رومان ۋە تۇرمۇش

ئورنى Wikipedia

ئاپتورى: زىيا گۆكئالپ

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ھەبىيبۇللاھ مەتقۇربان

بۇندىن ئوتتۇز يىل مۇقەددەم مەلۇم بىر كۈنى ئەرزۇرۇم خەلق ھۆكۈمىتىدە جىددىي تەييارلىق قىلىنىۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ كۈنى تۆتىنچى ئارمىيەنىڭ مارشالى ئەرزىنجاندىن ئەرزۇرۇمغا كېلەتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنى قارشى ئېلىشقا چىقىشى كېرەك ئىدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەسكىرىي مارش ئۆگىتىلمەيدىغان بولغاچقا، ئىدارىدىكىلەر بىر ئوفىتسېردىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرھال تەرتىپلىك مېڭىشنى ئۆگىتىپ قويۇشنى ئۆتۈندى. ئوفىتسېر ئوقۇغۇچىلارغا بىرەر سائەتچە مېڭىشنى مەشىق قىلدۇرغاندىن كېيىن مەكتەپ مۇدىرىدىن:

− مەشىققۇ تۈگىدى. ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئېلىش ئورنىغا كىم ئاپىرىدۇ؟ − دەپ سورىدى.

− مەكتەپتە بۇ ئىشنى قىلالايدىغان بىرەر ئوقۇتقۇچى يوق. بۇنى مەنمۇ قىلالمايمەن. شۇڭلاشقا بىز بۇ ئىشتىمۇ سىزنىڭ ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز، − دېدى مۇدىر.

− ياق، ھەرگىز بولمايدۇ. مەن بىر ئەسكەر تۇرسام. ئەسكەر دېگەن بۇنداق ئادەتتىكى بىر ۋەزىپە بىلەن چوڭ بىر قومانداننىڭ ئالدىغا چىقسا بولمايدۇ. ئەجىبا ئوقۇغۇچىلاردىن بىرەرسى بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالماسمۇ؟

− ئۇقمايمەن. بەلكىم ھۈسەين سابىر ئورۇندىيالىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە خېلىلا تەسىرى بار.

− ئەمىسە ئۆزىنى چاقىرىپ، سوراپ باقايلى.

مەكتەپ مۇدىرى قوڭغۇراقنى باستى ۋە كىرگەن خىزمەتكارغا:

− سىز بېرىپ ھۈسەين سابىرنى چاقىرىپ كېلىڭ، − دېدى.

ئۇزاق ئۆتمەيلا ھۈسەين سابىر مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى. مۇدىر ئۇنىڭغا:

− ئوقۇغۇچىلارغا تەرتىپلىك مېڭىش مەشىقى قىلدۇرۇلدى. ئەمدى ئوقۇغۇچىلارنى تەرتىپلىك يوسۇندا قارشى ئېلىش مەيدانىغا ئاپىرىش كېرەك. مەكتىپىمىزدە بۇ ئىشنى قىلالىغۇدەك بىرەر ئوقۇتقۇچى يوق. سىرتتىن بىرەر ئوفىتسېر تېپىشمۇ ناتايىن. شۇڭا بۇ ئىشنى ساڭا قالدى، − دېدى.

ھۈسەين سابىر ئون بەش ياشلار چامىسىدىكى ئىنتايىن تارتىنچاق بىر ياش بولۇپ، ناھايىتى كۆپ كىتاب ئوقۇغان ئىدى. ئۇ ئوقۇغان كىتابلارنىڭ ئىچىدە گولچ پاشانىڭ «قوراللىق مىللەت» ناملىق كىتابىمۇ بار ئىدى. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ ئاشۇ كىتابتىكى بىر ۋەقە يادىغا كەلدى.

گولچ پاشا دەيدۇكى:

«باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلىنغان بىرى بۇ تەكلىپنى رەت قىلسا بولمايدۇ».

بۇ سۆز ھۈسەين سابىرنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوقۇغۇچىلار تەرتىپلىك ھالدا ماس قەدەمدە مېڭىشقا باشلىدى. ھۈسەين سابىر پەقەت ئوڭ – سول تەرەپلەرگە بۇرۇلۇشقا توغرا كەلگەندىلا كوماندا بەرسە بولاتتى. شۇ ئەسنادا تولۇقسىز ھەربىي ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بىر ئوفىتسېرنىڭ قوماندانلىقىدا ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. بۇلارنىڭ كېلىشى ئاسانلىقچە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان بىر قالايمىقانچىلىققا سەۋەب بولدى.

تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەكتىپى تولۇقسىز ئوتتۇرىدىن يۇقىرى ئورۇندا بولغاچقا ئالدىدا مېڭىشنى تالىشاتتى. تولۇقسىز ھەربىي ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولسا:

«بىز ئەسكەرلەرمىز، كېلىۋاتقان كىشىمۇ بىر ئەسكەر. شۇڭا بىز ئالدىدا مېڭىشىمىز كېرەك» دەيتتى.

ھۈسەين سابىر ئەسكەر ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرلىك ئىشى پەقەت بىر سائەت مەشىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇندىن بۇرۇن ئۆزىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ھەمدە سۆزىدىن قەتئىي چىقىپ باقمىغان سەپداشلىرىغا ئەمدى گەپ ئاڭلىتالمايۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ قوماندانلىقىغا كۆز قىزارتىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى. باشقىلارنى كۈشكۈرتىدىغانلارمۇ شۇلار ئىدى. ھۈسەين سابىر سەپداشلىرىدىن ھەر قانچە ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، ئۇلاردىن ھېچكىمگە گەپ ئاڭلىتالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قەدەملەپ مارش ئىشىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈگەتمىسە بولمايتتى.

ھۈسەين سابىر ئەجىبا بۇرۇن ئوقۇغان كىتابلاردىن بىرەرسىدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا يول كۆرسەتكۈدەك بىرەر ھادىسە چىقىپ قالارمۇ؟ دېگەن ئۈمىدتە ئىلگىرى كىتابتىن ئوقۇغانلىرىنى خىيال قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى كۆپ كىتاب ئوقۇغانلار قۇتۇلۇشقا ئۆرنەك بولىدىغان مىساللارنى بولۇپمۇ رومان ۋە ھېكايىلەر ئىچىدىن ئىزدەيتتى. ھۈسەين سابىرمۇ ئەمدى ئاشۇ چارىنى قوللانماقچى بولۇۋاتاتتى.

ئۇشتۇمتۇت «سېرىق جانلىق» رومانىدىكى بىر ۋەقە ئېسىگە كەلدى. بۇ ۋەقەنىڭ قىسقىچە تەپسىلاتى مۇنداق ئىدى.

ھىندىستاندا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئوفىتسېرلاردىن بىرىنىڭ لايىقى بولغان بىر ھىند قىزنى ھىندلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر فرانسۇز ئەترىتىگە باشقا بىر ئىنگلىز يۈز بېشىمۇ قېتىلغان بولۇپ، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن قوماندانىدىن بىر قانچە ئايلىق رۇخسەت ئالغان ئىدى.

لېكىن ئويلىمىغان يەردىن قىسىمغا قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقى ئۇنىڭ رەقىبى بولغان ئوفىتسېرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىپ، ئوفىتسېر ھېلىقى يۈز بېشىنىمۇ فرانسۇز ئەسكەرلەر بىلەن قوشۇپ باشقۇرماقچى بولىدۇ. فرانسۇز ئەترىتى ئىنگلىز قىسمى بىلەن قارشىلىشىپ قالغاندىن كېيىن ئوفىتسېر توختاش كوماندىسى بەرمەكچى بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭدىن چاققان كەلگەن يۈز بېشى ئېتىنى ئالدىغا دېۋىتىپ: «ئوڭغا، يېرىم ئوڭغا بۇرۇل!» دەپ كوماندا بېرىدۇ. قىسىم دەرھال ئوڭغا بۇرۇلىدۇ. يۈز بېشى ئارقىدىنلا: «قەدەملەپ مارش!» دەيدۇ ۋە قىسىممۇ دەرھال تەرتىپلىك ھالدا مېڭىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىسىمنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقى ئوفىتسېرنىڭ قولىدىن ئەسلىي ھوقۇقلۇق بولغان يۈز بېشىنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ.

ھۈسەين سابىر دەرھال بۇ ئەسلىمىسىدىن بىر ساۋاق يەكۈنلەپ:

«ئەمدى مېنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىمگە پەرۋا قىلمىغان بۇ ئىسيانچى سەپداشلارغا ھېلىقى ئىنگلىز يۈز بېشىغا ئوخشاش «ئورۇندا تۇر!» دەپ كوماندا بېرىدىغان بولسام، بۇلار چوقۇم دەرھال توختايدۇ ھەمدە سەپداشلىرىمنى ماڭا قارشى كۈشكۈرتكەنلەر ئوقۇغۇچىلارغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزىدۇ.

ھۈسەين سابىر مۇشۇلارنى ئويلاپ جىددىي بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا: «ئەسكەر!» دەپ ئاۋازىنىڭ بارىچە ۋارقىراشقا باشلايدۇ. ئوقۇغۇچىلار دەرھال ئەسكىرىي سەپ تۈزۈپ، بېرىلگەن كوماندىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشقا تەييار ھالەتكە ئۆتىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ روھىدىكى ئىسيانكار ھېسلار بىردىنلا يوقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەسكىرىي ئاڭ ئويغانغان ئىدى.

ئاخىرىدا ناھايىتى قاتتىق تەلەپپۇزدا: «ئورۇندا تۇر!» دەپ كوماندا بېرىدۇ ۋە پۈتۈن ئوقۇغۇچىلار بىردىنلا پۈتۈن بىر گەۋدە بولۇپ تۇرىدۇ.

ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا: «تەييارلان!» دەپ كوماندا بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم قىمىر قىلالمايدۇ. ئاندىن ئىسيانچى سەپداشلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «قېنى توختىماي، ئالغا ئىلگىرىلىمەكچى ئىدىڭلارغۇ؟! نېمىشقا توختاپ قالىسىلەر؟!» دەپ مەسخىرىلىك سوئاللارنى سورايدۇ.

ئوقۇغۇچىلار گاڭگىراپلا قالغان بولۇپ، گوياكى باياتىنقى ئىسيانچى ئوقۇغۇچىلار كېتىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ھەر قانداق كوماندىغا بويسۇنىدىغان، تەرتىپلىك بىر ئەسكىرىي قىسىم كەلگەندەكلا بوپقالغان ئىدى.

ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىم بىرەر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمەيدۇ. ھەممەيلەن باشلىرىنى ئىگىپ تۇرۇشىدۇ. ھۈسەين سابىر شۇ ئەسنادا مۇنۇلارنى خىيال قىلىپ ئۈلگۈرىدۇ: باياتىن ھەر بىرىدىن ئايرىم – ئايرىم ئۆتۈنسەم مېنى مەسخىرە قىلىشىپ، ئۆتۈنۈشلىرىمگە قىلچە پىسەنت قىلىشمىغان ئىدى. ئەمدى ھەممىسىگە بىراقلا بۇيرۇق قىلسام، بۇيرۇقۇمغا دەرھال باش ئەگدى. چۈنكى شەخسلەرنىڭ ئېڭىنى ئۆچ – ئاداۋەت، نەپرەت، شەخسىيەتچىلىك ۋە ئىسيانكارلىق چىرمىۋېلىشى مۇمكىن. ئەمما جەمئىيەت پەقەت مۇقەددەس پىرىنسىپلارنى ۋە ئېتىراپ قىلىنغان قائىدە – يوسۇنلارنىلا بەجا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ ھەمدە ئۇلارنى خۇددى ماشىنىغا ئوخشاش ئورۇندايدۇ.

شۇڭا بۇندىن كېيىن مەن دىققىتىمنى داۋاملىق جەمئىيەتكە بۇرايمەن، شەخسلەرگە پەرۋا قىلمايمەن. چۈنكى جەمئىيەت مەپكۇرىگە ئىگىدۇر، شەخسلەر بولسا شەخسىي ئۆچ – ئاداۋەتلىرىنى ۋە ئۆز مەنپەئەتلىرىنىلا كۆزلەيدۇ.

بۇ يەكۈن ھۈسەين سابىر ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بىر كۈچ مەنبەسى بولغان ئىدى.

(سابىر ئەپەندى زىيا گۆكئالپنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ ئىسمىدۇر).

(جۇمھۇرىيەت، 1924- يىل، 18- ئۆكتەبىر)

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «چىنار ئالتى يازىلارى» ناملىق ئەسىرى، توكەر نەشرىياتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى