رىزۋانگۈل يۈسۈپ

ئورنى Wikipedia

رىزۋانگۈل يۈسۈپ 1970-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق ئارال يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق زىيالى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1987-يىلى يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۇتتۇرۇپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، يىزا ئورگان كادىرى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىۋىنىڭ لىكتورى.

  ھازىرغىچە«قىزارغان سەھرا» (ھېكايىلەر توپلىمى )، «يېشىل ئارمان »(ھېكايىلار توپلىمى)، «سەرۋىخان» (پوۋسىتلار توپلىمى)، «سۆيگۈ مەنزىلى»(رومان)، «شەبنەم »(خەنزۇچە -ھېكايە پوۋسىتلار توپلىمى)، «ھالرەڭ يەكشەنبە»(رومان)، يىقىندا نەشىر قىلىنماقچى بولغان ئەسەرلىرى «كەلىلە ۋە دىمىنە» (بالىلار رومانى)، «ئەتىرگۈل كوچىسى»(رومان)..قاتارلىقلار بار .ھازىرچە «تۇلپار »ئەدەبىيات مۇكاپاتى، «تۆھپىكار ئەدىپ» مۇكاپاتى، «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى»«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ھازىر ئۇ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، يەكەن ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

مەنبە[تەھرىرلەش]

خەلىق تورى http://uyghur.people.com.cn/157635/15525012.html