دەندان ئۆيلۈك خارابىسى

ئورنى Wikipedia
ھۆججەت:Qedimki.jpg
قەدىمىي شەھەر خارابىسى

دەندان ئۆيلۈك خارابىسى : تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى لايقى قورغىنىنىڭ ئەسلى ئورنى . چىرا ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىغا ، يەنى تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بولۇپ ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 90 كىلومېتىر كېلىدۇ ، خارابىنى قۇم بېسىۋالغان . 1997– يىلدىكى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا ، بارخانلىق ئۈستىگە چىقىپ قالغان ئىزلار ،جەنۇبتىن شىمالغا ئوزۇنلىقى تەخمىنەن 12كىلومېتىر ، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرە ئىچىگە تارقالغان . خارابىنىڭ سەل جەنۇبىدىكى تەخمىنەن ئىككى كۋادرات كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە ،قەدىمكى قۇرۇلۇش ئىزلىرىدىن توققۇزى بار . ياغاچ تۈۋرۈكلۈك قومۇش تاملىق تۇرالغۇ ئۆيلەر ،<<回>> خېتى شەكىللىك بۇددا ئىبادەتخانىسى ، چىتلاق ، قۇرۇپ كەتكەن ئۈجمىلىك قاتارلىقلارنى ناھايىتى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ . ئەنگىلىيىلىك سىتەيىن بۇ خارابىنى قېزىپ ، نۇرغۇن بۇددىزم تام رەسىملىرى ، ياغاچ تاختايغا سىزىلغان رەسىملەر ، خەنزۇچە ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسلار ھۆججەتلىرىدىن 15پارچە ، ئۇدۇن يېزىقىدىكى بۇددا نوملىرى قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن . بۇ لايقى قورغانىنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇدۇن بەگلىكىنىڭ ئالتە شەھىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ، قورغان سانغۇنىنىڭ ياڭ جىنچىڭ ئىكەنلىكى ، ئالتە شەھەرنىڭ بېگى ‹‹ئاماچىۋىسا›› ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ . ياغاچ تاختايغا سىزىلغان رەسىملەردە يىپەكنىڭ ئۇدۇنغا تارقىلىپ كىرىشى ۋە چاشقان پادىشاھى توغرىسىدىكى رىۋايەت تەسۋىرلەنگەن . "L"

ھۆججەت:Qdimsuert.jpg
دەندان ئۆيلۈك خارابىسىدىن تېپىلغان تام رەسىمى