Jump to content

زىيالى

ئورنى Wikipedia

زىيالى (Intellectual) ئادەتتە ئادەم بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا بىلىملىك، ئەقىللىق، ۋە مەسئۇليەتچان كىشلەرنى كۆرستىدۇ. زىيالنىڭ كۆپلۈك شەكلى زىيالىلار. ئادتتە كىشلەر ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان كىشلەرنى زىيالى دەپ ئاتىسىمۇ، لېكىن بۇ بىر خاتا ئاتاش. زىيالى دەپ ئاتىلىش ئۈچۈن چوقۇم تۆۋەندىكى ئۈچ ئامىلنى ھازىرلىشىشى كېرەك.

  1. بىلىم: يالغۇز ئۇنىۋانى بولۇش يېتەرلىك ئەمەس، چوقۇم ئاز بولغاندا مەلۇم بىر ساھەدە ياكى يۆنلىشتە بىلىمى ياكى ھۆنۈرى بولۇشى كېرەك. ئۇنىۋان دېگەنلىك بىلىملىك دېگەنلىك ئەمەس.
  2. ئەقىل: بىلىم بار دېگەنلىك ئەقىلى بار دېگەنلىك ئەمەس. ئەقىل دېگەنلىك ناھايىتى سەزگۈر كاللا، لوگىكا مەنتىقىسى كۈچلۈك، يىراقنى كۆرەلەيدىغان، مۇستەقىل تەپەككۈر ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشلەرنى كۆرستىدۇ. پەقەت پۇتىنىڭ ئۇچىنى كۆردىغان بىلىمچىلەر ياكى بىلىمى بارلارنى ئەقىللىق دېيىشكە بولمايدۇ.
  3. مەسئۇليەت: ئەتىراپىدىكى ياكى جەمىئيەتتىكى مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۇلىدىغان، ھەركىتى ئارقىلىق مەلۇم بىر غايە ياكى ئىدىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغان كىشلەرنى كۆرستىدۇ. بىپەرۋا، ئۆزىدىن باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بالا-قازاغا بىپەرۋالىق قىلدىغان، پەقەت ياتسام يېسەم ئۇخلىسام ئۆلمىسەم دەپ ياشايدىغان كىشلەردە مەسئۇليەت تۇيغۇسى بولمايدۇ. مەسئۇليەتچان كىشلەرنىڭ باھالاشنىڭ بىر ئاددى ئۇسۇلى دەپ ھەق بەرمىسىمۇ ئۆزىنىڭ بىلمىنى ۋە ھۈنىرنى باشقىلار ئۈچۈن خالىسانە ئىشلىتەمدۇ يوقتا.

يۇقىرىقى ئۈچ شەرتنى قانائەتلۈندۈرمىگەن ھەر قانداق بىر كىشنى زىيالى دەپ ئاتاش نامۇۋاپىقتۇر. ئۇنىۋان، بىلىم، ۋە ئەقىل ئۈچى ئوخشىمايدىغان بىر نەرسىلەر. ئۇنىۋانى بارلار جىق، بىلىملار بارلار ئۇنىڭدىن ئاز، ھەم بىلىملىك ھەم ئەقىللىق كىلشەر ئۇنىڭىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئاز. زىيالىلار بولسا ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئاز. بىر مىللەت ياكى ئۇلۇس ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك ئىنسانلار توپلىمى دەل زىيالىلاردۇ.

مۇناسىۋەتلىك بىلدۈرگىلەر

[تەھرىرلەش]

زىيالى دوكتۇر: بىلىملىك، ئەقىللىق، مەسئۇليەتچان دوكتۇرلار. ئەڭ بىباھا ئىنسانلار توپلىمى.

دۆت دوكتۇر: ئۇنىۋانى بار، بىلىم بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئەقلى يوق دوكتۇرلار.

ئەقىللىق دوكتۇر: بىلىملىك ھەم ئەقىللىق، لېكىن مەسئۇليەتسىز دوكتۇرلار.

جانباقار دوكتۇر: پەقەت جانبېقىش ئۈچۈنلا ئوقۇغان دوكتۇرلار.

ئالقىشخۇمار دوكتۇر: ئۇنۋانى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئوقۇغان دوكتۇرلار.

بىلىمچى: پەقە بىلىمى بار ئالى ئۇنىۋانلىق كىشلەر.

پىروفىسورلارنىمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا گۇرۇپىلاشقا بولىدۇ. زىيالى بولۇش ئۈچۈن دوكتۇر ياكى پروفسىور بولۇش ھاجەتسىز.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]