زەربىدار ئايروپىلان

ئورنى Wikipedia

زەربىدار ئايروپىلان ھاۋادا يېقىن ئارىلىقتىن ياردەم بېرىدىغان، يەر يۈزىدىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان تاكتىكىلىق ھۇجۇم تىپىدىكى ئايروپىلان بولغاچقا، ھۇجۇمچى ئايروپىلان دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :زەربىدار ئايروپىلان


چەتئەلچە نامى :attacker, attack plane

ئىقتىدارى[تەھرىرلەش]

8پارچەزەربىدار ئايروپىلانزەربىدار ئايروپىلاننىڭ تۆۋەن بوشلۇق، زىيادە تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش ئىقتىدارى ياخشى بولغاچقا، يەر يۈزىدىكى كىچىكرەك نىشانلارنى توغرا پەرقلەندۈرەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلالايدۇ. بۇ خىل ئايروپىلان كۆپ خىل ياراغلارنى ئېلىپ ماڭغاچقا، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى كۈچلۈك، مۇھىم قىسىملىرىدىن، مەسىلەن، ئۇچقۇچى بۆلمىسى، ماتور قىسىملىرىدا برونلاشقان مۇھاپىزەت بولغاچقا، كىچىك كالىبىرلىق ھاۋا مۇداپىئە ياراغلىرىغا تاقابىل تۇرالايدۇ. بەزى زەربىدار ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش-قونۇش ئىقتىدارىمۇ ياخشى بولۇپ، ئۇچۇش-قونۇشىغا لازىملىق ئۇچۇش-قونۇش يولى مۇساپىسى بىرقەدەر قىسقا، 1200 مېتىر كېلىدىغان سېمونت ئۇچۇش يولى ياكى ئاددىي يوللاردىمۇ ئۇچۇپ قونالايدۇ.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • ئىقتىدارى
  • ئالاھىدىلىكى
  • تۈرلىرى
  • بومباردىمانچى ئايروپىلان بىلەن بولغان پەرقى
  • تەرەققىيات تارىخى
  • مەنبە
  • گاز پۈركۈش دەۋرى
  • 2 - ئەۋلاد ھۇجۇمچى ئايروپىلان
  • 3 - ئەۋلاد ھۇجۇمچى ئايروپىلان
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ئالاھىدىلىكى[تەھرىرلەش]

8پارچەزەربىدار ئايروپىلانزەربىدار ئايروپىلاننىڭ ئادەتتىكى سۈرئىتى سائىتىگە 700 −800 كىلومېتىر، بەزىلىرىنىڭ ئاۋاز سۈرئىتىدىن تېز؛ ئەڭ يۇقىرى ئۇچۇش ئېگىزلىكى 15 مىڭ مېتىر، ئەڭ يىراق مۇساپىسى 1500 كىلومېتىردىن 3000 كىلومېتىرغىچە. ئۇنىڭ مۇنداق ئىككى ئاساسىي ۋەزىپىسى بار. بىرى، تۆۋەن بوشلۇقتا ياكى زىيادە تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇپ، دۈشمەننىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۈشمەننىڭ ئوپېراتسىيە ئارقا سېپىگە ھۇجۇم قىلىدۇ؛ يەنە بىرى، قىسقا مۇساپىلىك ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، جەڭ مەيدانىغا يېقىن ھاۋا بوشلۇقىدا يەر يۈزىدىكى جەڭگە بىۋاسىتە ماسلىشىپ، دۈشمەننىڭ يەر يۈزى قىسىملىرى، ئوت كۈچى نۇقتىلىرى ھەم تانكا، برونېۋىك قاتارلىق نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلىدۇ ۋە ئوققا تۇتىدۇ. زەربىدار ئايروپىلان دېڭىز ئارمىيىسى ھاۋا ئارمىيە قىسمىنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم قورالى، ئۇ تورپېدا، ھاۋادىن پاراخوتقا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە تۈرلۈك بومبىلارنى ئېلىپ مېڭىپ، دۈشمەننىڭ دېڭىزدىكى پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىپ، ئۆز دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

تۈرلىرى[تەھرىرلەش]

8پارچەزەربىدار ئايروپىلانزەربىدار ئايروپىلاننىڭ ئۈچ خىل تۈرى بار: مەخسۇس يېقىن ئارىلىقتىكى ھاۋادىن ياردەم بېرىدىغان زەربىدار ئايروپىلان، مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ 10-A، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوۋېت-25، ئەنگلىيە، فرانسىيە بىرلىشىپ ياسىغان «ئامېرىكا قىتئەسى يولۋىسى»؛ قىسقا ئارىلىقتا تىك ئۇچۇپ-قونىدىغان ھۇجۇمچى ئايروپىلان، مەسىلەن، ئەنگلىيىنىڭ «قۇرغۇي» تىپلىق ھۇجۇمچى ئايروپىلانى؛ ياۋروپانىڭ مەشىق ھۇجۇمچى ئايروپىلانى، مەسىلەن، فرانسىيە، گېرمانىيە بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن «ئالفا رېئاكتىپ ئايروپىلان».

بومباردىمانچى ئايروپىلان بىلەن بولغان پەرقى[تەھرىرلەش]

8پارچەزەربىدار ئايروپىلان زەربىدار ئايروپىلان بىلەن قىرغۇچى بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ پەرقى شۇ يەردىكى، مۇداپىئەلىنىش ۋاسىتىسى ۋە ھاۋادا جەڭ قىلىش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ. زەربىدار ئايـروپـىلاننىڭ مۇداپىئەلىنىش، ئاساسلىقى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇش؛ بىرونە، قىرغۇچى بومباردىمانچى ئايروپىلان ئاساسلىقى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىغا تايىنىپ يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچۇش؛ زەربىدار ئايروپىلان، ئادەتتە ھاۋا ئۇرۇشىغا ئىشلىتىپ، قىرغۇچى بومباردىمانچى ئايروپىلان ھاۋادا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. زەربىدار ئايروپىلان، زەربىدارلىق بىلەن يەر يۈزى كىچىك ياكى ھەرىكەت نىشان، قىرغۇچى بومباردىمانچىنى ئىشلىتىشكە قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

تەرەققىيات تارىخى[تەھرىرلەش]

مەنبە[تەھرىرلەش]

ئەڭ بۇرۇنقى ھۇجۇمچى ئايروپىلان گرمانىيە يۇنكېر شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان يۇنكېر تىپلىق ئايروپىلان، ئۇ 1915-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇنجى قېتىم سىناق قىلىنغان. ئۇ بىر خىل ئاليۇمىن قېتىشمىلىق پوستى ۋە قوغدىغۇچى برونە بولغان قوش قاناتلىق ئايروپىلان، ئۇ ئەڭ ساپ مېتالدىن ياسالغان ئايروپىلان.

گاز پۈركۈش دەۋرى[تەھرىرلەش]

رېئاكتىپ ھۇجۇمچى ئايروپىلان قەدەم دەۋر ۋاقىتى سەل كېچىكىپ كۆرۈلگەن. دەسلەپكى دۇنياغا كەلگەن رېئاكتىپ ھۇجۇمچى ئايروپىلان ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى ئامېرىكىنىڭ A-4 بەلگىلىك پاراخوت ھۇجۇمچى ئايروپىلانى.

2 - ئەۋلاد ھۇجۇمچى ئايروپىلان[تەھرىرلەش]

20-ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى زەربىدار ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ، ئۇنىڭ ئورنىغا قىرغۇچى بومباردىمانچى ئايرۇپىلان چىقتى. 50 - يىللارنىڭ ئاخىرى، 60 - يىللارنىڭ باشلىرىدا، ئايروپىلان جەمەتىگە 2 - ئەۋلاد ھۇجۇمچى ئايروپىلان كىردى، ئۇنىڭ ۋەكىللىك تىپى ئامېرىكىنىڭ A-6 « تاجاۋۇزچى » ئايروپىلانى.

3 - ئەۋلاد ھۇجۇمچى ئايروپىلان[تەھرىرلەش]

ئۈچىنچى ئەۋلاد ھۇجۇمچى ئايروپىلان، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، ئامېرىكا ھۇجۇمچى ئايروپىلانى ۋە فىرانسىيە دۆلىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان « دەرىجىدىن تاشقىرى ئارمىيە بايرىقى ».

مەنبە:ئىزدە قامۇسى