رۇبىنىس

ئورنى Wikipedia

رۇبىنىس (ئىنگىلىز تىلى: Peter Paul Rubens) (1577-1640) فلاندېرىس (قەدىمكى نېدېرلاندىيەنىڭ جەنۇبىي رايونى)لىك رەسسام، باروك رەسىم ئېقىمنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ۋەكىللىك شەخىس. 1577-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى گېرمانىيەنىڭ سيېگېندا تۇغۇلغان. 1640 –يىلى 5- ئاينىڭ 30 –كۈنى ئىسپانىيەگە قاراشلىق نېدېرلاندىيەنىڭ ئەنتېېۋېپو (ھازىرقى بىلگىيەدە) ۋاپات بولغان.

رۇبىنىس

ھاياتى ئۆمرى[تەھرىرلەش]

رۇبىنىس كىچىكىدىلا ئەقىللىق، زېرەك بولۇپ، 15 يېشىدىلا نېمىس، فرانسۇز، لاتىن، فلاماند تىللىرىنى پىششىق ئىگەللىگەن. فلاندېرېسنىڭ ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. ئۇ رەسىم سىزىشنى باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئۇستازلارنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. ئۇ 1609-يىلى فلاندېرېس ئالبېرت كىنەزلىكىنىڭ ئوردا رەسسامى بولغان. ئۇ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى سەنئەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى، شۇنداقلا ئىلغار گۇمانىزم ئىدىيەسى بىلەن فلاندېرېس قەدىمكى مىللىي سەنئىتىنىڭ ئەنئەنىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇرغان، كىشلىك ھايات خۇشاللىقىنى مەدھىيەلەيدىغان رەسىم ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ «ليۇكىپپوسنىڭ قىزلىرىنى ئېلىپ قېچىش» ناملىق ۋەكلىك ئەسىرىدە نىكاھ بۇلاڭچىلىقدەك ئىللەت تەسۋىرلەنگەن، ئەسەردە ئاياللار بىلەن ئەرلەر رەڭ ۋە ماھىيەت تۇيغۇسى جەھەتتە روشەن سېلىشتۇرما قىلىنىپ، كۈچلۈك تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە قىلىنغان، شۇنداقلا رەسسامنىڭ ئوتتەك ياشلىق، كۈچلۈك ھاياتي كۈچكە بولغان مەدھىيەسى ۋە مۇھەببەتكە بولغان دادىل ئىنتىلىشى ئىپادىلەنگەن.

تەسىرى[تەھرىرلەش]

رۇبېنىسنىڭ ئەسەرلىرىدە تەركىيدۇنياچلىققا قارشى تۇرىدىغان، كىشلىك ھاياتىنى قىزغىن مەدھىيەلەيدىغان روھ ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ باروكچە يورۇق-تۇتۇقلۇق سېلىشتۇرمىسى، ھېسسىياتقا باي بەدىئىي تەسەۋۇرى، شۇنىڭدەك قەلەم، رەڭ ئىشلىتىش جەھەتتىكى ماھارىتى ياۋروپانىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زامان رەسساملىقىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.