زەيد ئىبنى سابىت

ئورنى Wikipedia

زەيد ئىبنى سابىت (زَيْدُ بنُ ثَابِتِ بنِ الضَّحَّاكِ بنِ زَيْدٍ الأَنْصَارِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: زەيد ئىبنى سابىت ئىبنى دەھھاك ئەلئەنسارىي (ئەبۇ سەئىد). (ھ. بۇرۇن 12 – ھ. 45 / م. 610 – 665) قىرائەت ۋە مىراس ئىلمىدە پېشۋا كاتتا ساھابە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەھىي كاتىبلىرىدىن بىرى. خەلىپە ئەبۇبەكرى ۋە خەلىپە ئوسمانلار ئۇنى «قۇرئان»نى جەملەپ كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈش بىلەن ۋەزىپىلەندۈرگەن.