زامانىۋىلىشىش

ئورنى Wikipedia

زامانىۋى(现代) ھازىرقى جەمئىيەت خاراكىتىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئوقۇم بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخىنى 6-ئەسردىكى لاتىن تىلىغا قەدەر سۈرۈش مۇمكىن. دەسلەپتە لاتىنچە، كىيىن ئىنگىلىز تىلى ۋە باشقا تىللار بو ئوقۇمنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ھازىرقى بىلەن قەدىمقى ئاپتۇر ۋە ئەسەرلەرنى ئايرىپ كەلگەن. 17-ئەسىرگە كەلگەندە زامانىۋىلىق(现代性)، زامانىۋى ئېقىم(现代派) ۋە زامانىۋىلاشتورۇش(现代化) قاتارلىق ئوقۇملار چەكلىك سورۇنلاردا ئىشلىتىلەتتى.  ئەڭ دەسلەپ زامانىۋى دىگەن بۇ سۆز ئادەتتىكى، قىزىقى يوق دىگەندەك سەلبىي مەنىلەرنى ئىپادىلەيتتى. شىكىسپىر ئەسەرلىدە بۇ سۆزنى موشۇ خىل مەنىدە ئىشلەتكەن. ئەنگىلىيەلىك يازغۇچىلار فىرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىنى زامانىۋى ئېقىمچىلار دەپ ئاتىغان ۋاقىتتا، بىر خىل مەنسىتمەسلىك مەنىسى چىقاتتى. ئەمما، زامانىۋى دىگەن بو سۆزنىڭ ئوبىكىتىپ مەنىدە ئىشلىتىلىشى 17 ۋە 18-ئەسىردە ياۋرۇپا تارىخشۇناسلىرى ئاستا-ئاستا خىرىستىيان دىنىنىڭ تارىخ ئايرىشىنى تەرك ئەتكەن ۋاقىتتا، قەدىمقى، ئوتتۇرا ۋە ھازىرقى دەۋرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلغان.[1]

زامانىۋىلىشىش ھەققىدىكى تېما 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا كەڭ كۈلەمدە تەتقىق قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، 1970-يىللاردا كىيىنكى زامانىۋىلىشىش ياكى كىيىنكى سانائەت جەمئىيتى قاتارلىق ئوقۇملار ۋە نەزىرىيىلەر ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى. ئەگەر زامانىۋىلىقنىڭ نېمىلىكىگە قىسقىچە جاۋاب بىرىشكە توغرا كەلسە تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بىرىش مۇمكىن: زامانىۋىلىشىش ياۋروپاغا نىسبەتەن ئوتتۇرا ئەسىر جەمئىيىتىدىن ھازىرقى زامان جەمئىيىتىگە ئۆتۈش، ياكى ئەنئەنىۋى جەمئىيەت تىپىدىن ھازىرقى زامان جەمئىيىتىگە ئۆتۈشتىن ئىبارەت جەمئىيەتنىڭ دەۋر خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشى ھىسابلىندۇ.

زامانىۋىلىشىش دەۋر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا 16-ئەسىردىن كىيىنكى جەمئىيەت ئەندىزىسىنى كۆرسىتىدۇ.  گەرچە جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلىش قەدىمى 16-ئەسىردە باشلانغان دەپ قارىسىمۇ، ئەمما بۇ قاراش ياۋرۇپاغا نىسپەتەن بىر قەدەر ماس كىلىدۇ. چۈنكى ياۋرۇپادا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتىدىن كىيىن، كاپىتالىزىم بىخ ئۇرۇشقا باشلىدى.  بۇ دەۋردە كاپىتالىزىمىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن نەرسە ئامېرىكا ۋە ئافىرىقا قىتئەلىرىنى مۇستەملىكە قىلىش بولدى. پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئەرزان خام ئەشيا، ھەقسىز ئەمگەك كۈچى ئىزدەپ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىك ئىندىئانلارنى، ئافرىقىدىكى يەرلىك خەلقلەرنى بۇلىدى، ئەزدى،قۇل قىلىدى، ئۆلتۈردى. ساق قالغانلىرىنى ئاپىرىپ ساتتى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىغا سالدى. كىينچە كاپىتالىزىمىنىڭ باش كۈتۈرۈشى بىلەن دەھرىيلىشىش دولقۇنى كۈتۈرۈلدى. ئارقىدىنلا  ئىككى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى بىلەن ئەنگىلىيە سانائەتلەشكەن بىر دۆلەتكە ئايلاندى. ئەمما دۇنيانىڭ باشقا تەرەپلىرىدىكى ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەسىدىكى كىشىلەر زامانىۋىلىق، سانائەتلىشىش دىگەندىن قىلچە خەۋەرسىز ئەنئەنىۋى جەمئىيەت تىپىدا ياشايتتى. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئالدىنقى زامانىۋىلىشىش پەقەت ياۋرۇپاغىلا خاس بىر نەرسە.

20-ئەسىر ئىنسانىيەت بۈيۈك ئىختىرالارنى ۋە ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئەسىر بۇلۇپ، بۇ ئەسىردە ئەنئەنىۋى جەمئىيەت بىلەن زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ پەرقى ئىنتايىن رۇشەن گەۋدىلەنگەن ئىدى. جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىسمى زامانىۋىلىشىش ھىسابلانغان نورغۇن ھادىسىلەر جەمئىيەتتە يۈز بەرگەن ئىدى. مەسىلەن، 1950-يىللاردىن كىيىن، ئىدىيە ساھەسىدە ئۆزگىرىش ياساش دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىتىكى مۇھىم سىياسىي كۈن تەرتىپىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. 1950-يىللاردا ھەممە گۈللەر بەس-بەستە سايراش، كونىلىققا، خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇش دەۋرنىڭ شۇئارى ۋە زامانىۋىلىشىش بولغان بولسا، 1970-يىللاردا بۇرزۇئازىيەگە، كاپىتالىزىمغا قارشى تۇرۇش، كوڭزى، مىڭزى ئىدىيەلىرىگە قارشى تۇرۇپ، ”پرولتارىيا بەرپا قىلىش“ دەۋرنىڭ چاقىرىقى بولغان. 1980-يىللاردا ئىلىم-پەننى قەدىرلەپ، مائارىپ ۋە ئىقتىساد جەھەتتىكى زامانىۋىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەۋرنىڭ شۇئارىغا ئايلانغان…

ئانتونىي گىددىنىس قاتارلىق نۇرغۇن جەمئىيەتشۇناسلار دۇنيا تارىخىدىكى زامانىۋىلىشىش 16-،~17- ئەسىرلەردە باشلانغان دەپ قارايدۇ. زامانىۋىلىشىشنى باشلىغان دۆلەتلەر شىمالىي غەربىي ياۋروپا بۇلۇپمۇ ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.[2]  ئەنگلىيە تارىخىدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى شىمالىي غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاساس سېلىپ بەردى. بۇلۇپمۇ شىمالىي فرانسىيە، شىمالىي گېرمانىيە. بۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقى دۆلەتلەردە شەھەرلىشىش قەدىمى تېزلەشتى. زاۋۇت، كان-كارخانىلار قۇرۇلدى. يېزا نۇپۇسى شىددەت بىلەن شەھەرلەرگە ئاقتى. شەھەرلەردە ھەرخىل ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر كىلىپ چىقىشقا باشلىدى. بۇ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش تىپىدىن زامانىۋى تۇرمۇش تىپىغا كىرىش جەھەتتىكى ماسلىشىش، كاپىتالىستلارنىڭ  بازار ئىگىلەش مۇۋاپىقىيىتى بىلەن تاماملاندى. [3] فىرانسىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى سىياسىي ۋە دېمۇكىراتىك ئىنقىلابلار زامانىۋىلىشىشنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. [4]

كىيىنىكى دەۋرلەرگە كەلگەندە، تەرەققى قىلىۋاقتنا دۆلەتلەر ئۈچۈن، زامانىۋىلىشىش دېمەك ياۋروپالىشىش ياكى ئامېرىكىلىشىش ئېقىمى بولۇپ قالدى. چۈنكى ئافرىقا، ئاسىيا قاتارلىق قىتئەلەردىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ياۋروپا ياكى ئامېرىكا ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسەلگەن، تېخنىكىدا ئىلغارلاشقان، دىمۇكراتىيە جەھەتتە مۇكەممەللەشكەن ئىدىيىۋى تىپ بولۇپ شەكىللەنگەن ئىدى. غەربىي ياۋرۇپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا 17-ئەسىردە زامانىۋىلىشىش قەدىمىنى باسقان، 19-ئەسىرلەرگە كەلگۈچە ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، قالغان دۆلەتلەرمۇ زامانىۋىلىشىش يۇلىغا ماڭغان ئىدى. جەنۇبىي ئامېرىكا، ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەسىدىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش قەدىمى 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىدا ئاندىن ئىشقا ئاشقان ئىدى.

[1] C.E 布莱克,现代化的动力-一个比较历史的研究, 景跃进等译,浙江人民出版社,1989年版,第5页

[2] Piotr Sztompka, The Sociology of Social Change, 1994, P.69

[3] Shmuel Eisenstadt, Modernization, Protest, and Change (1966b: 1),

[4] Piotr Sztompka, The Sociology of Social Change, 1994, P.70