دۇنيا نېمىشقا ئاجىزلار يولۇققان ئادالەتسىزلىك ۋە زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىدۇ؟

ئورنى Wikipedia

ئەركىن سىدىق

2009-يىلى تومۇزدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چوڭ سۇيىقەست ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇم كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ ماڭدى. شۇ ۋەقەدىن كېيىن مەن ۋەتەندىكى بەزى قېرىنداشلار ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئېغىر خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىگە قارىماي، ئۆزلىرى كۆرگەن ياكى ئۆز باشلىرىدىن ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلارغا سېلىنغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملاردىن چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. مېنىڭچە ۋەتەندىكى ئاشۇ قېرىنداشلارنىڭ ھېلىقىدەك ئىنتايىن خەتەرلىك ئىشلارنى قىلىشىدىكى تۈپ سەۋەب، ئۇلارنىڭ «ئەگەر بۇ ئىشلارنى ب د ت ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى بىلسە، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، بىزنى ھازىرقى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرىدۇ»، دەپ ئويلىغانلىقى. ئەمما، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى بىلىدىغىنىدەك، دۇنيادا ئۇيغۇرلارنى ھازىرقى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قويىدىغان بىرەر تەشكىلات ياكى بىرەر دۆلەت يوق. شۇڭلاشقا مەن ھەر قېتىم ۋەتەندىكى قېرىنداشلارنىڭ قەھرىمانلىقى ھەققىدىكى يۇقىرىقىدەك خەۋەرلەرنى ئاڭلىغىنىمدا ئىچىم سىيرىلىپ كېتىدۇ. ھەمدە كاللامغا «دۇنيا نېمىشقا بىزدەك ئاجىز مىللەتلەر يولۇققان ئادالەتسىزلىك ۋە زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلىدۇ؟ دۇنيا نېمىشقا بىرەر چارە كۆرمەيدۇ؟»، دېگەن سوئال كېلىدۇ. مەن بۇ سوئالغا نەزەرىيە جەھەتتىن ئىلمىي جاۋاب تېپىشقا تىرىشتىم، ھەمدە بەزى نەتىجىلەرگە ئېرىشتىم. مەزكۇر يازمىدا مەن ئۆزۈم بايقىغان ئاشۇ جاۋابلارنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

«كۈچلۈك ئەللەر سىياسىتى نەزەرىيەسى» بويىچە قارىغاندا، ئوخشىمىغان ئەللەر خەلقئارا سىياسىيسىدا بىر سەنئەت نومۇرىدا مۇھىم رول ئالىدىغان ئوخشىمىغان ئارتىسلارغا ئوخشاش بولۇپ، ئاشۇ ئەللەردىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان باشقا بىر نوپۇزلۇق نەرسە مەۋجۇت بولمايدۇ. خەلقئارالىق مۇناسىۋەت ساھەسىدە بۇ «رەتسىزلىك» (anarchy) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ھەر قايسى ئەللەر خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرۈپ، قالايمىقانچىلىق چىقارسا بولۇۋېرىدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. بەلكى ئۇ «مەرتىۋە تۈزۈمى» ياكى «ھوقۇق تۈزۈمى» (hierarchy) نىڭ ئەكسىنى بىلدۈرىدۇ. ھەر خىل دۆلەتلەر ئۈستىدە تۇرىدىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھوقۇق ئورگىنى مەۋجۇت ئەمەس، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئوخشىمىغان ئەللەر بىر بىليارت ئۈستىلى ئۈستىدىكى توپلارغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۆز-ئارا ئوخشىمايدۇ، ئەمما، ھوقۇق جەھەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى باراۋەر ئورۇندا بولۇپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر تېخىمۇ نوپۇزلۇق نەرسە بولمايدۇ.

ئەگەر سىز ئامېرىكىدا بولۇپ، بىرەر جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ قالىدىكەنسىز، 911 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ، دەرھال قۇتقۇزىلىنىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايسىز. ئەمما، خەلقئارا سىستېمىدا ئەگەر سىز 911 نومۇرغا تېلېفون قىلسىڭىز، تېلېفوننىڭ قارشى تەرىپىدە سىزگە ھېچ كىم جاۋاب بەرمەيدۇ. سىزنى قۇتقۇزۇۋالىدىغان ھېچ قانداق ئورۇن چىقمايدۇ. ھەممە ئەللەر باراۋەر بولۇپ، نوپۇزدا بارلىق ئەللەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرەر ئورگان مەۋجۇت ئەمەس. ۋەتەندىكى خەلقىمىز يولۇققان ئەھۋال ئەنە شۇ: ئۇلار ئېغىر خەتەر ئاستىدا بولسىمۇ چەت ئەلگە تېلېفون قىلىپ، ئۆزلىرى يولۇققان زۇلۇمنى سىرتقا ئاڭلىتىپ كەلدى، ئەمما سىرتتىن ئۇلارغا ھېچ قانداق ياردەم كەلمىدى.

دۇنيا ئادالەتسىزلىك ۋە زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشتا يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا شۇنداق قىلىۋاتقىنى يوق. ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە خىتايدا 3 يىل ئاچارچىلىق بولۇپ، 30 مىليوندەك كىشى ئۆلۈپ كەتكەندىمۇ دۇنيا خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئەيىبلىمەي، سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرغان. گىتلېر 1939-يىلى پولشانى تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋالغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ گېرمانىيە ئىچىدىكى يەھۇدىيلار ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا 6 يىل بولغان. شۇ ۋاقىتتىمۇ دۇنيا گىتلېرنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا قاتتىق بېسىم ئىشلەتمىگەن. بۇنداق ئىشلاردا دۇنيادىكى ئەللەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ يول تۇتىدۇ. ئەگەر ئۇلار دۇنيانىڭ مەلۇم بىر رايونىدىكى ئادالەتسىزلىك، زۇلۇم ۋە ئىنسانلار ئۈستىدىن ئۆتكۈزگەن جىنايەتلەرنى ئېتىراپ قىلىدىكەن، ئۇ ئەللەر ئاشۇ ئىشلارغا قارىتا مۇناسىپ ھالدا چارە كۆرۈشكە مەجبۇرىي بولىدۇ. چەت ئەللەرنىڭ ھازىرچە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا بىرەر چارە قوللانغۇسى يوق، شۇڭلاشقا ئۇلار ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆرمەسلىككە سېلىۋاتىدۇ.

بەزىدە بەزى ئەللەر ئادالەتسىزلىك ۋە ئىنسانلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلگەن جىنايەتلەرگە قارىتا بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ. يەنى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئورگانلىرى باشقۇرىدىغان پارلامېنتلىرى بەزى خەلقئارالىق ئىشلاردا ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمىتىدەك مەنپەئەتپەرەس بولۇپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكا پارلامېنتى 2016-يىلى ھېچ قانداق قارشىلىق بىلەت يوق ھالەتتە 343-نومۇرلۇق قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۇنگۇڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى خالىغانچە ئېلىپ سېتىش ئىشىنى توستى [3]. ياۋروپا پارلامېنتىمۇ 2013-يىلى ئامېرىكىنىڭ بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان قانۇندىن بىرنى چىقىرىپ، فالۇنگۇڭچىلارنى ئاساس قىلغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ سېتىشنى توختىتىپ، تۈرمىگە سولانغان فالۇنگۇڭچىلارنى دەرھال قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. تەيۋەن ۋە ئىسرائىلىيەمۇ ئۆز گىراژدانلىرىنىڭ خىتايغا بېرىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئالماشتۇرۇشىنى چەكلىدى.

ئەمما، ھازىرقى دۇنيا بىر دۆلەتتىكى مەلۇم بىر جىنايى ئىشنى بايقىغان ھامان ھەممەيلەن قوزغىلىپ ئۇنىڭغا قارشى چىقىدىغان دۇنيا ئەمەس. دۇنيانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن سىز قاتمۇ-قات توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە، ۋە نەچچە يىل ھەتتا نەچچە ئون يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بەزىدە ھەتتا بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ توختاۋسىز كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، سىز يولۇققان ئادالەتسىزلىك ۋە زۇلۇم قانچە ئېغىر بولغانسېرى، باشقىلارنى ئۈنۈملۈك قايىل قىلىش ئۈچۈن، سىز توپلىغان ئۇچۇرلار شۇنچە كۆپ ۋە شۇنچە راست بولۇشى كېرەك. يەنى، باشقىلارنى ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ بىلەن قايىل قىلغىلى بولمايدۇ. سىزدە چوقۇم يېتەرلىك مىقداردىكى ئەمەلىي پاكىتلار بار بولۇشى كېرەك. مېدىيالار پاكىتتىن بىرنى تاپسا سىرتقا پەقەت شۇ پاكىتنىلا ئاڭلىتىدۇ. سىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نەرسە گېپىڭىزنىڭ قايىل قىلىش كۈچى، ھەرگىزمۇ گېپىڭىزنىڭ قانچىلىك يوللۇق بولۇشى ئەمەس. بەزىلەر گەپ ئوينىتىش ئارقىلىق باشقىلارنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقىدۇ، ئەمما ئۇنداق تاكتىكا خەلقئارا سىياسەتتە ئاساسەن ئۈنۈم بەرمەيدۇ. ئۇنداق تاكتىكا ھېچ بىر تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتايدىكى ئادەملەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ۋە قانۇنسىز ھالدا ئېلىپ سېتىش ئىشلىرىنى توسۇش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىشىغا تۈرتكە بولغان ئاساسلىق نەرسە فالۇنگۇڭچىلار تەمىنلىگەن ئىسپاتلار بولۇپ، چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىگە تەمىنلەنگەن بۇ جەھەتتىكى پاكىتلار ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن، 2009-يىلى «قانلىق ھوسۇل» ناملىق [4] ۋە 2014-يىلى «قاسساپ» ناملىق [5] ئىنگلىزچە كىتابلار نەشر قىلىپ تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتايدىكى فالۇنگۇڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىي ۋە قانۇنسىز ھالدا ئېلىۋېلىنىش ئەھۋاللىرىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان پاكىتلار بايان قىلىنغان. ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنىڭ ئەمەلىي پاكىتلىرىنى بايان قىلىدىغان ئىنگلىزچە ماتېرىياللار ھازىر ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس.

مەنمۇ بىلىمەن، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋەتەندىكى ھەقىقىي ئەھۋال ھەققىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ۋە ئەمەلىي پاكىتلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقىش ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇنداق قىلىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ يازمىنىڭ مەقسىتى بىز ھازىر دۇچ كەلگەن بىر چوڭ مەسىلىنى ئىلمىي نەزەرىيە نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈپ بېرىش بولۇپ، ئۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئەمەس. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، بىز ئۈچۈن ھازىر ئۇنداق بىر ئاسان چارە مەۋجۇت ئەمەس.

مەن يۇقىرىدا «كۈچلۈك ئەللەر سىياسىي نەزەرىيەسى» گە ئائىت مەزمۇندا سۆزلەپ ئۆتكىنىمدەك، دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ھوقۇق دەرىجىسى جەھەتتە ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا، ياۋروپا بىرلىكى ۋە ب د ت قاتارلىقلارنىڭ قارارلىرىنىڭ رەسمىي قانۇنىي نوپۇزى يوق. يەنى، باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، ئۇلار چىقارغان فالۇنگۇڭچىلارنى ئاساس قىلغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى قانۇنسىز ھالدا مەجبۇرىي ئېلىپ سېتىشنى توختىتىش ھەققىدىكى قانۇنلار خىتاي ھۆكۈمىتىدە ھېچ قانداق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمىدى. خىتاي دۆلىتىدىكى بۇنداق جىنايى ئىشلار ئازلاش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، يېقىنقى بىر قىسىم مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇنداق ئىشلار تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ مېڭىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئىچكى ئەزالىرى ئېلىنىش بۇرۇن فالۇنگۇڭچىلارنى ئاساس قىلغان بولسا، ھازىر ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىۋاتقانلىقى پەرەز قىلىنىۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيەمۇ پەلەستىن مەسىلىسىدە دۇنيا قانۇن چىقىرىپ ئەڭ كۆپ ئەيىبلىگەن بىر دۆلەت بولۇپ، مېنىڭ بىلىشىمچە ئىسرائىلىيە ئاشۇنداق قانۇنلارنىمۇ ئەڭ كۆپ دەپسەندە قىلغان دۆلەت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ب د ت قاتارلىق ئورۇنلار چىقارغان قانۇنلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلىيەنى مېڭىۋاتقان جىنايى يوللىرىدىن توسۇپ قالالمىدى.

بىرىنچى-رەسىم: «قانلىق ھوسۇل» ۋە «قاسساپ» ناملىق كىتاب مۇقاۋىسىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى

قىسقىسى، بىز ئۇيغۇرلارنى دۇنيا ھازىر ئاساسەن ئۆزىمىزگە تاشلاپ قويدى. بىزنى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ۋە تۈركىي قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئاساسەن ئۆزىمىزگە تاشلاپ قويدى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى ئازايتىش يولىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولۇپ، چەت ئەلدىكى بارلىق ۋەتەنداشلارنىڭ ئاشۇنداق بولۇشىنى، ئۇلارنىڭ ياخشىلىقتىن خۇشال بولىدىغان، ياخشىلىق قىلغانلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، يامانلىققا نەپرەتلىنىدىغان، ۋە زۇلۇم سالغانلارغا قارشىلىق كۆرسىتىدىغان نورمال ئىنسانلاردىن بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدىنىڭ ھەممىسىنى بىرەر چەت ئەل ھۆكۈمىتى ياكى بىرەر خەلقئارالىق تەشكىلات چىقىرىش ئېھتىمالى بار بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇنغا باغلاپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاشۇنداق قانۇن ۋۇجۇدقا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئېغىر مەسىلىنى تولۇق ھەل قىلىپ بېرەلىشى، ياكى بىز ئويلىغاندەك دەرىجىدە ھەل قىلىپ بېرەلىشى ناتايىن.

ئىككىنجى رەسىم: قەشقەر ئايدۇرىمىسىدىكى بىر قانچە كۆرۈنۈش. بۇ رەسىملەرنى بىر ياپونلۇق ساياھەتچى 2018-يىلى 1-ئايدا تارتقان.

مىللەتنى ساقلاپ قېلىش بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ جىددىي ۋەزىپە. بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئاساسەن بىزنىڭ ئۆز زىممىمىزدە. بۇ ۋەزىپىنى غەلىبىلىك ئورۇنلاش ئۈچۈن، بىز ھازىردىن باشلاپ پەرزەنتلىرىمىزنى ھازىرقى زامان پەننىي مەكتەپلەردە ياخشى ئوقۇتۇشىمىز، ئۆزلىرىمىزمۇ ھەر خىل زامانىۋى كەسىپلەردە كەسىپ ئەھلى بولۇپ چىقىشىمىز، شۇ ئارقىلىق پۈتۈن مىللەتنىڭ ئەقلىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. مانا بۇ مەن يېقىندىن بۇيان قاتتىق ۋە قايتا-قايتا تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم نۇقتا بولۇپ، مېنىڭ نېمىشقا ئاشۇ نۇقتىنى تەكىتلەيدىغىنىم مەزكۇر يازمام ئارقىلىق ئازراق ئايدىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

پايدىلىنىش مەنبەلىرى:

[1] ئەركىن سىدىق: «جۇڭگو نېمىشقا تىنچ يول بىلەن تەرەققىي قىلالمايدۇ؟»

http://www.meripet.com/Junggo/20170428_china_not_peaceful.htm

[2] 19年前风骤起,19年后叩人心!(20180720第406期)

[3] https://www.congress.gov/bill/11 … resolution/343/text

[4] David Matas and David Kilgour, Bloody Harvest: Organ Harvesting of Falun Gong Practitioners in China

[5] Ethan Gutmann, The Slaughter: Mass Killings, Organ Harvesting, and China’s Secret Solution to Its Dissident Problem

2018-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى

مەنبە: ۋەتىنىم مۇنبىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى