رامازان ئېيى
Appearance
رامازان ياكى رامازان ئېيى (ئەرەبچە: رمضان)، ماھى رامازان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىجرىيە تەقۋىمى بويىچە يىلنىڭ 9- ئايىدۇر. ئىسلام ئىتىقادىغا كۆرە بۇ ئايدا ھز. مۇھەممەد (س.ئە.ۋ) گە قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىغان ئايدۇر. بۇ ئايدا مۇسۇلمانلار ئىسلامنىڭ بەش پەرىزنىڭ بىرى بولغان روزا تۇتۇش ئىبادىتىنى بەجا كەلتۈرىدىغان ئايدۇر. رامىزان ئېيى بىر تۈرلۈك ئاي تەقۋىمى بولغان ھىجرىيە كالىندارىغا كۆرە بەزىدە 29، بەزىدە 30 كۈن كېلىدۇ.