتالىيانلار ۋە يەرلىك ئامېرىكا ئىندىئانلىرىمۇ بار. بۇ لاگېرلارغا سولانغان كىشىلەر گەرچە ئۇرۇشتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن ئەپۇ سورىغان بولسىمۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى بىر داغ بولۇپ قالغان.
ۋېتنام
ئامېرىكا ۋېتنامدىن چېكىنگېندىن كېيىن شىمالى ۋېتنام كوممۇنىستلىرى جەنۇبى ۋېتنامدىكى ئامېرىكا ئۈچۈن ئىشلىگەنلەرنى قاتتىق جازالىغان. تەخمىنەن 300،000 ۋېتناملىق جازا لاگېرلىرىغا قامالغان.
شىمالى كورىيە
شىمالى كورىيە ھازىرغىچە جازا لاگېرلىرى مەۋجۇت بولغان ئاز ساندىكى مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھازىر تېخمىنەن 200،000 ئەتراپىدا ئادەم ئەمگەك لاگېرلىرىغا قاماقلىق.
يوگۇسلاۋىيە
1941- 1944 -يىلغىچە يوگۇسلاۋىيەدە 70 تىن ئارتۇق ناتسىست لاگېرلىرى بولۇپ 1.7 مىليون ئادەم قامالغان. كۆپىنچىسى يەھۇدىلار، سېربلار ۋە سىگانلار بولغان.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كوممۇنىست يوگۇسلاۋىيە ھۆكۈموتى يوگۇسلاۋىيە تەۋەسىدە ياشايدىغان گېرمان تىللىق خەلقنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ يوقاتقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن 500،000 گېرمان ياشايدىغان يوگۇسلاۋىيەدە 1948.يىلى ئارام 50،000 دىن ئارتۇق گېرمان قالغان، كېيىن كۆپىنچىسى گېرمانىيەگە كۆچۈپ كەتكەن.
يوگۇسلاۋىيەدىكى سېربلار 1990 -يىللاردا پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا يۈزمىڭلىغان كوسۇۋۇ ئالبانلىرىنى ۋە بوسنىيەلىكلەرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ مىللى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە ئامېرىكا يوگۇسلاۋىيەگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ بۇ ئېتنىك قىرغىنچىلىققا خاتىمە بەرگەن. يوگۇسلاۋىيە پارچىلىنىپ كوسۇۋو ۋە بوسنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مۇستەقىل بولغان.
خىتاي
خىتاي نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ زور كۆلەمدىكى جازا لاگېرلىرىنى يوشۇرۇن ماڭدۇرىۋاتقان بولۇپ، بۇ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەڭ كەم دېگەندە بىر مىليوندىن ئاشىدۇ دەپ بېكىتىلگەن. ئەمىلىيەتتە نوپۇسى 25 مىليون دەپ مۆلچەرلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ غوللۇق ئەزالىرىنى ئاساس قىلغان تۇتقۇندا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 20% ى تۈرمىلەردە ۋە جازا لاگېرلىرىدا دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق بىر ھۆكۇمەتسىز تەشكىلاتنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردا قىيىن قىستاققا ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئەھۋاللار ئېغىرلاشقان. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىگەلىگەن ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا شەرقى تۇركىستان تەۋەسىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئومۇمۇ سانى 1200 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، كىچىكرەك لاگېرلاردا 2000 ئەتراپىدا، چوڭلىرىدا 10،000 ئەتراپىدا ئادەم بار، لاگېردىكىلەرنىڭ ئومۇمى سانى ئەڭ كەم دەگەندە 4 مىليوندىن ئاشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 200،000-500،000 بولغان ئادەم ئۇيغۇردىن باشقا مىللەت بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاينىڭ بۇ جىنايى لاگېرلارنى پىلانلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن پىلانلىغانلىقى ئېنىق. خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرى خەلقارا مەتبۇئاتلاردا دەسلەپكى قەدەمدە پاش بولۇپ بىرلەشكەن ئەللەر تەشكىلاتىدا بۇ ھەقتە مۇنازىرە بولغاندىن كېيىن، خىتاي گەرچە پاكىتلارنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئويۇن ئويناشقا تىرىشماقتا. قازاقىستانغا قېچىپ چىققان سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ ئاشكارىلىشىچە ،خىتاينىڭ بۇ ناتسىستلارچە جازا لاگېر پىلانى 30 يىللىق بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇشنى مەقسەت قىلىغان. خىتاي نۆۋەتتە جازا لاگېرلىرىنى پۈتۈنلەي يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن بولغاچقا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن بىر قىسىم لاگېرلاردا بازار ، دۇكان ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى پەيدا قىلىپ ئۇنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشماقتا. بەزى لاگېرلاردىن تېلېفون قىلغىلى بولىدىغان، ئۆيلىرىگە ۋاقىتلىق قايتالايدىغان ساختا كۆرۈنۈشلەرنى پەيدا قىلىشقا تىرىشماقتا ئىكەن.
لاگېرلاردىكى ئادەملەرنىڭ سانى ئېنىق بولمىغىنىدەك ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ۋە ئىچ باغرى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن ئادەملەرنىڭمۇ سانى نامەلۇم بولماقتا. خىتاي ئەڭ ئالدىدا يوقۇتىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى كۆزدىن يىراق قىلىش ئۈچۈن باشقا يەرلەرگە يۆتكىشى مۇمكىن. يېقىندا ئاشكارىلانغان بەزى مەلۇماتلار خېلى زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناتسىست گېرمانىيەسى يەھۇدىلارنى يۆتكىگەندەك بىر شەكىلدە پويىز ئارقىلىق گەنسۇ تەۋەسىگە توشۇلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]مەنبە: فېيسبۇك