زۇلپىقار بارات ئۆزباش

ئورنى Wikipedia
زۇلپىقار بارات ئۆزباش
ھازىرقى ئورنىجازا لاگېرى
مىللىتىئۇيغۇر
مائارىپ سەۋىيىسىئالىي مەكتەپ
ئەسەر(لىرى)«جەمئىيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ؟»، «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»، «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» (تۆت قىسىم)، «جانغا ئەسقاتىدىغان سەرخۇش ئىنگىلىزتىلى گرامماتىكىسى»

«جان قوزام» (تەرجىمە، ئامېرىكا نېگىر يازغۇچىسى تونى موررىسوننىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مەشھۇر ئەسىرى)

«مۇسۇلمانلارنىڭ ئاخىرەتلىكى» ...
ئىلمىي ئۇنۋانىدوكتور
خىزمىتىجەمئىيەتشۇناس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى

زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنىڭ دوكتور ئاسپرانتى. 1975- يىلى ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1992- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ تەرجىمە باشقارمىسىدا تەرجىمان، سابىق «شىنجاڭ باج ئىشلىرى» ژۇرنىلىدا تەھرىر ۋە مەزكۇر ئىدارىنىڭ «باج كادىرلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ئەدەبىي تەرجىمىگە 1992- يىلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىن باشلاپ كىرىشكەن بولۇپ، جۇڭگۇ ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى كۆپلىگەن داڭلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ماھارىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن. ئۇ تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەرنىڭ تىلى ئىنتايىن راۋان، يېقىشلىق، پاساھەتلىك، چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئوقۇغان كىشىگە ئانا تىلدا يېزىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇ ئەدەبىي تەرجىمىنى دەسلەپتە خەنزۇ ئەدەبىياتىدىن باشلىغان بولۇپ، «تۇخۇمەك دەرىخى ئاستىدا»، «سېسىق پايپاق مودا بولغان شەھەر» قاتارلىق ساتېرىك تەرجىمە ھېكايىلىرى ھەر قايسى گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. 1998- يىلىدىن باشلاپ ئىنگلىز تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە باشلىغان، 2001- يىلى «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» تەربىيەلەش مەركىزىنى قۇرۇپ، ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان. «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» دەرسلىكى(تۆت قىسىم) ۋە «جانغا ئەسقاتىدىغان سەرخۇش ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى» قاتارلىق بىر يۈرۈش دەرسلىكلەرنى تۈزگەن. ئۆزگىچە ئوقۇتۇش مېتودى، ئەتراپلىق بىلىم قۇرۇلمسى ۋە ئۆزگىچە مېتودتا تۈزۈلگەن «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» ناملىق دەرسلىك كىتابلىرى بىلەن كەڭ تىل ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 2007- يىلى «فورد خەلقئارالىق ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنگە قەدەر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. 2009- يىلى 12- ئايدا ئايدا جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپى بويىچە ماگستېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ھازىر ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە تولۇق سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ.

زۇلپىقار باراتنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدە ئىشلىگەن ئەمگەكلىرى

1. «مۇسۇلمانلارنىڭ ئاخىرەتلىكى»(2- تومى)، ئاپتورى: خودا؛ 2.«ئۆلۈم كۆلەڭگىسى»، رومان، ئاپتورى مىچىل زۇھا، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئۇلاپ ئېلان قىلىنغان. 3.«ۋاپا ۋە قىساس»، رومان (بالىلار ئۈچۈن يېزىلغان نۇسخسى)، ئاپتورى: ئالېساندىر ديۇما (فىرانسىيە)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2001- يىلى نەشر قىلىنغان؛ 4.«پولكوۋنىكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ»، ئاپتورى: گارسىيا ماركۇز، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان؛ 5.«ئالدىنئالا پۇر كەتكەن قاتىللىق ۋەقەسى» ئاپتورى: گارسىيا ماركۇز، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان، كېيىن «چەت ئەل مەشھۇر پوۋېستلىرى مەجمۇئەسى» دېگەن نامدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىنغان؛ 6. «تۇنجى مۇھەببەت»(پوۋېست)، ئاپتورى: تۇرگىنېف، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان؛ 7.«يوقالغان ئارال»(پوۋېست)، ئاپتورى: مارگارېت مىچېل، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان؛ 8.«يەر ئاستى يولى» (پوۋېست)، ئاپتورى: ئېرنىست سارۋاتو، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان؛ 9.« ئاجايىپ مەخپىيەت» (پوۋېست)، ئاپتورى: ستېفان زۋىگ، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان، كېيىن «چەت ئەل مەشھۇر پوۋېستلىرى مەجمۇئەسى» دېگەن نامدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىنغان؛ 10.«باسكال دۇئارت ئائىلىسى»(پوۋېست)، ئاپتورى: سېلا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە: «ھاۋادىكى يول»(ئاپتورى: پاستېرناك)، «كۈز يامغۇرى»، (ئاپتورى: كاۋاباتا ياسۇنارى) قاتارلىق كۆپلىگەن چەت ئەل ھېكايىلىرى ۋە جىبران خەلىل جىبراننىڭ بىر قىسىم نەسىرلىرىنى خەنزۇچىدىن؛ «ئەرەب بازىرى»(ئاپتورى: جامېس جويس)، «مۇشتۇمزور»(ئاپتورى: ھېمىڭۋاي) قاتارلىق مەشھۇر ھېكايىلەرنى ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغان. «نېتىزى» ۋە «سارتېرى» قاتارلىق پەلسەپىۋى كىتابلارنىڭ ئىنگلىزچە- ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلغان (بۇ كىتابلار 2000- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان). شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «ئىقتىساد گېزىتى» دە جۇڭگۇنىڭ نۇرغۇن ھېكايىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» يەنە ئۇنى «بىر سائەت ئىچىدە بولغان ۋەقە»(ئاپتورى: كات چوپىن) ناملىق تەرجىمە ھېكايىسى بىلەن قوشۇپ، ئەدەبىي تەرجىمە جەھەتتىكى تالانتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ سۈرەتلىك تونۇشتۇرغان. زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكتىن باشقا يەنە ئەدەبىي ئىجادىيەت، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى، نۇتۇقشۇناسلىق، ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق ئوخشىمىغان ساھەلەردە كۆپ قىرلىق ئىقتىدار يېتىلدۈرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ ساھەلەردە بىر مۇنچىلىغان نەتجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتورنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك، ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشى، تەتقىقاتى ھەم جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك. 2007- يىلىدىن بۇيان ئۇ جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن يېزىلغان «ياغلىق قاپاق ۋە بۇلغانغان كىملىك»، «بەدەن، مودا ۋە كىملىك»، «شەھەرلىشىش ۋە كىملىك كرىزىسى»، «مۈجمەل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىك»، «ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىلىرى»، «بىز قانداق چاكىنىلىشىمىز» قاتارلىق بىر قاتار ماقالىلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ئۇ ھازىر ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ ھەم شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ «شەرق – غەرب تەتقىقات مەركىزى» دە دوكتور ئاسپىرانت سالاھىيىتى بىلەن ئوقۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.