رىم پاپاسى

ئورنى Wikipedia

كاتولىك دىنى (خرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىپى) دا پاپا، رەئىس كاھىن (بۇ يەنە كاردىنال ئېپىسكوپ، ئېپىسكوپ ياكى باش ئېپىسكوپ، ئادەتتىكى ئېپىسكوپ قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ) ۋە پوپتىن ئىبارەت قاتتىق بولغان ئۈچ دەرىجە دىنىي مەرتىۋە تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلغان. پاپا بىلەن كاردىنال ئېپىسكوپنىڭ ھوقۇقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.

چۈشەنچە[تەھرىرلەش]

كاتولىك دىنى (خرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىپى) دا پاپا، رەئىس كاھىن (بۇ يەنە كاردىنال ئېپىسكوپ، ئېپىسكوپ ياكى باش ئېپىسكوپ، ئادەتتىكى ئېپىسكوپ قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ) ۋە پوپتىن ئىبارەت قاتتىق بولغان ئۈچ دەرىجە دىنىي مەرتىۋە تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلغان. پاپا بىلەن كاردىنال ئېپىسكوپنىڭ ھوقۇقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.

پاپا تۈزۈمى تەدرىجىي شەكىللەنگەن. دەسلەپتە كاتولىك دىنىدا پاپا دەيدىغان دىنىي ئەمەل ئورنى يوق بولۇپ، ھەرقايسى دىنىي رايونلاردا ئېپىسكوپلارلا بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئورنى باراۋەر ئىدى. مىلادىيە5 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، رىم ئىمپېرىيىسى ھالاكەتكە يۈزلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن، رىم ھۆكۈمرانلىرى كرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دىنىي جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان ھەمدە رىم شەھىرىنى رىم پاپىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن، رىم پاپىسى لېئو Ⅰ پۈتكۈل رىم ئىمپېرىيىسى دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ئاقساقاللىقىغا تەيىنلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئېپىسكوپلار ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، پاپا دېگەن دىنىي ئەمەل نامى بارلىققا كەلگەن. خاتىرىلىنىشىچە، كاتولىك دىنىدا ھازىرغا قەدەر260 تىن ئارتۇق ئادەم پاپىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

پاپا رىم پاپىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ كاتولىك دىنىنىڭ ئەڭ ئالىي داھىيسى، ۋاتىكان شەھەر دۆلىتىنىڭ رەھبىرى. رىم پاپىسى ئۆزىنى «خرىستوسنىڭ بۇ دۇنيادىكى ۋەكىلى» دەپ ئاتاپ، «نەزەرىيە ۋە ئېتىقاد مەڭگۈ نۇقسانسىزدۇر» دېگەننى تەرغىب قىلغان، مۇرىتلار ئۇنى ھۆرمەتلەپ «تەڭرىنىڭ بۇ دۇنياغا ئەۋەتكەن ھوقۇقلۇق ئوغلى» دەپ ئاتىغان. پاپىنى كاردىنال بىشوپلار سايلىغان، ئۇلار ئۆمۈرۋايەت ۋەزىپە ئۆتىسىمۇ بولىۋېرەتتى. لېكىن، بۇ دىنىي ۋەزىپىگە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلالمايتتى، پاپىلارنىڭ ۋارىسلارنى كۆرسىتىپ بېرىشىگىمۇ بولمايتتى، ئۇلار ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرسە بولاتتى، بىدئەتلىك گۇناھى ئۆتكۈزسە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلاتتى

تارىختا پاپىلار دىنىي جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى دىننىڭ سىرتىدىمۇ ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك چوڭ ھوقۇقلارغا ئىگە بولغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردە پاپىلارنىڭ ھەتتا پادىشاھنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ھوقۇقى بولغان، ئۇلار دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى بولۇپ قالغان. مىلادىيە1076 - يىلى، پاپا گرېگورى Ⅶ بىلەن رىم پادىشاھى ھېنرى Ⅳ ئوتتۇرىسىدا كەسكىن ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى يۈز بېرىپ، پاپا پادىشاھنى دىندىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىغان، پادىشاھ ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش، پاپىغا بولغان ئىززەت - ھۆرمىتىنى ۋە گۇناھىغا توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، باش كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، پاپىنىڭ ئۆيىنىڭ سىرتىدا يالاڭئاياغ ئۈچ كېچە - كۈندۈز ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. لېكىن پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىپ ئەسلىگە كېلىۋالغاندىن كېيىن، پاپىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئەسكەر باشلاپ بېرىپ رىمنى ئىشغال قىلىپ، گرېگورىنى پاپىلىقتىن قالدۇرۇپ قوغلاندى قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئورنىغا يېڭى پاپا تەيىنلەنگەن. بۈگۈنكى كۈندە، پاپىنىڭ دىندىن باشقا جەھەتتىكى ھوقۇقىنى ئىلگىرىكىگە زادىلا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

كاردىنال بىشوپ ئېلىمىزدە ئادەتتە قىزىل كىيىملىك ئېپىسكوپ (چۈنكى ئۇلار قىزىل مۇراسىم كىيىمى كىيىۋالىدۇ) دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ۋە ھېكايە - رومان، تىياتىرلاردا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كاتولىك دىنىدا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئېپىسكوپ رىم ۋاتىكانىنىڭ مۇشاۋۇرىدۇر. كاردىنال ئېپىسكوپلار ئۆمىكى پاپىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى بولۇپ، 16 - ئەسىردە ئۇنىڭ70 نەپەر ئەزاسى بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن، . 1958 - يىلىدىن كېيىن تەدرىجىي كۆپىيىپ، 145 كە يەتكەن. كاردىنال ئېپىسكوپلارنى پاپا بىۋاسىتە تەيىنلەيدۇ. ئۇلار ۋاتىكاننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ ۋە بىرمۇنچە مۇھىم دىنىي رايونلارنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار يەنە پاپىنى سايلاش ۋە پاپىلىققا سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.

خەنزۇچە نامى[تەھرىرلەش]