رىشات ئابباس

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى رىشاد ئابباس)

تېببىي دورىشۇناسلىق پەنلىرى ئىلمى دوكتورى رىشات ئابباس بورھان – خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن  ئۇلۇغ ئالىمىمىز، ئابباس بورھان ئەپەندى ھەم مارىيە ئابلىز ھەدىنىڭ ئوغلى بولىدۇ. ئابباس بورھان ئاكا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەن-تېخنىكا، پەن-مەدەنىيەت ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر ھاياتىنى بېغىشلىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى. رىشاتنىڭ ئاپىسى مارىيە ھەدە مەن ئوقۇغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئىدى. ئالىي مەكتەپ ۋاقتىمىزدا ئاغرىپ قالساقلا مارىيە ھەدىنى ئىزدەپ تاپاتتۇق. مارىيە ھەدە شۇنچىلىك كىچىك پېئىل كۆيۈمچان دوختۇر بولغاچقا مەكتەپتىكى بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بالىلىرى مارىيە ھەدىنى بەك ياخشى كۆرەتتى. بەختكە قارىشى ئالىمىمىز ئابباس ئاكا ھەم مارىيە ھەدە بۇ ئالەمدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى. ئۇلارنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

دوكتور رىشات ئابباس بورھان نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ تېببىي دورا تەتقىقات ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ساھەسىدە خەلقئارادا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان دورا تەتقىقات بىرلەشمە ئىدارىسى – Pfizer دە راك ۋە باشقا كېسەللىرى دورا تەتقىقات تارمىقىنىڭ باش يېتەكچى (Lead Clinical Pharmacologist/Principle Investigator) تەتقىقاتچىسى ۋە كلىنىكىلىق دورىشۇناسلىق تارمىقىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا (2004-يىلىدىن ھازىرغىچە). رىشات ئابباس بورھان 1989- يىلى ئۈرۈمچىدىن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كېلىپ، 1994- يىلى ئوھىو شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا  (The Ohio State Unwersiti, Columbus, OH, USA) تېببىي دورىشۇناسلىق ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بىلىشىمچە رىشات ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇغان ۋە تەبىئىي پەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1994- يىلىدىن 1996-يىلىغىچە، رىشات ئابباس بورھان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ تەتقىقات تەجرىبىخانىسىدا (Wright-Patterson Air Force Base, Dayton, OH, USA) دوكتور ئاشتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1994- يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان ئامېرىكادىكى تېببىي دورا تەتقىقات خىزمەت ھاياتىدا، رىشات ئابباس بورھان ئامېرىكا دۆلەتلىك تەتقىقات تەجرىبىخانىلىرىدا، خەلقئارالىق تېببىي دورا تەتقىقات ئىدارىلىرىدە يېڭى دورىلارنى تەتقىق ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ساھەسىدە زور ئۈنۈملۈك تەتقىقات خىزمەتلىرىدە بولغان ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئېرىشكەن.

رىشات ئابباس بورھان يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىش، ئىستېمال قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە ئۇلارنى كلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈش جەھەتلىرىدە، داۋاملىق مۇھىم مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىپ، ئالاھىدە نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە: راك كېسەللىكىگە شىپا بولىدىغان يېڭى دورا - Tarceva (Erlotinib) ۋە Bosulif (Bosutinib)، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىرىگە شىپا بولىدىغان يېڭى دورىلار- PLETAL، نېرۋا كېسەللىرىگە دەۋا - Abilify، ھەمدە دىابەتەس كېسەللىرىگە شىپا بولىدىغان دورا - ئېغىزدىن ئىستېمال قىلىدىغان Insulin (ھازىر تېخى تەتقىقات ۋە مۇقىملىشىش باسقۇچىدا) لارنىڭ تەتقىقاتىغا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. ھازىرغا قەدەر ئۇ، 135 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالىلەرنى خەلقئارا تېببىي دورا تەتقىقات ژۇرناللاردا ۋە خەلقئارالىق تېببىي دورا تەتقىقات يىغىنلاردا ئېلان قىلدى. شۇنداقلا يەنە دورا ئىلمىگە ئائىت كىتابلارنىڭ بابلىرىنى يېزىپ چىقتى. ئۇ تېببىي دورا تەتقىقات ساھەسىدە يەنە 2 پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

دوكتور رىشات ئابباس بورھان نۇرغۇن قېتىم دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق پەن-تەتقىقات جەمئىيەتلىرىنىڭ تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىرىغا سازاۋەر بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 1996- يىلى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (the U.S. Department of Defense) تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن "پەن ۋە تېخنىكا نەتىجە مۇكاپاتى" (Science and Technology Achievement Award)، 1996- يىلى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە باش ئىشتابىدىن (the U.S. Department of Air Force) بېرىلگەن "پەن-تەتقىقات نەتىجە مۇكاپاتى" (Scientific Achievement Award) ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىكتۇر. بىر پارچە ماقالىسى 1999-يىلى "زەھەرلىك ماددىلار ئىلمى جەمئىيىتى" (Society of Toxicology) تەرىپىدىن "مۇنەۋۋەر ئەسەر" بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى خەلقئارا دىئابىت كېسىلى تېخنىكىلىق يىغىنىدا يەنە بىر پارچە ماقالىسى "ئەڭ ياخشى مەزمۇنلۇق ماقالە" بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى ئۇنىڭ كۆكرەك راك كېسەللىكلىرىگە قارشى دورا تەتقىقات نەتىجىسى "پەۋقۇلئاددە ئىجادچانلىققا ئىگە نەتىجە" مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتقا قوشقان زور تۆھپىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ تونۇشتۇرۇلدى. ئۇندىن باشقا يەنە 2009-يىلى، قان راك كېسەللىكلىرىگە قارشى دورا تەتقىقات نەتىجىسى بۇ ساھەگە قوشقان تەتقىقات تۆھپىسىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى سەۋىيىدە بولغانلىقى ئۈچۈن "يېڭى بىر پەللىگە يەتكەنلەرنى ئېتىراپ قىلىش" مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

بىز ئۈچۈن يەنە بىر خوش خەۋەر يېقىندا دوكتور رىشات ئابباسنىڭ 2013-يىلدىكى بىر ماقالىسى “دۇنيا بىو-مەدىتسىنا ئالدىنقى سەپى” (World Biomedical Frontiers) ژۇرنىلىنىڭ ئالدى مۇقاۋا بېتىدە تونۇشتۇرۇلۇشقا تەكلىپ قىلىندى. ئۇ 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە San Diego تا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمى دوكلات يىغىنىدا (the 10th Annual Lysosomal Disease Network World Symposium, February 10-13, 2014, San Diego, California)  ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.  رىشات ئابباسنىڭ بۇ ياراتقان نەتىجىلىرى ئۇنۇڭ ئىنتايىن ئۆتكۈرلۈكى ۋە كېچە كۈندۈز ھارماي تالماي تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. مەن رىشات ئابباسنىڭ بۇندىن كېيىن كەسپىدە تېخىمۇ زۆر نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!

دوكتور رىشات ئابباسنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەققىدە بوستوندا ياشايدىغان ئىنىمىز – قەيسەر مىجىت نەچچە يىللار ئىلگىرى “تىلسىملار دۇنياسىدا نۇر قۇچقان ئالىم” ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات ئېلان قىلىپ ئىلىم-پەنگە ئىنتىلىدىغان ياشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ھاياجانلىق ئىلىپ كەلگەن ئىدى.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى