رىمان

ئورنى Wikipedia

رىمان

Bernhard Riemann

خەنزۇچە: 黎曼


رىمان

رىمان 1826-يىلىدىن 1866-يىلىغىچە ياشىغان. گېرمانىيە ماتېماتىكى، رىمان گېئومېترىيىسىنىڭ ئىجاتچىسى، كومپلېكس ئۆزگەرگۈچىلەر فۇنكسىيىسىنىڭ ئىجاتچىلىرىدىن بىرى. رىمان «گېئومېترىيە ئاساسىدىكى پەرەزلەر» نى بوشلۇق چۈشەنچىسىگە كېڭەيتىپ، گېئومېترىيىنىڭ يەنە بىر كەڭ ساھەسى ــــ رىمان گېئومېترىيىسىنى يارادتقان. بىر قىممەتلىك ئانالىتىك فۇنكسىيىنى كۆپ قىممەتلىك ئانالىتىك فۇنكسىيىگە كېڭەيتكەن، «رىمان سىرتى» دىن ئىبارەت مۇھىم چۈشەنچىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، كومپلېكس ئۆزگەرگۈچىلىك فۇنكسىيىلەرنىڭ گېئومېترىك ئاساسىنى تىكلەپ، «رىمان ـــ لوخ تېئورېمىسى» غا ئىگە بولغان. ترىگونومېترىك قاتارلار نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، ئىنتېگرال نەزەرىيىسىنىڭ نىشانىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ھازىرقى زامان ئانالىتىك سانلار نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسىنى تىكلەپ، بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەڭ بۇرۇن رىمان تەكشىلىكى دىگەن چۈشەنچىنى كىرگۈزۈپ، ھازىرقى زامان توپولوگىيىسىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن. كونفورم ئەكس ئەتتۈرۈش، ئېللىپىسلىق فۇنكسىيە، كۆپ دەۋرلىك فۇنكسىيە ۋە شۇنىڭدەك خۇسۇسىي دىففىرېنسىئال تەڭلىمە، سانلار نەزەرىيىسى قاتارلىق ساھەلەرگە ئىجادىي خاراكتىرلىق تۆھپىلەرنى قوشقان.