زاتۋور

ئورنى Wikipedia
ئاپپارات زاتۋورى

زاتۋور (خەنچە: 光圈快门، ئېنگلىزچە: Shutter and aperture) بولسا فوتو ئاپپارات نۇر سېزىش پلاستىنكىسى (CMOS يۈزى)نىڭ ئۈنۈملۈك نۇرلاندۇرۇش ۋاقتىنى كونترول قىلىدىغان ئاپپارات . فوتو ئاپپاراتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ، شەكلى ۋە ئىقتىدارى فوتو ئاپپاراتنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئامىل .ئادەتتە فوتو ئاپپاراتلارنىڭ كونتىرول ئېكرانىدا زاتۋور تەڭشىكى تۈرى بولىدۇ.

ئادەتتە زاتۋورنىڭ ۋاقىت دائىرىسى قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى  ،   30″-1/8000 ۋاقىت دائىرىسى 30″-1/4000″ لىق ۋاقىت دائىرىسىدىن چوڭ .

بۇ يەردىكى ۋاقىت دائىرىسى ئاپپاراتنىڭ رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن قوللىنىشقا بولىدىغان ۋاقىتىنى كۆرسىتىدۇ .

ئوتتۇز سىكونىتتا بىر قىتىم  رەسىمگە تارتىشتىن سەككىز مىڭدىن بىر سېكۇنت ۋاقىتتا  بىر قېتىم تارتىشقىچە  بولغان تەڭشىگىلى بولىدىغان ۋاقىت ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ .

زاتۋور نەزەرىيە سېخمىسى

بىر پارچە رەسىمنى تارتىش ئۈچۈن ئاپپارات ئىچىدىكى يۇقارقىدەك قۇرۇلما بىر قېتىم ئېچىلىپ يىپىلىدۇ ، (رەسىمگە تارىتقاندىكى چارىس قىلغان ئاۋاز دەل مۇشۇ يەردىن چىقىدۇ ).

مەسىلەن بىر پارچە رەسىمنى تارتىش ئۈچۈن ئاپپارات تەڭشىكىدە 100/1 دىگەن سان بولسا بۇ بىر پارچە رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىتنىڭ يۈزدىن بىر سىكونىت ( بىر دەقىقە ) ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ، ئادەتتە ئاپپاراتنىڭ ياخشىراقلىرىنى 8000/1 (سەككىزمىڭدىن بىر سىكونىت) تىزلىككىچە تەڭشىگىلى بولىدۇ ،

ئاپپاراتنىڭ باشقا تەڭشەكلىرى ياخشى ماسلاشتۇرۇلۇپ تەڭشەلگەن ئالدىنقى شەرىت ئاستىدا زاتۋور ۋاقتى قانچىكى كىچىك تەڭشەلگەن بولسا تىز ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىمنى سۈرەتكە تارتىشقا ماس كېلىدۇ ، مەسىلەن پۇتبۇل مۇسابىقىسى ،  تېز سۈرئەتتە يۆتكىلىۋاتقان ماشىنا قاتارلىقلار .

زاتۋور ۋاقىتنى چوڭ قىلىپ تەڭشىگەندە ئاپپاراتقا كىرگەن نۇر مىقدارىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ ، كەچلىرى رەسىمگە تارىتقاندا ۋە نۇر يىتەرلىك بولمىغان ئورۇنلاردا زاتۋور ۋاقتىنى چوڭ قىلىپ تەڭشەش ئارقىلىق قاراڭغۇ مۇھىتتىمۇ نۇر ياخشى تەڭشەلگەن  رەسىمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .

مەنبە[تەھرىرلەش]

ئالىپ تورى