سابىت ئىبنى قەيس

ئورنى Wikipedia

سابىت ئىبنى قەيس (ثَابِتُ بنُ قَيْسِ بنِ شَمَّاسِ بنِ زُهَيْرِ بنِ مَالِكٍ الأَنْصَارِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: سابىت ئىبنى قەيس ئىبنى شەمماس ئەلئەنسارىي ئەلخەزرەجىي (ئەبۇ ئابدۇرراھمان). (ھ. بۇرۇن ؟ – 12 / م. ؟ – 633) ئەنسارلارنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەتىبى. «ئۇھۇد غازىتى» ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان زات. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى زامانىدا «يەمامە جېڭى»دە ئەنسارلارنىڭ قوماندانى بولۇپ شەھىد قىلىنغان.