دۇنيا سىستېما نەزەرىيەسى

ئورنى Wikipedia

1970-يىللاردىن كىيىن دۇنيانىڭ يىقىنقى زامان ئىقتىسادىي ئەندىزىسى ۋە ئىجتىمائىي تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا يىڭىچە بىر خىل كۆز قاراش دۇنيا سىستىمىسى نەزىرىيەسى بارلىققا كەلدى.

بۇ سىستىمىنىڭ ئاساسلىق كۆز قارىشى شۇكى، 15-،16-ئەسىرلەردىن ئىلگىرىكى دۇنيا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئەندىزىسىدە ئىمپىرىيە مۇھىم رول ئوينايتتى. ۋەھالەنكى، دۇنياۋى ئىمپىرىيەلەرنىڭ ھالاك بۇلىشغا ئەگىشىپ كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي سىستىما گۈللىنىشكە باشلىدى. گەرچە كاپىتالىزىم ئىمپىرىيە بولمىسىمۇ، ئىمپىرىيەلەر ئوينىغان رولنى ئويناشقا باشلىدى. ياۋرۇپانىڭ كۈچىيىشى بىلەن سانائەت ئىنقىلابى پارتلىدى.بۇنىڭ بىلەن زامانىۋى جەمئىيەتكە خاس دۆلەت ئەندىزىسى ۋە سىياسىي قۇرۇلمىلار مەيدانغا كىلىشكە باشلىدى. غەرپ دۇنياسى تەرەققى قىلغانسىرى غەرپ بىلەن شەرق ئارىسىدىكى پەرق چوڭىيىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئاسىيا، ئافرىقا ۋە غەرپ ئوتتۇرىسىدا تەرەققىياتتا تەكشىسىزلىك كۈرۈلۈشكە باشلىدى.

ۋاللېر ستەيىننىڭ چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا يىقىنقى زامان تەرەققىيات ئەندىزىسىدە تۈۋەندىكىدەكسىستىملار كۈرۈلدى: مەركەز دۆلەت، يەنى ئىقتىساد ۋە تېخنىكىدا ئىلغان دۆلەت. بۇ خىل دۆلەتلەرگە غەربىي ياۋرۇپادىكى ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋەكىللىك قىلدى. مەركەز دۆلەتلەر دۇنيانىڭ يىقىنقى زامان پەن-مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات يۈنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. مەركەز دۆلەتلەر ياۋرۇپا قىتئەسىگە جايلاشقان ئىدى.  يېرىم چەت دۆلەت، يەنى ئىقتىساد ۋە تېخنىكىدا بىر ئاز ئىلگىرىلىگەن دۆلەت. بۇ خىلدىكى دۆلەتلەر مەركەز دۆلەتلەرگە بېقىنغاچ ئىلگىرىلەيتتى. پۈتۈن چەت دۆلەت. بۇ خىلدىكى دۆلەتلەردە نە تەرەققىيات، نە زامانىۋىلىق ئەندىزىسى يوق. بۇ خىلدىكى دۆلەتلەر ئافرىقا ۋە ئاسىيا رايۇنلىرىدا بۇلۇپ، پۈتۈنلەي مەركەز دۆلەتلەرگە بېقىنىپ ياشايتتى.