روسىيەلىك ئولىگارخلار

ئورنى Wikipedia

روسىيەلىك ئولىگارخلار بولسا 1990-يىللاردىكى سوۋىت ئىتپاقى دەۋىردىكى دۆلەت مۈلۈكىنى سېتىپ خۇسۇسىيلاشتۇرۇش مەزگىلدە تۇيۇقسىزلا ناھايىتى زور بايلىقىن توپلىقغان روسىيەلىك ئولىگارخلاردۇر. ئۆزبەك پۇشتىدىن بولغان ئەلشىر ئوسمان دەل بۇ روس ئولىگارخلارنىڭ بىرىدۇر. سوۋىت ئىتىپاقى گۇمران بولغاندىن كېيىن دۆلەت مۈلۈكىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش مەزگىلدە، سودىگەرلەر بىرەسمىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ھۆكۈمەتتىن ئەرزان ياكى ئادىل باھادا نۇرغۇن دۆلەت كارخانىلىرى، زاۋۇتلىرىنى سېتىۋالغان. بۇ روسىيەلىك ئولىگارخلارنىڭ ھەممىسى ئاساسلىقى روسىيە زېمىندا سودا قىلسىمۇ كۆپىنچىىسى ياۋورپا ئىتپاقىدا، بولۇپمۇ ئەنگلىيەدە ياشايدۇ. شۇڭلاشقا روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇز ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇلارنىڭ ھەممىسى غەرب ئەللىرنىڭ ئىقتىسداى ئىمبارگوسىغان ئۇچرىدى ۋە سەپەر قىلىشى چەكلەندى، نۇرغۇن داچا ۋە شەخسى كېمىلىرى مۇسادىرە قىلىندى. كۆپ قىسىم ئولىگارخلارنىڭ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پاسپورتى (دۆلەت تەۋەلىكى) بار. كۆپ قىسىم يەھۇدى ئولىگارخلارنىڭ ئىسرائىل پاسپورتى بار، شۇڭا ئۇلار ئۇدۇللار ئىسرائىليەگە كەتتى (ۋاقىتلىق). ئەلشىر ئوسمان ئىمبارگو يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئۇدۇللار ئۆزبېكىستانغا كەتتى.

تىزىملىك[تەھرىرلەش]

روسيەلىك ئاساسلىق ئولىگارخلار
Roman Abramovich

رومان ئابروموۋىچ (سولدىن 1-رەت 1-شەخىس)

Oleg Deripaska

ئولەگ دەرىپاسكا

Alisher Usmanov

ئەلشىر ئوسمان (سولدىن 1-رەت، 3-شەخىس)

Vladimir Potanin

ۋىلادىمىر پوتانىن

Mikhail Prokhorov

مىخايىل پروخوروۋ

Gennady Timchenko

گەننەدىي تىمچىنكو

Vagit Alekperov

ۋاجىت ئالېكپەروۋ

Petr Aven

پېتىر ئاۋېن

Arkady Rotenberg

ئاركادىي روتېنبېرگ