زەكەر
زەكەر
(Penis) ئەركەكلىك كۆپىيىش ئەزاسى | |||||||
![]() | |||||||
|
زەكەر (لاتىن: Penis) ئەرلەر ۋە بەزى سۈت ئەمگۈچى ئەركەك ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ بىر قىسمى. ئىچىدە تۈۋرۈك ھالىتىدىكى ئۈچ تال بۇلۇتسىمان نەيچە، ئوتتۇرىسىدا سۈيدۈك يولى بولىدۇ.[1] ئۇيغۇر تىلىدا زەكەر يەنە قوپال تىلدا خايا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. زەكەر سۆزى ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەبچەدىن ئۆتكەن بولۇپ، «ذكر» ئەر، ئەركەك، ئەرەنچە ياكى ئەركەكلىك ئورگىنى دېگەن مەنىلەرگە كېلىدۇ. خايا (خايه\ χāye) سۆزلۈكى بولسا پارسچەدىن كىرگەن بولۇپ، ئوتتۇرا پارسچەدە تۇخۇم دېگەن مەنىدە، كۆچمە مەنىدە تاشاقنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن، ئۇيغۇر تىلىدا زەكەرنى كۆرسىتىدۇ.
ئەسلى ئۇيغۇرچەدە زەكەر سىك دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلۇغ تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىي دىۋانىدا «سىِكْ: ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسى.»[2] دەپ قەيت قىلغان. بۈگۈن ئۇيغۇر تىلىدا بۇ سۆز ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، تۈرك تىلىدا ھازىرمۇ ياشىماقتا.
زەكەرگە نۇرغۇن قان تومۇرلار جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۈچ قىسىمدىن مۇتەركىب يۇمىلاق قۇرۇلما، سۈيدۈك ۋە مەنىي (ئىسپىرما) ئاجرىتىش يولى بار. زەكەر غىدىقلانغاندا، تومۇرلار قانغا تولۇپ، قاتتىقلىشىش باسقۇچىغا كىرىدۇ. بۇ قوپۇش (قايىم بولۇش) دەپ ئاتىلىدۇ. مەنىينىڭ قوپقان زەكەردىن ھەيدىلىشى مەنىي چىقىرىش دەپ ئاتىلىدۇ.
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردا
[تەھرىرلەش]ئۆمىلىگۈچىلەر
[تەھرىرلەش]ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە تاشپاقا ۋە تىمساھ تاق زەكەرلىك بولىدۇ. كەسلەنچۈك ۋە يىلان قاتارلىق قاسراقلىقلار ئائىلىسى قوش قۇرۇلمىلىق بولۇپ، ھەمىپېنىس\يېرىم زەكەر (ئوڭ ھەمىپېنىس، سول ھېمىپېنىس) دەپ ئاتىلىدۇ. يىلان ھەمىپېنىسى خەلق ئىچىدە «پۇت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
سۈت ئەمگۈچىلەر
[تەھرىرلەش]كىتلەر
[تەھرىرلەش]
كىتلەرنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرى بەدەننىڭ ئىچىگە جايلاشقان. ئەركەك كىت (كىت ، دېلفىن ۋە توڭگۇزبېلىق) لەرنىڭ بىرى زەكەرىنى، يەنە بىرى مەقەتىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى يېرىقى بولىدۇ.[3] كىتلەر خۇددى قوش تىرناقلىقلارغا ئوخشاش يىغىلىشچان زەكەرگە ئىگە بولۇپ، زەكەرنىڭ ئۇچلۇق ئۇچى pars intrapraeputialis ياكى تېرمىنال كونۇسى دەپ ئاتىلىدۇ.[4] كۆك كىتلەر ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى 8 — 10 فۇت (2.4-3.0 مېتىر) لىق زەكىرى بىلەن ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى ئەڭ ئۇزۇن زەكەرگە ئىگە ھايۋاندۇر. ئەپسۇسكى، ئېنىق ئۇزۇنلۇققا ئېرىشىش تەس، چۈنكى قوپقان چاغدىكى ئۇزۇنلۇقىنى پەقەت سۇ ئاستىدا يۈز بەرگەن كۆپەيتىش جەريانىدا كۆرۈش مۇمكىندۇر. بالىنا كىتىنىڭ زەكەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.7 مېتىر (8.9 فۇت) غا يېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇرۇقداننىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 مېتىر (6.6 فۇت)، دىئامېتىرى 78 سانتىمېتىر (2.56 فۇت)، ئېغىرلىقى 525 قاداق (238 كىلوگرام) غا يېتىدۇ. كەڭ كالپۇكلۇق يۇنۇسلاردا ھەمجىنىسلىق قىلىقلىرى كۆرۈلىدۇ. يۇنۇس\دېلفىنلەر ئەركەكلىك ئەزالىرىنى بىر - بىرىگە سۈرتۈشىدۇ. بۇ جەرياندا، دېلفىنلار قورساق قورساققا ئۈزىدۇ. ئەركەك دېلفىن بەزىدە زەكەرىنى يەنە بىر دېلفىننىڭ جىنسىي يولىغا، بەزىدە مەقىتىگە تىقىدۇ.
پىل
[تەھرىرلەش]قۇرامىغا يەتكەن پىلنىڭ زەكىرى قۇرۇقلۇقتىكى ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭدۇر. پىل زەكىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 100 سانتىمېتىر (39 فۇت)، دىئامېتىرى 16 سانتىمېتىر (6 فۇت) غا يېتىدۇ. زەكەر تولۇق قوپقاندا، سۈيدۈك يولى Y شەكىل ھاسىل قىلىدۇ، زەكەر S شەكىللىك بولىدۇ. مەست\كۈيلەش مەزگىلىدە، ئەركەك پىللار زەكىرى خالتىسىدا تۇرۇپ سىيىپ، ئارقا پۇتىنى سۈيدۈك قىلىۋېتىدۇ. پىل زەكىرى ناھايىتى ھەرىكەتچان بولۇپ، داس بوشلۇقىدىن مۇستەقىل ھەرىكەتلىنەلەيدۇ.[5] زەكەر باشقا پىلغا كىرىشتىن بۇرۇن ئالدىغا ۋە يۇقىرىغا ئېگىلىدۇ.
ئىنسان
[تەھرىرلەش]ئاساسلىق ماقالە: ئىنسان زەكىرى
ئىنسان زەكىرى ئەرلەرنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان يېرىگە جايلاشقان جىنسىي ۋە كۆپىيىش ئەزا قۇرۇلمىسىدۇر. ئۇ يەنە سۈيدۈك يولى رولىنى ئوينايدۇ.
مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]- ↑ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، زەكەر ماددىسى.
- ↑ مەھمۇد كاشغەرىي، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، 1 - توم، ش ج خەلق نەشرىياتى، 1983، ئۈرۈمچى، 436 - بەت.
- ↑ William F. Perrin; Bernd Wursig; J. G.M. Thewissen (26 Febrary 2009). Encyclopedia of Marine Mammals. Academic Press. ISBN 978-0-08-091993-5
- ↑ American Institute of Biological Sciences (1977). Whales, Dolphins, and Porpoises. University of California Press. GGKEY:T3BKXB87GHT.
- ↑ Murray E. Fowler; Susan K. Mikota (2 Oct. 2006). Biology, Medicine, and Surgery of Elephants. John Wiley & Sons. ss. 353-. ISBN 978-0-8138-0676-1