Jump to content

روزى سايىت

ئورنى Wikipedia

روزى سايىت (تۇغۇلغان ۋاقتى: 1944-يىلى 9- ئاي) ـ ئۇيغۇر خەلق شائىرى.

روزى سايىت
تۇغۇلغان ۋاقتى1944-يىلى 9- ئاي
يۇرتىخوتەننىڭ گۇما ناھىيەسى
ۋاپاتى2001-يىلى 9-ئاي
مىللىتىئۇيغۇر

ھاياتى

[تەھرىر]

شائىر روزى سايىت، 1944-يىلى 9- ئايدا خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىگە قاراشلىق شەيدۇللا دېگەن يېرىدە سايىتاخۇن ئىسىملىك كونا ئەسكەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .

1951-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ، 1958-يىلىغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن ناھىيىلىك ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى) مەكتەپتە، ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىدا ئوقۇغان، شۇنىڭدىن كېيىن 10 نەچچە يىل دېھقانچىلىق ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغان. 1973-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان.

ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن ۋە لاڭرۇ يېزىلىق ئوتتۇر مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1980-يىلىدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولغان.

1962-يىلى خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولغان، كېيىن يەنە دېھقانچىلىق قىلغان، 1973-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1976-يىلى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەندە ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان . 1980-يىلىدىن باشلاپ يېڭى قاشتېشى ژورنىلىدا مۇھەررىرلىك قىلغان . 2001-يىلى 9-ئايدا كېسەللىك سەۋەبىدىن 57 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .

ئىجادىيتى

[تەھرىر]

شائىر روزى سايىت 1973-يىلى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <دېھقانمۇ داشۆسىڭ بولدى> ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئىر-داستانلىرى ئېلان قىلىنغان . ئۇ يەنە بارات يازغان ھېكايە قاتارلىق بىرقانچە نەسرىي ئەسەرلەرنى يازغان . ئۇنىڭ يىپەك يولىدا نورۇز، يۇرۇڭقاش ۋادىسىدا شادلىق قاتارلىق تېلىۋىزىيە بەدىئىي فىلىملىرىنىڭ سىنارىيىسى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن رەتكە ئېلىنغان .

ھازىرغىچە ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا <چۈشنامە> قاتارلىق 12 پارچە داستان، باللادىسى، 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ۋە روبائىيسى، <بارات يازغان ھېكايە> قاتارلىق بىر قانچە پارچە ھېكايىسى، <ئەتە بەتۇل ھەقايىق> نىڭ شېئىرىي يەشمىسى، ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيتىدىكى شەكىللەر توغرىسىدا< قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى> ئېلان قىلىنىپ، جامائەت ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى.

<قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى، بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن، مەرھابا، ئاھ، ئۇزاققا سۇزۇلغان چۈش، كۆڭۈلدىكى گەپلەر، مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار، روبائىيلار، تۇيۇقلار، خىيالدىن تۆرەلگەن خىياللار، دېھقان كۈلكىسى، پاھ، دېھقاننىڭ ھەيكىلى> قاتارلىق داستان ۋە شېئىرلار توپلاملىرى نەشىر قىلىندى.

روزى سايىتنىڭ يەنە <«ئاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ، كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە، بۇ خوتەن، مەن خوتەن قىزى». . . >قاتارلىق يۈزلىگەن ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سېلىنىپ ۋەتەننىڭ يېزا-سەھرالىرىدا ياڭرىماقتا.

بىر قىسىم شېئىر-ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى ۋە دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلدى.

شائىرنىڭ <دېھقان يىغلايدۇ، چۈشنامە، بالىلار پۇلغا زار، چېرىكلەر بەدخەج، بارات يازغان ھېكايە، يىپەك يۇرتىدا نۇرۇز>قاتارلىق داستان، شېئىر، ھېكايە ۋە تېلېۋىزىيە بەدىئىي سەنئەت فىلىملىرى، <بۇ جاھان، جاھان كەڭرى، يول كەڭرى> ناملىق ناخشا تېكىستلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى.

ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن < دېھقان بولماق تەس>ناملىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشىر قىلىنىپ نەچچە ئونمىڭ نۇسخا تارقىتىلدى.

خەلق شائىرى روزى سايىت 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن خوتەن شەھىرىدە ۋاپات بولدى. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت، تارىخ ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىقنىقېلىپلاشتۇرۇش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق 12 مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.

خەلق شائىرى روزى سايىتنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى ئۈچۈن زور يۇقىتىش. شائىر مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.

روزى سايىتنىڭ بەزى ئەسەرلىرى مەملىكەت ھەم ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن . ئۆزىمۇ بىرقانچە قېتىم ئاپتونۇم رايون ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان .

ئەسەرلىرى

[تەھرىر]

روزى سايىتنىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى، بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن، مەرھابا، مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار، پاھ، دېھقاننىڭ ھەيكىلى، ناملىق شېئىر ۋە داستانلار توپلىمى بار . ئۇنىڭ دېھقانلار تېمىسىدا يازغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ئەينى يىللاردا يېزىلارغا يۈرگۈزۈلگەن بەزى سول سىياسەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بەزىبىر ئاقىۋەتلەرگە قارىتىلغان . بۇ شېئىرلار ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئېلىنىپ، دېھقان بولماق تەس دېگەن نامدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، زور تەسىر قوزغىغان . ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن مىللەتلەر نەشرىياتى روزى سايىت شېئىرلىرىدىن دېگەن نامدا ئۇنىڭ بىر تۈكۈم شېئىرلىنى نەشىر قىلدى.

شېئىرلىرىدىن

[تەھرىر]

ئانا تىلىم - زەر تىلىم

[تەھرىر]

تىل ئالاقە قورالى، تىل قەلبنىڭ ئەينىكى،

تىل ئادەمنى، ئالەمنى باغلاپ تۇرغان زەر رىشتە .

تىل غەزىنە، تىل ھىكمەت، تىل مۇھەببەت كۆۋرۈكى،

تىل ھايۋاننى ئىنسانغا ئايلاندۇردى پەرۋىشتە .


تىل نادانغا پەم بېرىپ، تىل زۇۋانغا تەم بېرىپ،

ھاياتلىقنىڭ ئابادى مېھرى تاپتى سۆيۈكتە .

شۇڭا ھەر بىر قۇۋمچۈن مەيلى كىچىك-چوڭ بولسۇن،

ئاتا تىلى - ئۆز تىلى شۇنچە ئۇلۇغ، بۈيۈك -تە !


ئۇيغۇر تىلى ئۇۋاق تىل، ئۇيغۇر تىلى ئۇماق تىل،

سەككىز مىليون بۇلبۇلنىڭ ئەشۇ تىلدا ناۋاسى .

ئۇيغۇر تىلى كىچىك تىل، ئەمما تاتلىق چۈچۈك تىل،

مەن شۇ تىلنىڭ شەيداسى، مىراسخورى -ھەقداسى.


ئۇ -ئانا تىل ئانامغا ئانىسىدىن يادىكار،

مەن بۇ تىلنى ئۈگەنگەن زاكامدىكى چاغلاردا .

ئاشۇ ئانا تىل بىلەن ئوۋلاپ جانان مەيلىنى،

پاراڭلاشقان، سىرداشقان ئالمىزارلىق باغلاردا .


بوۋام مۇشۇ تىل بىلەن يۈرۈكۈمگە پىچىرلاپ،

ۋاپادارلىق، مەردلىكنىڭ مىزانىنى بىلدۈرگەن.

ئوغلۇم، قىزىم ھەر كۈنى تۇمۇچۇقتەك ۋىچىرلاپ،

ھاياجانغا چۆمدۈرگەن، مۇرادىمنى بىلدۈرگەن .


مۇشۇ تىلدا ناۋائىي كىيگەن ناۋا تاجىنى،

شاھ مەشرەپنى مۇشۇ تىل ئېرىشتۈرگەن شەرەپكە .

يۈسۈپكە خاس ھاجىپ لىق ئاتا قىلغان مۇشۇ تىل،

مەھمۇد بوۋام مۇشۇ تىلدا دەرس ئۈگەتكەن ئەرەپكە .


مەن شۇ ئانا تىل بىلەن پەرۋاز قىلىپ ئىجادتا،

زىمىستاننى لەنەتلەپ، تاڭغا مەڭز-يۈز ياقتىم .

كۈلسە يۇرتۇم تەڭ كۈلدۈم، ئەل يىغلىسا ياش تۆكتۈم،

بىللە كۆيدۈم ئوتىدا، سۇلىرىدا تەڭ ئاقتىم .


مەن شۇ ئانا تىل بىلەن باغاشلىدىم باھارنى،

گۈل -چېچەككە پۈركەنگەن چىمەنلەرنى ئارىلاپ.

مەن كۈلىمەن، قۇۋۇمنى كۈلدىرىمەن قەلەمدە،

تىلغا ئۈنگەن ھارام شاخ، كۆتەكلەرنى پارچىلاپ .


شۇڭا دەيمەن : ئۆز تىلىم - گۆھەر تىلىم، زەر تىلىم،

بوپقالغىنى ئۇششاق تىل ئەمەس ھەرگىز ئىلىىتى .

زەررە كىچىك، ئاتوم شۇ زەررىلەردىن تۈزۇلگەن،

مىنىڭ تىلىم ئاشۇنداق، ئاتومچە بار قىممىتى .


ئەي تەڭرىتاغ پەرزەنتى، ئۇزۇن سەپەر كارۋىنى،

سىيپىماقتا مەڭزىڭنى تاڭنىڭ مەيىن شامىلى .

مۇھەببەتلىك باغاشتا كۈلۈپ يايرا، ياڭرىسۇن،

سەككىز مىليون شاد دىلنىڭ ئانا تىلدا ناۋاسى!!


دېھقان كۈلكىسى

روزى سايىت

دېھقاننىڭ كۈلكىسى - ئامەت كۈلكىسى ،

دېھقاننىڭ كۈلكىسى - قۇتتىن بېشارەت .

دېھقاننىڭ كۈلكىسى - جاھانغا بەرىكەت ،

دېھقاننىڭ كۈلكىسى - جەۋلانۇ ھەرىكەت ،

ئۇ توقلۇق ، ئۇ شوخلۇق ، شانغا ئىشارەت . . .

دېھقاننىڭ كۈلكىسى جاۋغايدا ئەمەس ،

ئۇ يۈرەك تۇشتىدىن پارتلايدۇ ، بىلسەڭ .

ئۇ قاداق ئالقاننىڭ ئاراشلىرىدىن ،

ئۇ كۆيۈك ماڭلاينىڭ قاتلاشلىرىدىن ،

نۇرانە كۆزلەردىن چاقنايدۇ ، بىلسەڭ .

گەر دېھقان كۈلمىسە كۈلمەس ھېچنېمە ،

گەر دېھقان كۈلمىسە كۈلەلمەس دۇنيا .

دېھقاندىن كۈلكىنى قىزغانماق ئۇيات ،

دېھقان كۈلكىسىدىن مۇكەررەم ھايات ،

بۇ كۈلكە مۆھتىرەم ، ئەزىز - تۇتىيا .

بۇ كۈلكە سەپەردە ھارغانغا ماغدۇر ،

بۇ كۈلكە ھوزۇرلۇق ، جانلارغا ئارام .

بۇ كۈلكە مۇھەببەت - يارنىڭ ۋىسالى ،

بۇ كۈلكە ساپ ، ساددا ( مىكىردىن خالىي ) ،

بۇ كۈلكە ھەر قانداق يارامدىم يارام !

بۇ كۈلكە پاكلىقتا ئوغۇزدۇر - ئوغۇز ،

بۇ كۈلكە ئالەمدە يىگانە - يەكتا .

دېھقاننىڭ كۈلمىكى چۈشمەس ئاسانغا ،

دېھقاننىڭ كۈلگىنى ئامەت ئىنسانغا ،

شۇ كۈلكە بولمىسا يوق جاھان ھەتتا .

شۇ كۈلكە بولمىسا باغلار تاقىر ساي ،

شۇ كۈلكە بولمىسا گۈل ئاچماس چىمەن .

شۇ كۈلكە بولمىسا قازناقلار قۇرۇق ،

ئۆسەلمەس نەۋرىلەر ئوماق ، بۇدۇرۇق ،

شۇ كۈلكە ھەر كىمنى قىلغان شوخ ، تىمەن .

بۇ كۈلكە ۋەزنىدە رۇستەمانە كۈچ ،

بۇ كۈلكە ۋەزنىدە ھاتەمچە مەرتلىك .

بۇ كۈلكە قىزلارغا ھۆسنى - لاتاپەت ،

بۇ كۈلكە ئەرلەرگە روھىي سالاپەت ،

بۇ كۈلكە ئەتىۋا ، شۇنچە قىممەتلىك ...

دېھقاننىڭ كۈلكىسى چۈشمەيدۇ كۆكتىن ،

( بۇ كۈلكە ئۇنىڭغا ئەمەس ئىئانە ) .

دېھقاننىڭ كۈلكىسى ئەجىرۇ ئەزىمدىن ،

ھەر مايسا تۈۋىگە مىڭ بىر تەزىمدىن ،

ئۇ شۇنداق تەس كۈلكە ، شۇنداق شاھانە !

راست ، دېھقان جىڭ كۈلەر ، « قوپال » - چىڭ كۈلەر ،

ئۇ كۈلسە بىر قېتىم مىڭ گۈل تۆكۈلەر .

قەھرىدە ئايازنىڭ باغرى چاك - تىلىم ،

مېھرىدە ئويغىنار نەۋ باھار ، ئىقلىم ،

دېھقانغا يات يالغان ، ساختا كۈلكىلەر .

چۈنكى ئۇ خاماندا چەشلەنگەن كۈلكە ،

چۈنكى ئۇ قەنەردە پەشلەنگەن كۈلكە ،

بۇ كۈلكە تومۇزدا پىشقان مەي بولۇپ ،

جەملەنگەن يۈرەككە قۇۋۋەت ئەي بولۇپ ،

بۇ ئەمەس بۇرۇنقى غەشلەنگەن « كۈلكە » .

مەن ئۇنى ئىستەيمەن بەزمە - مەشرەپتىن ،

مەن ئۇنى كۆرمەكچى ناخۇللۇق قولدا .

تاپماقچى يايلاقتىن ، ئانار ، تال - تەكتىن ،

تومپايغان ھەمياندىن ، پۇل قويغان چەكتىن ،

ئۇ چۇقۇم ئۇچرايدۇ بازار يا يولدا ...

دېھقاننىڭ كۈلكىسى - ئۈمىد كۈلكىسى ،

دېھقاننىڭ كۈلكىسى - قۇتتىن بىشارەت .

گەر دېھقان كۈلمىسە كۈلەلمەس ئالەم ،

بۇ ھالدا ، دەۋەرگىن « سۇلدى باغ - لالەم » ،

دېھقاننىڭ كۈلكىسى شانغا كاپالەت ! ...

پۇل دېگەن نەرسە...

روزى سايىت

پۇل ئەجەپ نەرسە ، چاتاق پۇل بولمىسا ،

يوق مەئىشەت ، نام - ئاتاق پۇل بولمىسا ،

كەڭ جاھانمۇ تار ، توزاق پۇل بولمىسا ،

تۇتمىقىڭ تەس ئۆي - ئوتاق پۇل بولمىسا ،

كونا تاملىقتا قوناق ①  پۇل بولمىسا .

بولسا پۇل ھاجەتلىرىڭ مەقبۇل سېنىڭ ،

بولسا پۇل قالمايدۇ ئىگىنىڭ جۇل سېنىڭ ،

گۈل سېنىڭ ، بۇلبۇل سېنىڭ ، دۇلدۇل سېنىڭ ،

بەزمە ، مەشرەپ - توي سېنىڭ ، مەرغۇل سېنىڭ ،

يۈرگىنىڭ شۇ ئاچ قورساق پۇل بولمىسا .

دوستنى دۈشمەن ، يارنى يات ئەتتى شۇ پۇل ،

بىرنى موھتاج ، بىرنى شاد ئەتتى شۇ پۇل ،

بىرنى قامچا ، بىرنى ئات ئەتتى شۇ پۇل ،

مۈشكىلاتنى قاتمۇ - قات ئەتتى شۇ پۇل ،

سۆيگىگە يەتتى سىناق پۇل بولمىسا .

پۇل تېپىپ ، يول تاپمىغانلار ( تۈف ) ساڭا ،

پۇل تېپىپ ، پەر قاقمىغانلار ( تۈف ) ساڭا !

پۇل يېقىپ ، ئەل ياقمىغانلار ( تۈف ) ساڭا !

پۇل بېقىپ ، ئەل باقمىغانلار ( تۈف ) ساڭا !

كۆرىمىز ئالەم ئۇزاق ، پۇل بولمىسا ...

« پۇل  ـ پۇچەك ـ قەغەز » پەقەت رەڭدار نېمە ،

« ئىت يېمەيدۇ بەرسە » شۇنداق خار نېمە .

ھەجىمى ئالقانچە ، كۈچى داڭدار نېمە ،

شۇڭا ، پۇل كىمدە ، قىلۇر ھالدار نېمە ،

ھەر قەدەمدە مىڭ توساق پۇل بولمىسا .

پۇل تالاي پۇلپەزنى شۇك ئۇخلاتمىدى ،

پۇل چۈشەپ كۈندۈزمۇ جۆيلۈپ ياتمىدى ،

تاپتى پۇل ، ئىنساپنى بىللە تاپمىدى ،

بىرنى ئون قىلسام دېدى ، قۇت ئاتمىدى ،

كەتتى پانىيدا ساياق ، پۇل بولمىسا .

پۇل مۇھىم ، پۇلدىن مۇھىم دىل ئاقلىقى ،

ئاقمىغاي پۇلنىڭ بېشەم ھايتاقلىقى② ،

كىم دۇرۇس يولدا بېيىپتۇ پاكلىقى ،

رىسقى پاكقا بار زامان ئامراقلىقى ،

ساتما ۋىجدان ، سات قىياق پۇل بولمىسا .

بىر ھېسابتا پۇل دېگەن شۇنداق نېمە ،

ئەمما پۇلنى تەكتى ھەل قىلغۇچ دېمە ،

كىم زېرەك ، ئاقىل شۇنىڭ پۇل ، غەم يېمە ،

قويغۇسى پۇلسىز سېنى تەرسىز تەمە ،

تاپقۇسى كىم ئەقلى ساق پۇل بولمىسا .

پۇل، قېنى ئېيتقىنچۇ ، كار - بارىڭ نېمە ؟

شادلىقىڭ قانداق ، يەنە زارىڭ نېمە ؟

بىرلا گەپ قىل : بىزگە ئىزھارىڭ نېمە ؟

ھەمدىمىڭ ، يارىڭ ۋە ئىنكارىڭ نېمە ؟

تاپقۇلۇق ، بىل ، سەن سىياق پۇل بولمىسا !!!

1992 - يىلى ئۆكتەبىر   خوتەن

① قوناق — قونالغۇ ، ئۆتەڭ دېگەن مەنىدە

② ھايتاق — كەپسىز ، باشباشتاق /شىۋە سۆز


مەنبە

[تەھرىر]
  • روزى سايىتنىڭ ئانا تىلىم -زەر تىلىم ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن.

مەنبەلەر

[تەھرىر]