زوركۆت قەدىمكى شەھىرى
مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس
ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ. |
بۇ قەدىمكى شەھەر بۈگۈر ناھىيە بازىرىدىن تەخمىنەن 25 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبى يىراقلىقتىكى چۆللۈككە جايلاشقان ، بۇ جاينىڭ يەر تۈزۈلۈشى تۈزلەڭ بولۇپ ، دىنار دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان قىزىل ئېقىننىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى تاشقىن رايونىغا تەۋە . بۇ يەردە يۇلغۇن ۋە شورلۇقتا ئۆسىدىغان چاتقال ئۆسۈملۈكلەر ناھايىتى كۆپ .
قەدىمكى شەھەرنىڭ ھەقىقى ئۆلچەنگەن تەكشى يۈزى سەل رەتسىز يۇمۇلاق شەكىلدە بولۇپ ، ئايلانمىسى تەخمىنەن 1 مىڭ 250 مېتىرغا ، ئىگىلىگەن ئومۇمى كۆلىمى 100 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يىتىدۇ . شەھەر سېپىلى توپىدىن سوقۇلغان بولۇپ ، ئۇلىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 6 مېتىر ، قالدۇق ئىگىزلىكى 3 – 4 مېتىر كىلىدۇ . سېپىلنىڭ شەرقىي تەرىپىدە قالدۇق ئىگىزلىكى تەخمىنەن 9 مېتىر كىلىدىغان بىر ئىگىز سۇپا بار ، ئۇ قەدىمكى شەھەرنىڭ ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئېگىز يېرى ھىساپلىنىدۇ . شەھەر ئىچىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا بىر ئىگىز سۇپا خارابىسى بار ، ئۇنىڭ ئايلانمىسى تەخمىنەن 70 مېتىر ، قالدۇق ئىگىزلىكى تەخمىنەن 4 مېتىر كىلىدۇ . سۇپا ئۈستىدە قۇرۇلۇش خارابىلىرى ۋە ياد نامىلەر ساقلىنىپ قالغان . قەدىمكى شەھەر سېپىلىنىڭ شەرقىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇپ بۇرجەكلىرىدە شورا بار ، شەرقىي شىمال بۇرجىكىدىكى شورىنى يېقىنقى زامان كىشىلىرى ئۆستەڭ چاپقاندا ئاچقاندەك قىلىدۇ ، غەربىي جەنۇپ بۇرجىكىدىكى شورا شەھەر دەرۋازىسى بولۇشى مۇمكىن . شەھەر دەرۋازىسىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 10 مېتىر كىلىدۇ . شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا تەخمىنەن 100 مېتىر كىلىدىغان ئورۇندا توپىدىن ياسالغان بىر ئىگىز سۇپىلىق قۇرۇلۇش بار ، ئۇنىڭ قالدۇق ئىگىزلىكى تەخمىنەن 6 مېتىر ، ئايلانمىسى تەخمىنەن 40 مېتىر كىلىدۇ . قەدىمكى شەھەرنىڭ شەرقىي تەرىپىگە تەخمىنەن 200 مېتىر كىلىدىغان جايدا يەنە بىر توپىدىن ياسالغان سەل تۆت چاسا شەكىللىك ئىگىز سۇپىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ ، ئۇنىڭ قالدۇق ئىگىزلىكى تەخمىنەن 4 مېتىر ، ئايلانمىسى تەخمىنەن 60 مېتىر كىلىدۇ . سۇپا ئۈستىدە ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ خارابىلىرى ساقلىنىپ قالغان ، بۇ قەدىمكى شەھەردىن قولدا قوپالراق ئىشلەنگەن ساپال قاچىلارنىڭ پارچىلىرى قېزىۋېلىنغان . قاچىلارنىڭ شەكلىدىن قارىغاندا ، قازان ، ئىدىشقا ئوخشاش تاماق ئېتىش ياكى تاماق ئۇسۇش سايمانلىرى بولۇشى مۇمكىن .
مىنگونىڭ 17– يىلى يەنى 1928– يىلى خۇاڭ ۋېنبېي دىگەن كىشى بۇ يەرگە كىلىپ تەكشۈرگەندە ، شەھەر ئىچىدىن ئارپا پوستى ، رەڭلىك ساپال پارچىلىرى ، تۆمۈر ئوقيا ئۇچى قاتارلىقلارنى تاپقان ۋە بۇ قەدىمكى شەھەر مىلادىنىڭ ئالدى – كەينىدە بەرپا قىلىنغان ، بۇ شەھەردە غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش چېرىكچىسى تۇرغان ، دەپ قارىغان . زوركۆت ئەسلىدە زوركۆل دىگەن مەنىدىكى تۈركچە سۆز بولۇشى مۇمكىن . بۈگۈنكى زوركۆت خارابىسىنىڭ شىمالىدا خەن دەۋرىدىكى قۇمۇشلۇق كۆلنىڭ ئىزى بار