ساتىراشلىق

ئورنى Wikipedia

       خەلقىمىزدە بىرى –  بىرىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئادەت ئەزەلدىن بار. خەلقىمىزنىڭ ساتىراشلىق رىسالىسىدە  بايان قىلىنىشىچە: سالمانپاك دېگەن كىشى ساتىراشلارغا پىر  ئۇستاز بولغان، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بۇ كەسىپكە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى زامانىمىزغا يەتكۈزگەن.

     ئۇيغۇر ساتىراشلىق رىسالىسىدە مۇلازىمەت ئەخلاقى، كەسىپ قائىدىسى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىنغان:

      1. خېرىدار شاھ ياكى گاداي بولسۇن، ئوخشاشلا ھۆرمەت قىلىش، ھەرىكەتتە سىپايە، مۇئامىلىدە ئىللىق بولۇپ، چوڭلارنى  يۆلەپ، بالىلارنى كۆتۈرۈپ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇش؛

     2. ئىشنى ‹‹بىسمىللاھ›› بىلەن باشلاپ، پەرتۇقنى ئوڭدىن سول تەرەپكە تارتىش؛

    3. چاچنى ئاۋۋال قۇرۇق ئۇۋۇلاپ، باش نېرۋىلىرىنى ئويغىتىش، ئاندىن چاچنى ھۆللەپ يۇمشىتىش؛  

    4. ئۇستىرا، پەرتۇق، لۆڭگىلەرنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، تاز ۋە چاقا چىققان باشلارغا ئىشلىتىلگەن ئۇستىرىنى ئايرىم قىلىش، بىر كىشىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ بولۇپلا ئۇستىرىنى كۆكتاش، زەمچە سۈيىدە دېزىنفېكسىيە قىلىش، لۆڭگە، پەرتۇقنى قايناق سۇغا بېسىش، كاسىپ قولىنى سوپۇن ۋە كۆكتاش سۈيى بىلەن يۇيۇش؛

     5. ئۇستىرىنى باشنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن تۆۋەن(چاچنىڭ يېتىشىغا)گە قارىتىپ سېلىش، چاچ، ساقال  –  بۇرۇتلارنى قائىدە بويىچە ئېلىش، قۇلاق، بۇرۇن، مەڭزىدىكى مويلارنى قالدۇرماسلىق؛

    6. چاچ چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، باشنى سىلىق ئۇۋۇلاپ، باش، بويۇننى سىلكىپ قاس چىقىرىپ، چېكە ۋە قوشۇمىنى چىمدىپ، ئانا تومۇرلارنى ئويغىتىش؛

    7. ئىككى قول، تاغاق، دۈمبىلەرنى ئۇۋۇلاش، بارماقلاردىن قاس چىقىرىش ئارقىلىق بەدەننى يەڭگىللىتىش ھەم چاچ چۈشۈرتكۈزگۈچىنى ئەينەكتە كۆرسىتىپ، ئۇ رازى بولغاندىن كېيىن پەرتۇقنى سول تەرەپتىن سىلىق يىغىشتۇرۇۋېلىپ، خېرىدارنىڭ باش كىيىمىنى كىيدۈرۈپ، چاپان – كۆڭلەكلىرىنىڭ ياقىلىرىنى تۈزەپ، ياشانغانلارنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، بالىلارنى ئورۇندۇقتىن كۆتۈرۈپ چۈشۈرۈپ ئۇزىتىش ۋە قايتا كېلىشكە دەۋەت قىلىش؛

    8. كاسىپ دۇكاننى ساتىراشخانىلا ئەمەس، مەرىپەتخانە ياكى مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدەك باشقۇرۇشى( ئىلگىرى ساتىراشخانىلىرىمىزنىڭ ھەرقاندىقىدا بىر يۈرۈش چالغۇ بولىدىغان، خېرىدارلار نۆۋەت كۈتكەچ، ئارام ئالغاچ نەغمە  –  ناۋا قىلىدىغان ياكى ئاڭلايدىغان، ھازىر ئۇنىڭ ئورنىنى ئۈنئالغۇ، تېلېۋىزور ئىگىلىدى)، خېرىدارلارغا جەمئىيەتتىكى ياخشى ئىشلارنىڭ نەمۇنىلىرى، يامان ئىشلارنىڭ زىيانلىرىنى تەشۋىق قىلىشى، تەربىيىۋى ھېكايە  –  چۆچەكلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق كىشىلەرنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىشى لازىم.

     رىسالىدە 41 ماددىلىق كەسىپ قائىدىسى سۆزلەنگەن بولۇپ، ساتىراشلىرىمىز ئۇنىڭغا سەمىمىي ئەمەل قىلىدۇ.

     ساتىراشلىرىمىز نوقۇل چاچ چۈشۈرگۈچى، ساقال ئالغۇچىلا بولماستىن، ئۇلار يەنە بەزى كېسەللەرنى داۋالىغۇچى ‹‹تېۋىپ›› بولغان. ئۇلار تومۇر تۇتۇش، ئۇۋۇلاش، چىمدىش، قان ئېلىش، ئۆسمىلەرنى خاراكتېرىگە قاراپ كېسىش(ئوپېراتسىيە قىلىش)، سۆگەل قاتارلىقلارنى ئات قىلى بىلەن بوغۇپ ياكى ئىسرىقدان كۈلى بىلەن كۆيدۈرۈپ چۈشۈرۈش، كۆيدۈرگۈنى داغلاپ(كۆيدۈرۈپ) داۋالاش، ئەسۋە(ئىلغا) كېسىلىنى پىياز بىلەن سىركىنى سۈرتۈپ ياكى يىڭنە بىلەن ئىلىش ۋە ياكى تۇچ ياماق سۈركەپ قايتۇرۇش، چىش ئاغىرىقىنى كۆيدۈرۈلگەن نۆشۈدۈر بىلەن جىگەر كاۋىپىنى چىشلىتىپ ئاغرىق پەسەيتىش، چىش تارتىش، ھەرخىل چاقا، تەمرەتكە، تاز، بالىلاردا بولىدىغان سۇلۇق چاقىلارنى داۋالاش ھەم سۈننەت (خەتنە) قىلىش، چېچەك چېكىش قاتارلىقلارنىمۇ ئۈنۈملۈك ئادا قىلىپ كەلگەن.

    ساتىراشلىق دۇكانلىرى يەنە خەلق ئارىسىدىكى داستان، قىسسە، ھېكايە  –  چۆچەكلەر ئېيتىلىدىغان ۋە  قىزىقارلىق لەتىپە  –  چاقچاقلار بولۇپ تۇرىدىغان، ھەرخىل يېڭى ئۇچۇرلار ئالماشتۇرۇلىدىغان مەيدان ھېسابلىناتتى. شۇ ۋەجىدىن چاچ  –  ساقال ئالدۇرمايدىغانلارمۇ ساتىراشخانىنىڭ دائىملىق چۆپقەتلىرى سۈپىتىدە بۇ جايغا كېلىپ ئولتۇرۇش ئادەتكە ئايلانغان. [1]

  1. ئاپتۇر:   بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار؛ مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى؛ ۋاقىت: 2009- 01- 23 13:17؛ مۇھەررىر : قـەيسەر؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-01/23/content_147314.htm