زىيالىيلىق تراگېدىيىسى

ئورنى Wikipedia

“مۇئەللىم” قەلىمىدىن

دەۋرىمىز ئىلىم-مەرىپەت ساھەلىرىگە، شۇنداقلا پەن-مەدەنىيەت سەھنىلىرىگە دادىل قەدەم تاشلىغان چاغلىرىمىزدا، ئاتالغۇ ۋە ئاتاقلار ۋادىسىدىن كېسىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ۋادى بەزىلەرگە يورۇقلۇق بېغىشلىسا، بەزىلەرگە قايمۇقۇش، گاڭگىراش بەخش ئېتىدۇ. زىيالىي ۋە زىيالىيلىق ئاتالغۇلىرى ئەنە شۇ ۋادىنىڭ قايناملىرىدىن بىرى. ئويلاپ باقسام، زىيالىي دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ھەققىدە بىر قەدەر كونكرېت ۋە تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەن بىرەر ئۇيغۇرچە ئەسەر ئۇچراتماپتىمەن. ئەمەلىيەتتە، زىيالىي سۆزى بىلەن ئۇچراشقان بۇ نەچچە ئون يىللىق تارىخىمدا، مەزكۇر سۆزنىڭ سىنىپى ئايرىمچىلىق تۈسىنى ئالغان مەنىسىدىن ھالقىتىپ ئىلمى مەيدانلاردا كەڭ قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئىستىلاھ مەنىسى بويىچە ئىشلىتىۋاتقانلارنى ناھايىتى ئاز ئۇچراتتىم دېسەم مۇبالىغە بولمايدۇ. موللا ۋە زىيالىي دېگەنگە ئوخشاش ھازىرغا قەدەر دىن ۋە پەن ساھەسىدىكىلەرنى ئايرىشتا قالپاق ئورنىدا ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئاتاقلار كىشىنىڭ ئىلمى ساپاسى ۋە ئەمەلىي خىزمىتىدىن بەكرەك، نۆۋەتتە ئاق قەغەزنى قارا سىياھقا، سورۇننى ۋەز-نەسىھەتكە توشتۇرالايدىغان ئىككى خىل توپنى ئايرىشتا كۆرۈنەرلىك رول ئويناپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە، ئارىمىزدا بۇخىل ئايرىشلارنى توغرا تاپمىغان، زىيالىيلىقنى قالپاقلاشتۇرۇشتىن كۆرە ئۇنىڭ خاراكتېرى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىدىغان قەلەمكەشلەرمۇ يوق ئەمەس. دېمىسىمۇ زىيالىي ۋە زىيالىيلىق ھەققىدە ھەرخىل ماقالىلەر يېزىلدى، ماختاپ كۆككە كۆتۈرگەنلەرمۇ، قاخشاپ يەرگە چۆكۈرگەنلەرمۇ بولدى. مەيلى تەنقىت ياكى مەدھىيە ماقالىلىرى بولسۇن؛ نۆۋەتتە بۇ ئاتاق بىر قەدەر پەننى مائارىپ تەربىيىسى ئالغان قەلەمكەشلەرگە خاسلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنالمىدى. يېقىنقى مەزگىللەردە بولسا، دىنى ساھەدە قەلەم تەۋرىتىۋاتقانلارغىمۇ بىر قەدەر كەڭ مەنە قوللىنىپ ئۇلارنى “دىنى زىيالىي” دېيىشمۇ مودا بولۇشقا باشلاۋاتىدۇ.

زىيالىي دېگەن بۇ ئۇقۇم قامۇسلىرىمىزدا “يۇقىرى پەن-مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشىلەر” دەپ ئىزاھلىنىدۇ. گەرچە بۇ ئىزاھاتتا زىيالىينىڭ نېمە بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى ئىخچام تونۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، مەزكۇر مۇجمەل تەبىردە زىيالىيلىقنىڭ تىپىك خاسلىقلىرى، رولى قاتارلىقلارغا دائىر مۇئەييەن ئىشارەت بولماسلىقى بىزدە “زىيالىي” ئاتالغۇسىغا مۇناسىپ ئوبيېكت تاپالماسلىق ھادىسىسىنى پەيدا قىلدى. نەتىجىدە بۇ ئاتالغۇ قەلەمكەشلەر تەرىپىدىن ئىنتايىن يۈزەكى، ئەمما دەبدەبىلىك تىللار بىلەن ھەرخىل ئىزاھلاشقا ئىگە بولدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ كىشىلەر ئېڭىدا ھەقىقى مەنىدىكى زىيالىي ئوبرازى تىكلىنىش ئورنىغا ھەر ساھە كىشىلىرىدە ئۆز خىيالىچە زىيالىي ئۇقۇمى شەكىللەندۈرۋېلىش ئەۋج ئالدى. مانا مۇشۇنداق مالىماتاڭچىلىقلار ئاقىۋەت بېرىپ كىم زىيالىي، كىم خىيالىي، كىم ئالىم، كىم ئەدىب، كىم يازغۇچى، كىم مۇتەخەسسىس پەرق قىلىنماس ھالغا كەلدى، كىم زىيالىيلىق سالاھىيىتىگە مۇناسىپ، كىم مۇناسىپ ئەمەس؛ ئايرىماسلىق ھادىسىسى ئوتتۇرىغا چىقتى.

نېمىلا دېمەيلى جەمئىيىتىمىزدە دىن ساھەسى بولسۇن، ياكى پەن ساھەسى بولسۇن؛ “زىيالىيلار” دەپ ئاتىلىۋاتقان ۋە خىتاب قىلىنىۋاتقان بىر توپلۇم مەۋجۇت. بۇ توپلۇم مەيلى قايسى تەۋەلىك نۇقتىسىدىن زىيالىيلىق سالاھىيىتىگە نائىل بولۇۋاتقان بولىشىدىن قەتئىينەزەر؛ ئۇلارنىڭ مەزكۇر ئاتاققا مۇناسىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى قىلمايۋاتقانلىقى دىققەت نۇقتىسى بولۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردىن بىرى. مۇھىمى، بۇ يەردە ئاۋامدىن پەرقلىق ھالدا “زىيالىيلار” دەپ خىتاب قىلىنىۋاتقان بىر جامەئەنىڭ مەۋجۇتلىقىدا ئومۇمەن قاراش ئورتاقلىقى مەۋجۇت. شۇنداق ئىكەن، زىيالىي ۋە زىيالىيلىق ھەققىدە توختالماي بولمايدۇ.

مەلۇمكى، ھەرقانداق بىر جەمئىيەت ياكى مىللەت تېررىتورىيىسىدە شۇ تېررىتورىيىدە ياشاۋاتقان قوۋمنىڭ ئاڭ-ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە سەۋەبكارلىق رولىنى ئۆتەيدىغان، مەدەنىيەت، مەرىپەت ۋە يۈكسەك ئىنسانىي قىممەتلەردە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان، يول كۆرسىتەلەيدىغان، جەمئىيەت ئەھۋالىنى توغرا نۇقتىدىن چىقىپ كۆزىتەلەيدىغان، مەسىلىلەرگە ئىجابىي تەدبىر ۋە ئەمەلىي ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، ئويغىنىش پەيدا قىلالايدىغان، ئاقارتىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشالايدىغان، جەمئىيەت ۋە شەخسلەرنىڭ پىكىر-ئىدىيىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىش ئىمتىيازىغا ئىگە، بىلىمى مول، ساپاسى يۇقىرى، مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى ئۈستۈن، ئوي-پىكرى ئالاھىدە كىشىلەر بولىدۇ. ئەگەر بىر كوللېكتىپ ياكى بىرەر جەمئىيەت ئەزالىرى ئىچىدە شۇنداق تەرىپلەشكە مۇناسىپ كىشىلەر بار دېيىلسە ئۇلار دەل زىيالىيلاردۇر.

زىيالىي ئەڭ ئاۋۋال تەپەككۇرچى ئىنسان. تەپەككۇر ئۈستۈنلۈكى ئۇنىڭ ئاۋامدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى. بۇ خىل ئالاھىدىلىك كۆپىنچە ئۇنىڭ تەبىئىي تالانتىدىن بەكرەك بىلىم-ساپا جەھەتتىن مول بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولىشى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز ئۆزىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۇ ئۆز جەمئىيىتىنىڭ كۈلتۈرىنى ئەتراپلىق چۈشىنىش بىلەن بىرگە، دەۋرىنىڭ بىلىم ۋە پەن-مەدەنىيەت ساھەلىرى بىلەن ئاساسەن تونۇشقا ئىگە كىشىدۇر. شۇڭا، بىز مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردە ئىلمى مۇتەخەسسىس بىلەن زىيالىينىڭ پەرقىنى ئىزاھلىغان ۋاقىتتا: “مۇتەخەسسىس بىر ساھەدىكى ھەممە نەرسىنى بىلگەن كىشى، زىيالىي ھەر ساھەدە بىر نەرسە بىلىدىغان كىشى” دېگەن سۆزلەرنى ئۇچۇرتۇپ تۇرىمىز. بۇ ئەلۋەتتە، زىيالىيلارنىڭ خاس ئىلمى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئەكسىچە ئۆزىنىڭ كەسپى ساھەسىدىن ھالقىغان ھالدا جەمئىيىتىنىڭ ئومۇم مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە بۇ ھەقتە ئىزدىنىش ئىلىپ بارىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. غەرب زىيالىيلىرىدىن لويىس ۋويېر مۇنداق دەيدۇ: “زىيالىي دېگىنىمىز پىكىرلىرى ئۆز كەسپىدىن ھالقىپ يىراقلارغا قەدەم سوزغان، جەمئىيىتىنىڭ ئومۇم مەسىلىلىرى ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك رېئاللىقلىرى ئۈستىدە غەم يەيدىغان كىشىدۇر.”

ئىتالىيىلىك پەيلاسوپ ئانتونىيو: ” خەلقىنىڭ دەرد-ئەلىمىنى سەزمەيدىغانلار زىيالىي ئاتىقىغا لايىق ئەمەس” دەپ يازىدۇ. دەرۋەقە، زىيالىي ئەقلى ئەمگەكلەرگە كۆڭۈل بۆلگەندىن سىرت ئۆزىگە خاس دۇنيا قاراش تىكلىگەن، ھەق-ناھەق قارىشى ئۈستۈن، مەيدانى ئېنىق، ياشاۋاتقان جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، پىكرىي، مەنىۋىي ۋە ئەخلاقىي ھالىتىگە ئومۇم نەزەر تاشلىيالايدىغان، جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش يولىدا ئىزدىنىدىغان ۋە بۇ ھەقتە ئاۋام بىلەن كەڭ ئورتاقلىشىپ تۇرۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار نوقۇل ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچى پەيلاسوپلار ۋە مۇتەپەككۇرلاردىن ئايرىم جەھەتلەردە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. مۇتەپەككۇر ئەقلى ئەمگەك قىلىش، ئىلغار ۋە يېڭىچە پىكىر، ئەندىزىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش بىلەن ئالاھىدىلەنسە، زىيالىي ئەنە شۇ پىكىرلەرنى ئاۋامنىڭ ئېڭىغا ماس تىلدا يەتكۈزگۈچى، ئىلغار ئىدىيىلەرنى ئۇلارغا ئاممىباب تىلدا يەتكۈزگۈچى، راۋاجلاندۇرغۇچى بولۇش بىلەن ئالاھىدىلەنگەن. شۇڭىمۇ بەزىلەر زىيالىيلارغا باھا بەرگەندە ئۇلارنى: جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگۈچى كۈچنىڭ ۋەكىلى” دەپ تەرىپلىشىدۇ. مەشھۇر غەرب زىيالىيلىرىدىن پەيلاسوپ نوئام چومىسكىمۇ زىيالىيلارنى “ھەقىقەتنى كۈچ يۈزىگە ئېلىپ چىققۇچىلار” دەپ تەرىپلىگەن. ئۇ يەنە “زىيالىيلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەقىقەتنى نامايان قىلىپ ساختىلىقلارنى پاش قىلىش.” دەپ كۆرسەتكەن. ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىدىن ئابدۇلۋەھھاب مەسىيرىيمۇ زىيالىيلار ھەققىدە توختىلىپ: “ئوي-پىكىرلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆرۈپ بېرەلمىگەنلەر زىيالىي ئاتىقىغا ئەرزىمەيدۇ” دەپ يازىدۇ. غەرب زىيالىيلىرىدىن ئىدۋارد شېلىرمۇ زىيالىيلارنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: “زىيالىيلار ئۇقۇمۇشلۇق زاتلاردىن تەركىپلەنگەن بىر جامائە بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمئىيىتىنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ يۈزلەندۈرۈشتە ئاشۇ جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىغا قۇلاق سالغۇچىلار، ئاشۇ جەمئىيەتنىڭ بۈيۈك قارارلارنى ئېلىشىغا تەسىر كۆرسەتكۈچىلەردۇر.”

زىيالىيلار تونۇشتۇرۇلغان ئەسەرلەردە يەنە مۇنداق تەرىپلەشلەرمۇ بار:

“زىيالىي: جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك نەزەر تاشلىيالىغان كىشىدۇر.”

“زىيالىي: جەمئىيەتكە ئىلمى ۋە تەنقىدىي نەزەر تاشلاش ئىقتىدارى ھازىرلىغان كىشىدۇر.”

مانا بۇ تەرىپلەشلەردە زىيالىيلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرى ۋە مەسئۇلىيىتىنىڭ جەمئىيەتنى ئەقلى يۈكسەكلىكتە كۆزىتىش، جەمئىيەتنىڭ مۈشكىلىسىنى ئۆزىنىڭ مۈشكىلىسى، دەردىنى ئۆزىنىڭ دەردى دەپ قاراش، ھەقىقەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەرلىكتە چىڭ تۇرۇش، جەمئىيەتتە ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات دولقۇنى پەيدا قىلىش، جەمئىيەتكە ئىلمى يوسۇندا تەنقىد بېرىش، بۈيۈك قارار ئېلىشتا قارارنىڭ توغرا ئاساستا چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىز بۇ نۇقتىلارنى يەنە مىسىرنىڭ مەشھۇر زىيالىيىسى ۋە مۇتەپەككۇرلىرىدىن دوكتور ئابدۇلكەرىم بەككارنىڭ ئىزاھاتلىرىدىمۇ ئۇچرىتىمىز. ئۇ بۇ ھەقتە شۇنداق يازىدۇ: “زىيالىي دېگىنىمىز ئۆزىنىڭ كەسپى دائىرىسىدىن ھالقىغان ئاساستا كۆپلەپ ئوقۇش، مۇتالىئە قىلىش ۋە تەسىر يارىتىش قاتارلىق تەرەپلەرگە كەڭ دائىرىدە ئەھمىيەت بەرگەن كىشى. ئۇنىڭ ئاساسى ئوبيېكتى جەمئىيەتنىڭ ئوموم گەۋدىسى بولىدۇ. ئۇ يەنە، ئۆز نۆۋىتىدە تەنقىدىي مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلىيالايدىغان، ئۆزگىچە ۋە ھەل قىلىش خاراكتېردىكى بىر قىسىم تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، رېئاللىقنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە كەلگۈسىگە يول ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىلەرنى ئىشلەپ چىقىرىشقا قابىل كىشىدۇر.”

شۇ ئېنىقكى، ھەقىقى زىيالىينىڭ تىپىك خاسلىقلىرىنى كۆزەتكەن ۋاقىتتا، تەسەۋۋۇرىمىزدا بالقىپ تۇرۇۋاتقان زىيالىيلىق بىلەن ھەقىقى مەنىدىكى زىيالىيلىق ئوتتۇرىسىدا پەرقلەر بارلىقىنى ھېس قىلىمىز. شۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، بىر ئىنسان قانداقتۇر بىرەر ئالىي مەكتەپ دىپلومىغا ئېرىشكەنلىكى بىلەن ياكى بىرەر چوڭ ئىلمى ئۇنۋانغا ئىگە بولىشى بىلەن، ياكى بىرەر ساھەنىڭ كەسىپ ئىگىسى بولۇپ قالغانلىقى بىلەن زىيالىيغا ئايلىنىپ قالمايدۇ. بەلكى، شۇ جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىلمىي مۈشكۈلاتلىرى، كىرىزىس ۋە دەۋالغۇچلىرى ھەمدە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلىرىدىكى جىددىيلىك ئاشۇ جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھە پىكىر ۋە بىلىم ئىگىلىرى ئارىسىدىن زىيالىيلار تەبىقىسىنىڭ تاۋلىنىشىنى، ئاۋانگارتلار توپىنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قۇرۇلما نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بولسا، زىيالىيلىق شەخسنىڭ كۆپ قىرلىق بىلىمگە ئىگە بولۇشى، يۈكسەك ئىلمى ساپا يېتىلدۈرۈشى، يوللۇق تەنقىدىي مۇلاھىزىلەرگە، ئىجتىمائىي ئاكتىپچانلىق روھىغا ئىگە بولۇشى بىلەن پۈتۈپ چىقىدۇ. بۇ نۇقتىلار ئاساسىدا قارىغان ۋاقىتتا، پىكىرلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان، ياكى پىكىر ئەندىزىسىدە ئەنئەنىۋىيلىكتىن ھالقىيالمىغان، تەقلىدچىلىكتىن باش كۆتۈرەلمىگەن بىلىم ئىگىلىرىنى ھەقىقى زىيالىي سانىغىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا، جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى ئەمەس، ئۆزىنىڭ شەخسى دۇچ كەلگەنلىرىنى جەمئىيەتلەشتۈرۈپ تەنقىدلەشنى ئادەت قىلىۋالغان يازارلارنىمۇ، ھېسسى دەۋالىرىنى ۋەيا شەخسى مەنپەئەتلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئۇنى مىللىي ياكى دىنىي بوياقلار بىلەن پەردازلاش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئاغزىغا قارىتىۋاتقان سۆزمەنلەرنىمۇ، دەۋەتچىلەرنىمۇ زىيالىي قاتارى سانىغىلى بولمايدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە، نەچچە ئون يىللاپ بىرەر ساھەدە ئوقۇسىمۇ ئۇنىڭدا ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەت مەسىلىلىرىگە قارىتا بىرەر تەدبىر، ياكى نەزەرىيە، ياكى بىرەر مۇستەقىل قاراش شەكىللەندۈرەلمىگەنلەرنى، ئەنئەنىلىشىپ كەتكەن تۇرغۇنلۇقتىن ھالقىيالمايدىغانلارنى، بەلكى، ئۆز جەمئىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىلىملەر ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئوقۇشلار بىلەن مەشغۇل ياشاۋاتقانلارنى، “زىيالىي” دەپ خىتاب قىلغىلى بولمايدۇ. مەشھۇر غەرب پەيلاسوپى سارتىر زىيالىيلار ھەققىدە توختىلىپ يازغان مەشھۇر ئەسىرىدە زىيالىيلىقنىڭ نام-ئاتاق قوغلىشىش بىلەن، ياكى ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا زورۇقۇشى بىلەن بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى، زىيالىيلىقنىڭ ئۆز جەمئىيىتىگە ئەمەلىي خىزمەت سۇنۇش بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۇ شۇنداق يازىدۇ: “بىر زىيالىي ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆزىنى “زىيالىي” سۈپىتىدىن بوشىتىشى، زىيالىي دەپ كىرگۈزۈۋالغان ئاشۇ بىچارە ئاڭدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشى لازىم. ھەقىقى زىيالىي ئۆزى ئۆگەنگەن ئومۇم نەزەرىيە ۋە ئاممىباب بىلىملەردىن سۈزۈپ ئالالىغانكى جەۋھەرلەرنى بىۋاستە خەلقنىڭ خىزمىتىگە سۇنالايدىغان شەخس بولىشى لازىم. زىيالىيلار رېئاللىقتا ئاۋامغا مۇناسىپ دەپ قارالغاننى قانداق قىلىپ ئاممىباب چۈشەندۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىشى كېرەك.”

شۇنداق، زىيالىيلىق ئۇنۋان بىلەن ئەمەس، ئەمەلىي پايدىلىق خىزمەتلەرنى سۇنالىغان ياكى سۇنالمىغانلىق بىلەن ئۆلچىنىشى لازىم. ئېھتىمال زىيالىي ئادەتتىكى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەنلەر ئارىسىدىن يېتىشىپ چىقىشى، ياكى يۇقىرى دەرېجىلىك ئىلمى ئۇنۋان ئالغان شەخسلەر ئىچىدىن چىقىپ قىلىشى ۋەياكى جەمئىيەتتىكى ئاددىي ئاۋام ئارىسىدىن چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىسى مۇئەييەنكى، قايسى تەبىقە، قايسى ساھە بولىشىدىن قەتئىينەزەر؛ شۇ ساھە ۋە شۇ تەبىقىدىن مۇنەۋۋەر زىيالىيلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى تامامەن مۇمكىن. مۇھىمى زىيالىيلىق ئاتىقىدىكى كىشىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئەمەس، بەلكى، زىيالىيلىق ئوبرازىغا مۇناسىپ ئاۋانگارتلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىدۇ. مەشھۇر زىيالىيلاردىن دوكتور ئەلى ئەلۋەردىي زىيالىيلار بىلەن ئۇقۇمۇشلۇقلار ئارىسىنى، ھەمدە ھەر ساھە مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن ۋە مائارىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئوتتۇرسىنى پەرقلەندۈرگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۇ مۇنۇلارنى يازىدۇ: «بىز بۇ مەسىلىدە مائارىپ تەربىيىسى ئالغانلار بىلەن زىيالىيلار ئارىسىنى پەرقلەندۈرىشىمىز كېرەك. مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەنلەر تۈرلۈك بىلىملەردىن تەلىم ئېلىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆگەنگەنلىرى ئۇلارنى بالىلىقىدىن تارتىپ كۆنۈكۈپ كەتكەن پىكىرى رامكا دائىرىسىدىن ھالقىتالمىغان بولغاچقا، بىلىمى ئاشقانسېرى مۇتەئەسسىپلىكىمۇ، نەزەر دائىرسىنىڭ تارىيىشىمۇ كۈچىيىپ ماڭىدۇ. ئۇنداقلار بىرەر مەسىلىدە بىرەر قاراشقا ياكى بىرەر مەزھەپنىڭ پىكرىگە باغلىنىپ قالدىمۇ بولدى، ئۇ ئاشۇ قاراشلىرىنى قوللايدىغان ئۇچۇر-مەلۇماتلار ئارقىسىدىن چىپىپلا يۈرىدۇ ۋە بۇ يولدا كۆرەش قىلىش ئۈچۈن قىززىپلا تۇرىدۇ. زىيالىيغا كەلسەك، ئۇ ئۇز قارىشىدا سوغۇققان بولۇش بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرغاندىن سىرت ھەر قانداق يېڭى پىكىر بىلەن ئۇچرىشىشقا، ئۇ ھەقتە ئويلىنىپ مەسىلىنىڭ ئەڭ توغرا تەرىپىگە قانائەت كەلتۈرۈشكە تەييار تۇرىدۇ. ئەپسۇسلاندۇردىغىنى شۇكى، بىزدە ئوقۇغانلار كۆپىيىپ، زىيالىيلار ئازلاپ مېڭىۋاتىدۇ.”

زىيالىيلىق ئەنە شۇنداق پاراسەت، ئىستېدات، ئاكتىپچانلىق ۋە ئەمەلىيەتچانلىق تەلەپ قىلىدۇ. زىيالىلىيلىق ئەنە شۇنداق بىلىم ۋە ساپا تەلەپ قىلىدۇ. زىيالىيلىق ئەنە شۇنداق پىداكارلىق، مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدۇ. ئويلايمەنكى، زىيالىي دەپ تونۇلىۋاتقان ياكى ئۆزلىرىنى زىيالىيلىق ئاتىقىغا لايىق كۆرۈۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ ئۆزى بىلەن يېڭىۋاشتىن تونۇشۇپ چىقىدىغان، ئۆزىنىڭ رولىنى قايتىدىن دەڭسەپ كۆرىدىغان، جەمئىيىتى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى بىلەن تۈزۈكچە تونۇشۇپ چىقىدىغان ۋاقتى كەلدى. تونۇش ۋە ھەل قىلىشنى ئاۋۋال ئۆزىدىن باشلىماي تۇرۇپ جەمئىيەت ئالدىدا زىيالىيلىق سەھنىسىدىن ئورۇن تۇتۇشقا ئۇرۇنۇش قاراملىقتىن باشقا ئەمەس. قارىسىغا قىلىنغان قاراملىق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. مەغلۇبىيەتلەر چوقۇمكى، پاجىئە تۇغدۇرماي قالمايدۇ. پاجىئەلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە مەنبەسى ۋە سەۋەبى ئۈستىدە توختالماي، تەكشۈرۈش ۋە ئىسلاھات ئىلىپ  بارماي تۇرۇپ ھېچ نەرسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

نۆۋەتتە “زىيالىيلار” دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ توپلۇمدا ھەل قىلىشقا، ئىسلاھات قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلەر كۆپ ۋە ئىنتايىن تەخىرسىزلەشمەكتە. تەنقىدلەشنى بىلىدىغان، ئەمما تەنقىدلىنىشتىن بىئارام بولىدىغان، ئەخلاق ئېڭىدىن سۆزلەيدىغان، ئەمما ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈك ۋۇجۇدىنى چىرماپ قان قىلىۋەتسىمۇ لەپ ئېتىپ قاراپ سالمايدىغان مەنىۋىي ئىللەتلەر ئومۇم جەمئىيەت قاتلىمىغا ئاللىبۇرۇن سىڭىپ كىرىپ بولدى. “زىيالىي” دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ توپلۇمدا بۇخىل ئىللەتلەرنىڭ يۇقىشىغا ھەسسە قوشۇۋاتقانلار خىلى سالماقنى ئىگىلىمەكتە. ئىلمى قۇرۇلما بىلەن ئەخلاقى ساپا ئوتتۇرسىدىكى ئۆز ئارا ئۇيۇشماسلىق ھادىسىسى بۇ توپلۇمنىڭ ئاۋام ئېڭىدىكى ئوبرازىنى، تەسىرچانلىقىنى پۈتۈنلەي پالەچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويماقتا. ئەڭ ئېچىنارلىقى شۇكى، بىر تۈركۈم زىيالىي ئاتلىقلار بۇ مىللەتنىڭ ئۆز زىيالىيلىرى تۇرۇپ ئۆز كۈلتۈرىنى يات كۈلتۈر ئىگىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن قوبۇل قىلماقتا ھەمدە بۇنىڭدىن مەپتۇن قېلىشماقتا. مەسىلىلەرگىمۇ شۇ بويىچە دىئاگنۇز قويۇشماقتا. مانا بۇ ئاۋامنى يېتەكلەشتىكى مەغلۇبىيەتنىڭ ئەڭ تىپىك ئامىللىرىدىن بىرى. تۈزەش ۋە ئىسلاھ قىلىش دېگەنلىك ھەرگىزمۇ نوقۇل بارىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىپ يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىش دېگەنلىك ئەمەس. بەلكىم بۇ خىل تەرەپلەرنى ئاڭقىرىش ۋە چۈشىنىپ يېتىش بىزنىڭ بۆلىنىش ۋە كېلەچەكتە پارچە-پارچە ھالغا كېلىپ يەم بولىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۇنجى قەدىمىمىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. پىكىر ئىگىلىرى ئارىسىدا مەسىلىلەردە قاراش ئوخشاشماسلىقى بولۇش زۆرۆرىيىتىنى خۇددى تارتىش كۈچى قانۇنىيىتىنى ھەقىقەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلماي تۇرۇپ، مەسىلىلەردە كۆڭۈلنى راھەت تۇتقان ھالدا ئىلمى دىئالوگ قۇرالايدىغان ساپا يېتىلدۈرمەي تۇرۇپ جەمئىيەتكە ئىجابىي خىزمەت سۇنۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەقەت شېرىن خىيال خالاس! ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، پەرقلىق ئېدىلوگىيەلەرنىڭمۇ ئۆز ئارا ئورتاقلىققا ئىگە قىممەت قاراشلىرى بولىدۇ. ئورتاق نۇقتىلاردا ھەمكارلىق قۇرماي تۇرۇپ ئورتاقسىزلىقلار ئۈستىدە تىركىشىش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس. ئورتاق تەرەپلەردە ئورتاقلىق ھاسىل قىلىش، ئورتاقلىق ھاسىل قىلالمىغان تەرەپلەردە ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، ئۆز ئارا ئورتاقلىققا ئىگە قىممەتلەرنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن ھەر تەرەپ سەمىمى كۈچ چىقىرىشقا بەل باغلىشى نۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىز تەقەززالىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. زىيالىيلار توپى ئۆزىنى ئۆزى بەزلەشنى ياكى ئۆزىنى ئۆزى خۇش ئېتىدىغان قايناملاردا كەيىپ قىلىشنى داۋام قىلىشتا بەس قىلىشى كېرەك. مەن زىيالىيلىقتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ۋە شەرەپلىك مەسئۇلىيەتنىڭ كەلگۈسىمىز ۋە كېلەچەك ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن پەخىرلىنىدىغان ئارتۇقچىلىقلىرىمىز قاتارىدا تىلغا ئېلىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەنكى، ئۆتمۈشتىكى ئاپپاق غوجا مىسالى تراگېدىيەلەرنىڭ باش جاۋابكارى، پېرسوناژلىرى سۈپىتىدە ياد ئېتىلىشىگە، ياكى باشقىلار تەرىپىدىن يات ئەتتۈرىلىدىغان بىر مىللەتنىڭ ئەجدادىغا ئايلىنىپ قېلىشقا رازى ئەمەسمەن.

مەنبە: ئەقىدە مۇنبىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى