رەجەپ تاجى

ئورنى Wikipedia

ئاپتونوم رايونىمىز نىڭ كىنو تەرجىمچىلىكى ساھاسىدە ئېكىران كەينىدە تۇرۇپ 30 نەچچە يىلدىن بۇيان باش چۆركۈرۈپ جاپالىق ئىشلەۋاتقان بىر تۈركۈم يول ئاچقۇچى پېشقەدەم تۆھپىكار لار بار . ئۇلار قاراڭغۇ ئۇيدىكى مىكروفۇن ئالدىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان مەدەنىي تۇرمۇشنى بېيىتىش ئۈچۈن كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ يىل بويى جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلىغا تەرجىمە قىلىندىغان فىلىملەرىگە ئاۋاز بېرىش بىلەن شۇغۇللانغان ئۇزىنىڭ يايراق ۋە يېقىملىق ئاۋازى بىلەن كەڭ تاماشىبنلارنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سېلىپ ، ئۇلارنىڭ يۈكسەك باھاسىغا سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە. 1 - كۆرۈنۈش 1978 - يىلى يازنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ، ھاۋا ئىنتايىن ئۇچۇق بولۇپ، ئاسماندا زەرىچە بۇلۇت پارچىلىرى كۆرۈنمەيتتى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەلۇم بىر چەت ناھىيىسىنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىدىن بىرىگە جايلاشقان كىنوخانا ئالدىغا توپلانغان نۇرغۇن كىشىلەر ھەدەپ بىر - بىرنى قىستىشىپ ، كىنوخانىنىڭ ئىشىكىگە سەلدەك ئاقماقتا ئىدى . _ نىمە كىنو قويىدىكەن؟ _ دەپ سورىدى قىستىشىۋاتقان كىشىلەر توپىغا يېقىنلاپ كەلگەن ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى بىرەيلەندىن _ كىنو قويمايدىكەن ،تەڭرىتاغ كىنو ستو دىيىسىنىڭ تەرجىمە فىلىم ئارتىسلىرى ئاساسىي قارتلامغا چۆكۈپ ،كەڭ ئامما بىلەن ئۇچىرىشىپ ، ئۇلارنىڭ تەلەپ - ئىنكاسلىرىنى ئاڭلاشقا كەپتۇ، ھەممەيلەن ئاشۇ ئارتىسلارنى كۆرىمىز دەپ كەلدۇق . ئاڭلىساق بۇ ئارتىسلار ئىچىدە رەجەپ تاجىمۇ بار ئىكەن. _ رەجەپ تاجى دېگەن كىم بولىدۇ ؟ _ « سەرگەردان» فىلىمىدە راجىنىڭ ، « ۋۇسۇڭ » ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋزىيە تىياتىردا ۋۇسۇڭنىڭ ئاۋازىنى بەرگەن كىشىچۇ! _ پاھ ، ئاۋاز دېگەننى ئاجايىپ قاملاشتۇرۇپ بېرىۋەتكەن جۇمۇ ! ئۇنى ئېكىرا كەينىدىكى چولپان دېسەك ھەرگىز ئېشىپ كەتمەيدۇ . كىشىلەر ھەدەپ قىزغىن مۇلاھىزە قىلاتتى . كىنوخانا ئالدىغا توپلانغان كىشىلەر باغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىدى. _ قاراڭلار! ئۇلار چىقتى! _ دېدى تەقى - تۇرقىدىن زىيالىي چىقىپ تۇرغان بىريلەن ، _ ئاۋۇ دوپپا كىيىۋالغان ، چېكە چاچلىرى ئاقارغان ياشانغان كىشى رەجەپ تاجى دېگەن شۇ! كىشىلەر توپى تەۋرەپ كەتتى . ئۇلار كىنوخانا ئالدىدىكى پەلەمپەيگە سىغدىلىشقا باشلىدى . كىنوخانا ئىچىدىن چىققان كىشىلەرئىچىدە بېشىغا دوپپا ئۇستىگە قۇڭۇرەڭ سارجىدىن كاستىيۇم - بۇرۇلكا كىيگەن ، گالىستۇك تاقىغان ئۇتتۇرا بوي بىر كىشى كۈلۈمسىردپ پەيدا بولدى. كىشىلەر ئۇنى ئورىۋالغان. ئۇ دەل ئۇيغۇر كىنو تاماشىبنلارنىڭ قەلبىنى لەزىگە سالغان تالانتلىق ئاۋاز ئارتىسى ، تەڭرىتاغ كىنو ستو دىيىسىنىڭ تەرجىمە فىلىم بۆلۈمىنىڭ 1 - دەرىجىلىك رېژىسسورى رەجەپ تاجى ئىدى. 2 - كۆرۈنۈش 1994 - يىلى 5- ئاينىڭ 6 - كۈنى شەرق مۇزىكىسىنىڭ گۆھىرى، گۈلتاجى دەپ تەرىپلەنگەن، ئۇيغۇرخەلىقىنىڭ تارىخىي مەدەنىي مىراسى ، ئېلىمىزنىڭ كلاسسىك ئەدەبىيات - سەنئەت جەزىنىسىدىكى بىباھ گۆھەر بولغان 12 مۇقامنىڭ رەتلىگۈچىسى ، مەشھۇر مۇقام پېشۋاسى، شائىرە ئاماننىساخاننىڭ ھاياتىي كەچۈرمىشلىرى ، 12 مۇقام رەتلەش جەريانىدىكى ئالەمشۇمۇل تۆھپىسى نامايەن قىلىنغان رەڭلىك ھېكايە فىلىم « ئاماننىساخان» نى تۇنجى قويۇش ۋە بۇ فىلىمنىڭ ئاساسلىق ئارتىسلىرنى ھەر مىللەت تاماشىبنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش مۇراسىمى ئاتۇش شەھىردە داغدۇغلىق ئۆتكۈزۈلدى . مۇراسىمغا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاتۇش شەھىرنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر قاتناشقانىدى . « ئاماننىساخان» فىلىمنىڭ سېنارىستى يولداش سەيپىدىن ئەزىزى ئاتۇشلۇق ئىدى . ئۇنىڭدىن باشقا ، بۇپائالىيەتكە ئاتاقىلىق تەرجىمە فىلىم رېژىسسورى ، تەرجىمە فىلىم ئارتىسى ، كىنو ئارتىسى ، تېلېۋزىيە تىياتىرى « ۋۇسۇڭ » دا ۋۇسۇڭغا ئاۋاز بەرگەن رەجەپ تاجىمۇ قاتناشقان بولۇپ ئۇمۇ ئاتۇشلۇق ئىدى . بۇ ئۇچۇر كىنوخانا ئىچىگە لىق تولغان تاماشىبنلارغا جاكارلانغاندا ، كىنوخانا ئىچىدە ئۇزاققىچە گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىدى. كىنوخانا قاينام - تاشقىنلىق قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى ، پۈتۈن ئاتۇش تەۋرەپ كەتكەندەك زىلزىلىگە كەلدى . « ئاماننىساخاننى كۆرىمىز ! » ،«كىنو چولپانلىرنى كۆرىمىز . . . !»دېگۈچىلەر كىنوخانا ئالدىدا ئۇزۇن سەپ بولۇپ كەتكەن ، قىستىلغان كىشىلە توپى كىنوخانا ئالدىدا كوچىلارغىچە سۇزۇلغان ئىدى . ئادەملەر بارغانسىر كۆپەيمەكتە ئىدى . شۇ كۈنى فىلىم ئاتۇشتا يەتتە مەيدان قويۇلدى . ئاتۇش كىنوخانىسىنىڭ ئالدى ئادەم دېڭىزغا ئايلىنىپ ، قىسىتا - قىستاڭچىلىقتا كىنوخانا ئىشىكىمۇ ئۆرۈلۈپ كەتتى. بۇ ئۇتتۇلغۇسىز مەنزىرە ئىدى . ھەر مەيدان ئۇيۇن ئاخىرلاشقاندا تاماشىبنلار ئارتىسىلارنى قاتمۇقا ت ئوروىۋالدى ، ئۇلارنىڭ ھۇرمەت يۈزىسىدىن قۇللىرىنى سۇندى ، شۇ مەيداندا رەجەپ تاجىمۇ بارئىدى . . . رەجەپ تاجىىنىڭ نامى ئۇيغۇر تىلدىكى كىنو فىلىملىرنى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ ، ئۇ توپتوغرا 32 يىلنى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيسىدەئۆتكۈزۈپ ، ئۆزىنى ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ كىنو تەشۋىقاتى ۋە ئۇيغۇر كىنو تەرجىمچىلىكى خىز مىتىگە بېغشلاپ ، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ ، ئۆز تالانتىىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئۆز ئاۋاز بىلەن كىشىلەر قەلبىنى قايىل قىلىپ، ئۇيغۇر خەلق چوڭقۇر ھۇرمەت قىلدىغان ئېكران كەينىدىكى تالانتىلىق تۆھپىكار ئارتىسلاردىن بولۇپ قالدى . رەجەپ تاجى 1930- يىل 8 -ئايدا ئاتۇشنىڭ ئاغۇ يېزىسد بىر خەلق سازەندىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، كىچىكىدىنلا ئەجدادلىرىغا ئۇخشاش ئۇزىدە سەنئەت تالانتىنى يېتىشتۈرگەندى . ئۇ بالىلىق چاغلىردىن تاتىپلا ئەمگەكچان ،سەنئەتخۇمار خەلق ئارىسىدا ياشاپ ، قۇيۇق مىللىي پۇراققا ئىگە خەلق ناخشىلىرىدىن ئۆزىگە بەدىئىيى ئوزۇق ئالدى . ئۇ كېچىلىرى مەھەللىسىدە گۈلخانلارنى چۆرىدەپ تاكى تۈن يېرىمىغچە داۋاملىشىدىغان مەشرەپ سورونلىرىغا قاتنىشىپ ،دۇتار ، تەمبۇر ، داپ قاتارلىق سازلارغا تەڭكەش قىلىپ ئۇسسۇلغا چۈشەتتى ، ئۆزىنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرنى كۆڭلىگە پۈكەتتى . ئۇ 1949 - يىلغچە ئۆز يېزىسىدا ناھىيىسدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى . مۇشۇ مەزگىلىدىمۇ ئۆز جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان ئىسكىرىپكىنى قولىدىن چۈشۈرمەي ، سەھنە ، جامائەت سورۇنلىردا چېلىپ كىشىلەرنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى. [1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. "بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى". Archived from the original on 2021-11-27. Retrieved 2021-08-08.