رىم گىلادىئاتورلار مەيدانى

ئورنى Wikipedia

دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى-رىم گىلادىئاتورلار مەيدانى

ھۆججەت:Giladiator.jpg
رىم گىلادىئاتورلار مەيدانى

ئورنى : ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىدە

ياسالغان ۋاقتى: مىلادى 72-يىلى

باھا: قەدىمقى رىم قۇرۇلۇشىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن نامايەندە ، شۇنداقلا رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ ئەبەدىيلىكىنىڭ سىمۋولى مەشھور رىم گىلادىئاتورلار مەيدانى ئېسكورىنى تېغىنىڭ بويىدا . يەنى ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىدىكى ۋېنىتسىيە مەيدانىنىڭ جەنوبى تەرىپىدە. ئۇ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان قەدىمقى رىم قۇرۇلۇشلىرى ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن نامايەندە ، شۇنداقلا رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ ئەبەدىيلىكىنىڭ سىمۋولى. قەدىمقى رىم گىلادىئاتور مەيدانى كىشلەر تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق سەككىز ئورۇننىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. قەدىمقى رىم تارىخنىڭ ھەربىر بېتى گىلادىئاتور مەيدانى بىلە مۇناسىۋەتلىك. مىلادى 1084-يىلى گىرمانلار رىمغا باستۇرۇپ كىرىپ ، شەھەرنى قۇرۇغداپ قويۇشتى. بۇنىڭ بىلەن گىلادىئاتور مەيدانىمۇ خاراپلاشتى.

قەدىمقى رىم گىلادىئاتور مەيدانىنىڭ ئەسلى ئسىمى «فېراۋىئو ئۇستى ئوچۇق تىياتىرخانسى » بولۇپ، ئەسلىدە قەدىمقى رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ مۇستەبىت پادىشاھى نىلونىڭ ئالتۇن قەسىرىكى بىر كىچىك كۆل ئىدى. مىلادى 72-يىلى پادىشاھ ۋېسپاسىئان بۇ قۇرۇلۇشنى باشلاپ، مىلادى80-يىلى پادىشاھ دىتونىڭ زامانىدا پۇتكۇزۇلدى. قۇرۇلۇشقا سەككىز يىل ۋاقىت كەتتى. قۇرۇلۇشنى قىلدۇرغان بۇ ئىككى پادىشاھ ۋە ئەڭ ئۇستۇنكى قەۋىتىنى قىلدۇرغان ھۆكۇمران _ بۇلار ھەممىسى فېراۋىئو جەمەتىدىن بولغاچقا ، «فېراۋىئو ئۇستى ئوچۇق تىياتىرخانسى » دەپ تارىختا خاتىرلەنگەن. بۇ قۇرۇلۇش رىم ئىمپىرىيەسى ئېروسالىمنى بويسۇندۇرغاندا ئىمپىرىيەنىڭ ئۇلۇغ غەلبىسى ۋە قۇدرىتىنى نامايەن قىلىش ئۇچۇن 80مىڭدىن ئارتۇق يەھۇدى ئەسىرلىرىگە ياساتقۇزغان.

بۇ چوڭ قۇرۇلۇشقا جەمئىي 100مىڭ كۇپ مېتىر تاش ماتىرىيال ۋە تاشلارنى بىر -بىرىگە چاتىدىغان تومۇردىن 300توننا كەتكەن. كېيىن ئۇدا يەر تەۋرەپ ، بۇ يەر تاش ماتىرىياللار مەيدانىغا ئايلىنىپ ، نۇرغۇن تاشلار يۆتكەپ كېتىلگەن. نۇرغۇن ھەيكەللەر ئوغۇرلىنىپ كېتىلگەن. ھازىرقى رىمدىكى سان -پېتىر چوڭ چېركاۋى قاتارلىق نۇرغۇن قۇرۇلۇشلاردا گىلادىئاتور مەيدانىنىڭ ھۇل تاشلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.1704-يىلى رىم پاپاسى بېرنادىتو زامانىدا گىلادىئاتور مەيدانى مۇقەددەس ئورۇن دەپ قارىلىپ تاش ئېلىش چەكلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن مەيدان قوغدىلىپ قېلىنغان. 1800-يىلدىن كېيىن نەچچەقېتىملىق چوڭ رىمونتتىن كېيىن ، ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن.

رىم گىلادىئاتور مەيدانى ئېللىپىس شەكىلدە ياسالغان بولۇپ،جەمئىي 20مىڭ كۇۋادىرات مېتىر يەرنى ئىگىلەيدۇ. چوڭ دىئامېتىر 188مېتىر، كىچىك دىئامېترى156مېتىر، ئايلانمىسى 527مېتىر، ئىگىزلىكى 57 مېتىر كېلىدۇ. ئاساسەن سارغۇچ رەڭلىك مەرمەر تاشتىن ياسالغان. جەمئىي 4قەۋەت. 1-2-3-قەۋەتلىرى يېرىم ئوچۇق يۇمىلاق شەكىللىك تۇۋرۇك شەكىلدە ياسالغان . 4-قەۋىتىنىڭ تۇزۇلىشى بىر قەدەر ئاددى بولۇپ، پەنجىرە ۋە يېرىم ئوچۇق قىرلىق تۇۋرۇكلەردىن تۇزۇلگەن. 2-3-قەۋەتتىكى ئۇستى ئەگىم ئىشىكلەرنىڭ ھەربىرىگە مەرمەردىن قىلىنغان ھەيكەللەر قۇيۇلغان. بۇلار ھەرخىل قىياپەتلەردە ياسالغان بولۇپ، ناھايىتى نەپىس ۋە ھەيۋەتلىك . پۇتكۇل قۇرۇلۇش قارىماققا زامانىۋى ياسالغان مەيدانلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. كۆرۇش سۇپىسى ئۇستىدىن ئاستىغا تۆت گۇرۇپپىغا ،ھوقۇق دەرىجىسىگە ئاساسەن رايونلارغا ئايرىلغان .مەيداننىڭ پەلەمپەي شەكىللىك كۆرۇش سۇپىسى ئۇچ رايونغا بولۇنگەن. ئاستىدىكى بىر قاتارى پالاتا ئەزالىرى ۋە يۇقىرى تەبىقە كىشلىرىگە تەييارلانغان. ئۇنىڭ ئوتتۇرىسدا ئايرىمخانىلىرى بار بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى پادىشاھنىڭ، ئىككى قانات تەرىپىدىكىسى ھۆكۇمران ئەمەلدارلار ۋە تەڭرىگە ئاتالغان قىزلارغا تەييارلانغان. ئۇستىدىكى ئورۇنلار ئاقسوڭەكلەرنىڭ ، ئۇنىڭ ئۇستىدىكىسى ئاددى پۇقرالارنىڭ ئورۇنلىرى. جەمئىي 50مىڭ تاماشىبىن