دۇنيادىكى يەر-جاي ناملىرى ئۆزگىرىۋاتامدۇ ياكى بىزنىڭ تىلىمىزمۇ؟

ئورنى Wikipedia

ئىسكەندەر جېلىل (كۆكتاش)

مەزكۇر ماقالىدا، يېقىندىن بۇيانقى جۇغراپىيەلىك يەر-جايلارنىڭ ئاتىلىشىدىكى خاتا ئۆزگىرىشلەر ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكلەر كۆرسىتىپ بېرىلىپ، بۇنداق خاتالىقلارنى توغرىلاش ۋە بۇندىن كېيىنكى خاتالىقلاردىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە، ئۇيغۇرلار ئازاتلىقنىڭ ئالدى- كەينىدە ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان دۆلەت، رايون ۋە شەھەرلەر ناملىرىنىڭ نەشرىيات ۋە تاراتقۇلاردا ئۆزگىرىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ھەيرانلىق بىلەن ھېس قىلىماقتىمىز.

مەسىلەن:

بۇرۇن ئاتىلىشى ھازىرقى ئاتىلىشى

ماداگاسكار ماداغاسقار

جەبىلتارىق گىبرالتار

جەبىلتارىق بوغۇزى گىبرالتار بوغۇزى

سەھرابى كەبىر قۇملۇقى ساخارا قۇملۇقى

غەربىي سەھرابى كەبىر غەربىي ساخارا

موگادىشو مۇقدىشو

جىبۇتى دجىبۇتى

گازا غەززە

سانا سانئا

ئەدەن ئادېن

ئەدەن قولتۇقى ئادېن قولتۇقى

ماسكات مەسقات

باسرا بەسرە

گابون گابورۇن

ئايۇن ئەيۇن

ھوندۇراس گوندۇراس

ۋەھاكازىلار ………

يەنە بەزى يەر- جاي ناملىرىغا زىيادە سۆزلەرقوشۇلۇپ قالغان. مەسىلەن:

بۇرۇن ئۇيغۇچىدا «بوگۇتا» دەپ ئاتىلىۋاتقان كولۇمبىيەنىڭ پايتەختى ھازىر خەرىتىگە «سانتا فى دې بوگوتا» دەپ يېزىلىپتۇ؛ برۇنېي پايتەختى بۇرۇن «بېگاۋان شەھىرى» دېيىلگەن بولسا،ھازىر «سېرى بېگاۋان شەھىرى» دەپ لۇغەتكە كىرىپتۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ شەھەرنىڭ تولۇق ئىسمى «باندار سەرى بەگاۋان» بولۇپ، مالاي تىلىنى ئەرەب ئېلىپبەسىدە ئىپادىلەيدىغان جاۋى يېزىقىدا « بندر سري بڬاوان» دەپ يېزىلىدۇ، بۇ شەھەرنى ئادەتتە قىسقارتىپ «بېگاۋان» ياكى «بېگاۋان شەھىرى» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان ئىدۇق؛ چىلى پايتەختى «سانتىياگو»نى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، لېكىن 2010-نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە خەرىتىگە «سانتىياگو ئارىلى» دەپ بېسىلغان. ئېنىقكى، سانتىياگو شەھىرى ھەرگىزمۇ ئارالغا جايلاشقان ئەمەس، بەلكى چىلىنىڭ چېگراسى ئىچىگە، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى قۇرۇقلۇقىغا جايلاشقان.

تولۇقسىزدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە توختىماي خەرىتە كۆرىدىغان، ھەمدە يەر- جاي ناملىرىنى يادلايدىغان ئادىتىم بولغاچقا، يۇقارقىدەك ئۆزگەرگەن يەر ناملىرى تەبئىي ھالدا دىققىتىمنى تارتتى. مېنىڭ بىلىشىمچە، دۇنيادىكى يەر-جاي ناملىرى ئاساسەن ئۆزگەرمىدى. پەقەت «بىرما» ۋە «زايىر»دىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ نامى «ميەنمار» ۋە «كونگو دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتى»غا ئۆزگەردى، لېكىن بۇ ئۆزگەرتىشلەرنىڭ ھەممىسى سىياسىي خاراكتېرنى ئالغان. ھازىر ئېنگلىز تىلىدا «بىرما» بىلەن «ميەنمار» تەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ، چۈنكى «ميەنمار» بولسا «بىرما»نىڭ قەدىمكى ئاتىلىشى، شۇنداقلا ئەدەبىي يېزىلىشى، «بىرما» سۆزى يەنە كېلىپ شۇ دۆلەتتىكى ئاساسلىق ئاھالە بولغان بامار مىللىتىنىڭ نامى. ئەمما «زايىر» دېگەن دۆلەت نامى پۈتۈنلەي يوقاپ، ھازىر «كونگو دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇ دۆلەتتە سىياسىي ئۆزگىرىش بولۇپ ھۆكۈمەت ئالماشتى.

ئۇنداقتا، تىلىمىزدىكى يەر-جاي ناملىرى نېمە ئۈچۈن ئۇنچىۋالا ئۆزگىرىپ كەتتى؟

بۇنىڭ سەۋەبىنى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل تىلى ئۆگىنىشى ۋە تاراتقۇ- نەشرىياتتىكى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. بۇنى مۇنداق تەسەۋۇر قىلشقا بولىدۇ:

ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىپ مەلۇم ئاخبارات ئورنىدا ئىشلەپ قالغان بىر ئۇيغۇر، جەبىلتارىق بوغۇزىنى ئېنگلىزلارنىڭ «Gibraltar» دەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ «ئەدەن» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان يەمەننىڭ بۇرۇنقى پايتەخت شەھىرىنىڭ ئېنگلىزچىدا «Aden» دەپ يېزىلىدىغانلىقىنى «تاساددىپىي» بايقاپ قېلىپ ياكى ئەسلىدىكى ئاتىلىشى ھەققىدە ئىزدەنمەيلا، بۇ ناملارنى ئېنگلىز تىلى بويىچە «گىبرالتار» ۋە «ئادېن» دەپ ئالدى، ھەمدە تاراتقۇلاردا ئېلان قىلدى.

يەنە بىر ئۇيغۇر ئەرەب تىلى ئۆگىنىپ، پەلەستىندىكى «گازا» رايونىنى ئەرەبچىدە «غەززە»، سومالى پايتەختى «موگادىشو»نى «مۇقدىشو»، ئومان پايتەختى «ماسكات»نى «مەسقات»، ئىراقتىكى باسرا شەھىرىنى «بەسرە» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ھەيرانلىق بىلەن بايقاپ قالدى (ياكى ئىلگىرىكى ئاتىلىشلىرى ھەققىدە ئىزدەنمىدى)، ھەمدە ئۇيغۇرچىدا «خاتا» ئېلىۋاتقان بۇ كەلىمىلەرنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇغراپىيە ئاتالغۇچىلىقىغا «تۆھپە» قوشماقچى بولدى. ئاندىن تاراتقۇلاردا شۇ بويىچە تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.

قارىماققا يۇقارقى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قىلمىشلىرى ئىنتايىن توغرىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزلىرىمۇ بىلمىگەن ئەھۋالدا، يەر- جاي ناملىرىنىڭ قايمىقان بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

يەنە، تاراتقۇ ۋە نەشرىياتلاردا ئىشلەۋاتقان تۆۋەن جۇغراپىيە سەۋىيەلىك خادىملارمۇ ئىزدىنىپ كۆرۈشتىن ئېرىنىپ، يەر-جاي ناملىرىنىڭ باش- ئاخىرىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئۇدۇللۇق ئېلان قىلىۋەردى. مانا مۇشۇنداق بىر قاتار قارىغۇلارچە «ئىسلاھ» قىلىشتىن كېيىن، تىلىمىزدىكى يەر- جاي ناملىرى خەرىتە ۋە لۇغەتلەردە توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولدى.

ئەمىسە، يەر- جاي ناملىرىنى بېكىتىپ قېلىپلاشتۇرۇشتا نېمە ئۆلچەم قىلىنىدۇ ؟

بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن، باشقا تىللارنىڭ يەر-جاي ناملىرىنى قانداق قېلىپلاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

تۈركىيە تۈركچىسىدە، گېرمانىيەنى «ئالمانيا» (Almanya) دەپ ئاتايدۇ، بۇ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادەت. ئەپسۇسكى، گېرمانلارنىڭ ئالمان قەبىلىسى ھازىر ئاساسەن ئاۋسترىيەدە ئولتۇراقلاشقان، ھەمدە ئۇنداق «ئالمان» دېگەن قەبىلە نامىمۇ ئاللىقاچان يوقاپ كەتكەن. شۇنداق بولسىمۇ، تۈركىيەلىكلەر «ئالمانيا» دېگەن ئىسىمنى ئاۋسترىيەگە يۆتكىمىگەن، ھەمدە ئەنئەنىنى ساقلاش ئاساسىدا گېرمانىيەنى ئىزچىل تۈردە «ئالمانيا» دەپ ئاتاپ، ئاۋسترىيەنى بولسا «ئاۋۇستۇريا» (Avusturya) دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ.

ئېنگلىزلار خىتاينى ئىزچىل «چاينا» (China) دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ شۇنداق ئاتايتتى، مىنگو دەۋرىدىمۇ شۇنداق، ھازىرقى «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى» دەۋرىدە تېخىمۇ شۇنداق ئاتاۋاتىدۇ. ئېنگلىزلار بۇ دۆلەتنىڭ ئۆزىنى «جۇڭگو» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ھەم بىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ يەنىلا «چاينا» دەيدۇ، بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق چاينا دەپ ئاتايدۇ.

ئەرەبلەر خىتاينى «سىن» دەيدۇ، بۇ سۆز «چىن» سۆزىدىن كەلگەن، لېكىن ئەرەب تىلىدا «چ» تاۋۇشى بولمىغاچقا، «چ»نى «س»غا ئاجىزلاشتۇرۇپ «سىن» دەپ ئاتاۋاتىدۇ. ئەرەبلەر قەدىمكى زاماندىن تارتىپلا «سىن» دەپ ئاتاۋاتقان ئىدى، گەرچە ھازىر «جۇڭگو» دېگەن تەلەپپۇزنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا «سىن» دەپ ئاتايدۇ، بۇ دۆلەت نامىنى «جۇڭگو»غا ئۆزگەرتىش نىيىتىمۇ يوق.

رۇسلار خىتاينى كىتاي (Китай) دەپ ئاتايدۇ. بۇ سۆز قەدىمكى تۈركلەردىكى «قىتاي» سۆزىدىن كىرگەن بولۇپ، تا ھازىرغىچە خىتاينى ئىزچىل تۈردە «كىتاي» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.

خىتايلار رۇسىيەنى «ئېلوسى»(俄罗斯) دەپ ئاتايدۇ. بۇ سۆز قەدىمكى تۈركلەردىكى «ئوروس» سۆزىدىن كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. گەرچە خىتايلار ھازىر رۇسلارنىڭ ئۆزىنى «رۇس» ياكى «روسسيا» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى تولۇق بىلسىمۇ، يەنىلا ئۇزۇندىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە بويىچە، «ئېلوسى» دەپ ئاتاۋاتىدۇ.

دېمەك، يەر- جاي ناملىرىنى ئاتاشتا چوقۇم ئەنئەنىگە ۋە ئىزچىللىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەلۇم جايدىكى مىللەتنىڭ ئۆز جاينى نېمە دەپ ئاتىشىغا قارىغاندا، ئۆزىمىزنىڭ تىلىمىزدا بۇرۇن نېمە دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقانلىقىمىز ھەممىدىن مۇھىم. ئەڭ دەسلەپكى ئاتاش ئۇسۇلى ئۆلچەم بولۇشى كېرەك، مەيلى ئۇ خاتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر.

ئەمەلىيەتتە، بىز ئاتاۋاتقان نۇرغۇن يەر-جاي ناملىرى شۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ ئاتاش ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن: ياپونىيەنى ياپونلار «نىخون» دەيدۇ، فرانسوزلار پارىژنى «باغى» دەيدۇ، كورىيەنى كورىيولار «خانگۇك» دەيدۇ، گېرمانىيەنى گېرمانلار «دۇچلاند» دەيدۇ. فىنلاندىيەنى فىنلار ئۆزى «سوۋمى» دەيدۇ. ئەگەر بىز دۇنيادىكى بارلىق يەر- جاي ناملىرىنى چوقۇم شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ تىلى بىلەن ئوخشاش قىلىپ ئېلىشقا ئۇرۇنساق، بىز بۇنى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە نۇرغۇن قالايمىقانچىلىق ۋە تالاش- تارتىشلارغا مۇپتىلا بولىمىز. يەنە كېلىپ، بىر رايوندا بىر قانچە مىللەت ياشاپ، ھەر قايسى مىللەت شۇ رايوننى ھەر خىل ئاتىشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا «قايسى مىللەتنىڭكىنى ئېلىش كېرەك؟» دېگەن سۇئال تۇغۇلىدۇ. بۇنداق ھالەت رايونىمىزدىمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن: بىز «غۇلجا» دېسەك، قازاقلار «قولجا» دەيدۇ، خەنزۇلار «يىنىڭ» دەيدۇ؛ چەتئەللەردە بولسا، يەھۇدىيلار «يېرۇسالىم» دېسە، ئەرەبلەر «قۇددۇس» دەيدۇ؛ «سىپروس»نى ئېنگلىزلار «سايپروس» دېسە، گرېكلار «كۇپروس»، تۈركلەر كىبرىس (قىبرىس) دەيدۇ.

ئەگەر بىز ئۆز ئەنئەنىمىزگە قارىماي، خەقنىڭ ئاغزىغا قارىساق، ھامان قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر تىل، ھەتتا ئەڭ چوڭ تىل بولغان ئېنگلىز تىلىمۇ يەر-جاي ناملىرىنى ئېلىشتا ئەنئەنىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، پەقەت يەرلىك خەلقكە ھۆرمەتسىزلىك بولمىسىلا، بۇرۇن ئاتاپ كېلىۋاتقان نامنى قوللىنىۋېرىدۇ. «ئەينەن ئالىمەن» دەپ بۇرۇن ئاتاپ كېلىۋاتقان ئاتالغۇسىنى ئۆزگەرتىپ يۈرمەيدۇ، يەنى china سۆزىنى تاشلىۋېتىپ، «jong’go» دەپ ئۆزگەرتمەيدۇ.

بىزنىڭ قەدىمكى تىلىمىزدىمۇ نۇرغۇن يەر-جاي ناملىرى بار ئىدى. مەسىلەن: جابىرقا، رۇم، فەرەڭ دېگەندەك. بۇ ناملار رۇس تىلىنىڭ تەسىرى بىلەن، ھازىر ياپونىيە، رىم، ياۋرۇپا دېگەن ناملار بىلەن ئاتالماقتا. دېمەك، بىز بەزى يەر- جاي ناملىرىمىزنى ئىزچىللاشتۇرالمىدۇق. لېكىن شۇنداقتىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يەر- جاي ناملىرىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە قېلىپلىشىشىغا كۈچىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا كۈچەش كەتمەيدۇ، پەقەت كونىسىنى ئۆزگەرتمىسەكلا بولدى، مەيلى كونىسى خاتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر.

ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ئەنئەنىگە ئەھمىيەت بېرىپ، يەر- جاي ناملىرىنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ؟

بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت كېرەك:

ئەنئەنىنى ساقلاش.

20-ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ ۋە ئازاتلىقنىڭ ئالدى-كەينىگىچە قېلىپلىشىپ بولغان دۇنيا يەر-جاي ناملىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش لازىم. ئاز كەم بىر ئەسىر ئىشلەتكەن جاي ناملىرىمۇ بىزگە نىسبەتەن ئەنئەنە ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ناملارنى ئىزچىل ئىشلىتىپ، ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنىڭ ئارىلىقىنى پۇختا باغلىشىمىز، بىردەكلىنى ساقلاپ، ھەرخىل ئىملا، ھەرخىل ئاتاشلاغا خاتىمە بېرىشىمىز كېرەك. مەسىلەن: رۇسچىدىن كىرگەن بولسىمۇ، ياپونىيە، رىم دېگەندەك ناملارنى داۋاملىق ئىشلىتىش، زۆرۈر بولسا، لۇغەتلەرگە بۇرۇنقى ئاتىلىشلىرىنى «جابىرقا»، «رۇم» دەپ قوشۇپ قويسا بولىدۇ.

باشقا مىللەتلەرنىڭ قانداق ئاتىشىغا ۋە يېزىشىغا ئېسىلىۋالماسلىق.

ئەرەبلەر قانداق ئاتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەسلىدىكى بويىچە گازا، ماسكات، ماداگاسكار، باسرا دەپ ئېلىۋېرىش كېرەك؛ ئېنگلىزلار قانداق ئاتىشىدىن قەتئىينەزەر، جەبىلتارىق، ئەدەن، مىسىر دەپ ئېلىۋېرىش كېرەك. چۈنكى بۇرۇنقى خەرىتىلەر، جۇغراپىيە دەرسلىكلىرى ۋە جۇغراپىيەگە ئائىت كىتاپلاردا، ھەتتا ھېكايە- رومانلاردىمۇ ئاشۇنداق ئېلىنغان، ھەم شۇنداق قېلىپلىشىپ ئوموملاشقان. بىز چوقۇم يۈز يىل مابەينىدىكى يەر- جاي ناملىرىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلىشىمىز كېرەك.

بەزىلەر «ئېنگلىزچىدا شىمالىي كورىيە (North Korea)، جەنۇبىي كورىيە (South Korea) دەپ ئايرىيدىكەن، بىزمۇ شۇنداق ئېلىشىمىز كېرەك» دەيدىغان سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا شىمالىي كورىيەنى «چاۋشىيەن»، جەنۇبىي كورىيەنى «كورىيە» دەپ ئېلىپ ئاللىقاچان قېلىپلىشىپ بولغان. بۇ پەقەت بىلىم دائىرىسىنىڭ تارلىقى ۋە چەتئەل تىلغا بولغان چوقۇنۇشتىن بولىۋاتقان ئىش. ئەلۋەتتە، چەتئەل تىلى ئۆگىنىش ياخشى ئىش، لېكىن چەت تىلنى ئۆلچەم قىلىۋېلىپ، ئۆز تىلىنى بۇزۇش ئەخمەقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئەمدى بولغاندا، ئازراق چەتئەل تىلى ئۆگىنىۋېلىپلا، يەر-جاي ناملىرىنى خەقنىڭ ئېغىزىغا قاراپ ئۆزگەرتكىلى تۇرساق، بۇ ئاتالغۇلارنىڭ تىكىشىنى توختاتقىلى بولمايدۇ. مەسىلەن: بەزىلەر «ياپونىيە»نى ياپون تىلى بويىچە «نىخون» دەپ ئالايلى دېسە، يەنە بەزىلەر رۇسىيەنى ئېنگلىزچە بويىچە «راششا» دەپ ئالىمىز، دەپ داۋراڭ سېلىشقا باشلايدۇ. بۇنداق ئۆزگەرتىش، ئىسلاھاتلارنىڭ ئاخىرىنى ئۈزۈپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا 50 يىلدىن 100 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا قېلىپلاشقان دۇنيا يەر-جاي ناملىرىنى ئۆلچەم قىلىپ، باشقا تىللاردا نېمە دېيىشى بىلەن كارىمىز بولماي، شۇ مەزگىلدىكى ئۆز ئەنئەنىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك.

يەر-جاي ناملىرىنى تىلىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىش ۋە ئىملاغا ئېلىش.

ھازىر يەر- جايلارنىڭ ناملىرىنى ئېگلىزچە ياكى لاتىنچە يېزىلىشىغا قاراپلا، ئۇيغۇرچە ھەرىپلەر بىلەن خەتمۇ-خەت تەرجىمە قىلىپ قويىدىغان ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر بولىۋاتىدۇ. مەسىلەن: يېقىندا «كورىيە»نىڭ ئىملاسى «كورېيە» بولۇپ قېلىپلاشتى. بۇ ئېنىقلا ئېنگلىزچە Korea دېگەن خەتتىن كەلدى. ئەمەلىيەتتە، ئېنگلىز تىلىدىكى e ھەرىپى سۆزلەر ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى «ې»غا ئۇددۇل كەلمەيدۇ. Becomeسۆزى «بىكام» دەپ ئوقۇلىدۇ، Time سۆزى «تايىم» دەپ ئوقۇلۇپ، ئاخىرىدىكى e ھەرىپى ئوقۇلمايدۇ، pet سۆزى «پەت» دەپ ئوقۇلىدۇ، بەزى ئەھۋاللاردا «ئە» بىلەن «ې» ياكى «ى» نىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا يوق بىر خىل تاۋۇشتا تەللەپپۇزلىنىدۇ، ئىشقىلىپ «ې» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشى ئىنتايىن ئاز، Korea سۆزىدىكى e ھەرىپى «ى» تەلەپپۇز قىلىنىپ، «كورىيا» دەپ ئوقۇلىدۇ. لېكىن بىز ئارىسىدىكى e ھەرىپىگە قاراپلا، «كورېيە» دەپ ئىملا بېكىتىۋالدۇق، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. مۇشۇ ئېنگلىزچىدىكى e ھەرىپىنى ئەينەن «ې» قىلىپ يېزىلىۋېلىش تىلىمىزدىكى ئىملانى مۇرەككەپ قىلىۋاتقان خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرى بولىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، «كورىيە»، «مىكسىكا» (بېكىتىلگەن ئىملاسى «مېكسىكا») دېگەندەك ئۇيغۇرنىڭ تىلىغىمۇ ، ئېنگلىزچە تەلەپپۇزغىمۇ يېقىنراق بېكىتىش مۇمكىن ئىدى.

ئۇيغۇر تەلەپپۇزىغا ماسلاشمىغان ئىملالار ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىدە ياخشى قالمايدىغان بولغاچقا، ئىملا خاتالىق نىسبىتىنى ئاسانلا ئاشۇرۋېتىپ، ئىملا قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق مىساللار يەنە بار:

«سان تومې ۋە پرىنسىپې» دېگەن ئافرىقىدىكى ئارال دۆلەتنىڭ ئىملاسىمۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ، بۇ دۆلەتنىڭ لاتىنچە يېزىلىشى São Tomé and Príncipe، ئوقۇلۇشى «ساۋ تومېي ئەن پرىنسىپەي». بۇ پورتۇگالچە سۆز بولۇپ، ئېنگلىزچە تەلەپپۇزغا ئانچە ماس كەلمەيدۇ. لېكىن، بۇ دۆلەتنىڭ نامىنى ئۇيغۇر تىلىغا ماسلاشتۇرۇپ، «سان تومى ۋە پرىنسىپى» دەپ ئادەمنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك قېلىپلاشتۇرۇش مۇمكىن.

بۇنداق ئىملاسى مۇرەككەپ يەر-جاي ناملىرى ئىنتايىن كۆپ، بۇلارنى چوقۇم ئەسلى تەلەپپۇزغا يېقىن ھالەتتە تۇرۇپ، ئۇيغۇر تەلەپپۇزىنى ئاساس قىلغان ھالدا قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

مەنبە: تىل ۋە تەرجىمە ژورنىلى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى