روبوتلارنىڭ ئۈچ قانۇنى

ئورنى Wikipedia

روبوتلارنىڭ ئۈچ قانۇنى - ڧانتازىيەلىك رومان يازغۇچىسى ئىسساك ئاسىموۋنىڭ روبوت چاتما رومانىدا ئوتتۇرىغا چىققان بىر ئۇقۇمدۇر.

روبوتلارنىڭ ئۈچ قانۇنى - روبوتلارنىڭ ياسىلىش ۋە مەۋجۇت بولۇپ پرىنسىپىنىڭ ئاساسىدۇر. بۇ قانۇن ئارقىلىق ئىنسانلار روبوتلارنى ئىدارە قىلىشنى مەقسەت قىلغان.


روبوتلارنىڭ ئۈچ قانۇنى:[تەھرىرلەش]

بۇ ئۈچ قانۇن شۇلاردىن تەركىپ تاپىدۇ:

  • روبوت، ئىنسانلارغا زەخم يەتكۈزمەيدۇ، ۋە ياكى ۋاستىلىق شەكىلدە ئىنسانلارنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشىغا يول قويمايدۇ.
  • روبوت، ئىنسانلار تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىدۇ، پەقەت بۇ بۇيرۇقلار بىرىنچى قانۇنغا زىت كەلمىگەن ئاساستا.
  • روبوت، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قانۇنغا زىت كەلمىگەن ئاساس ئاستىدا، ئۆزىنىڭ مەجۇدلىقىنى قوغدايدۇ.


روبوت تېخنىكىسى ۋەياكى مەدىنىيىتىنىڭ يىلتىزى بولغان بۇ ئۈچ قانۇن ئىسساك ئاسىموۋنىڭ ياراتقان بىر ئىجادىيىتى. ھەتتا ئۇنىڭ روبوت رومانلىرىنىڭ جەۋھىرى دىيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ ئۈچ قانۇن بولمايدىكەن، روبوتلارمۇ بولمايدۇ، ۋە يەرشارى ۋە باشقا پلانېتتىكى روبوت مەدىنىيىتىمۇ بولمايدۇ.