Jump to content

ساختا قۇياش

ئورنى Wikipedia
ساختا قۇياش

«ساختا قۇياش» لار ئومۇمەن ئاسماندىكى بۇجغۇر قات بۇلۇتقا ئەگىشىپ پەيدا بولغان. بۇجغۇر بۇلۇت يەر يۈزىدىن 6000 مېتىر ئېگىزلىككە چىققاندا، تېمپېراتۇرا ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ، بۇلۇت قاتلىمىدىكى پار تەركىبىنىڭ كۆپىنچىسى توڭلاپ ئالتە قىرلىق ئۇششاق مۇز كرىستالىغا ئايلىنىدۇ.

ئەگەرقۇياش نۇرى ئۇششاق مۇز كرىستالىنىڭ يان تەرىپىگە چۈشسە نۇر تالالىرىدا سۇنۇش كۆرۈلىدۇ. نۇر تالالىرى بىر قانچە قېتىم سۇنۇپ ئۆزگىرىش ياسىغانلىقتىن بۇجغۇر قات بۇلۇت قاتلىمىنىڭ ئوڭ-سول تەرەپلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئىككى قۇياش پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ قۇياش نۇرىنىڭ بۇلۇت قاتلىمىدىكى «ساختا قىياپىتى»، شۇڭا ئۇنى پەقەت «ساختا قۇياش» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بەزى چاغلاردا، قۇياش نۇرى مۇز كرىستالىغا چۈشكەندە، بەزى مۇز كرىستاللىرى ئالتە قىرلىق بولغاچقا، بۇ چاغدىكى قۇياش نۇرى خۇددى ئۈچ قىرلىق ئەينەكتىن ئۆتكەنگە ئوخشاش رەڭلەرگە ئاجرىلىپ چاقناپ تۇرغان رەڭلىك نۇر چەمبىرىكى ھاسىل قىلىپ، «ساختا قۇياش» نى قورشاپ تۇرىدۇ. بۇ خىل غەلىتە ئەھۋال دائىم ئۈچ قۇياشنىڭ بىرلا ۋاقىتتا پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ كۆرۈلىدۇ. بۇ ھال كىشىلەرنىڭ بۇ كۆرۈنۈشكە بولغان سىرلىق تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]