دۇنيا يەرشارى كۈنى

ئورنى Wikipedia

دۇنيا يەرشارى كۈنى World Earth Day

دۇنيا يەرشارى كۈنى ھەر يىلى 4.ئاينىڭ 22.كۈنى بولۇپ، دۇنيا خاراكتېرلىك مۇھىت ئاسراش پائالىيتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ پائالىيەت ئامېرىكىدا باشلانغان. 1970.يىلى 4.ئاينىڭ 22.كۈنى، ئامېرىكا دىموكراتلار پارتىيسى يىغىن قاتناشچىسى گايلورد نېلسون (Gaylord Nelson) ۋە خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇغۇچىسى دەننىس خەيسنىڭ تەشەببۇسى ۋە تەشكىللىشى ئاستىدا ئامېرىكىدىكى ئون مىڭلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن نامى زور بولغان چوڭ كۆلەملىك <يەر شارى كۈنى> پائالىيتىنى ئۆتكۈزۈپ، پاكىز، ئاددى ۋە تىچ تۇرمۇش مۇھىتى قۇرۇشقا چاقىرىلغان. ھازىرقى زامان مۇھىت ئاسراش پائالىيتىنىڭ باشلىنشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا يەرشارى كۈنى پائالىيتى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ تۇرغۇزۇلىشىغا ھەيدەكچىلىك رولىنى ئوينىدى.

1990.يىلى 4.ئاينىڭ 22.كۈنى، پۈتۈن دۇنيادىكى 140 تىن ئارتۇق دۆلەت 200 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بىرلا ۋاقىتتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل تىپتىكى مۇھىت ئاسراش تەشۋىقات پائالىيتىنى ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئومۇمىي مۇھىتىنى ياخشىلاشقا چاقىرىق قىلدى. بۇ پائالىيەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

2009.يىلى 4.ئاينىڭ 22.كۈنى، 63.نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چوڭ يىغىنىدا بىردەك قارار ماقۇللىنىپ ھەر يىلى 4.ئاينىڭ 22.كۈنىنى <دۇنيا يەرشارى كۈنى> قىلىپ بېكىتتى.