سارتېرىنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىكى

ئورنى Wikipedia

مەۋجۇدىيەتچىلىك دېگەن نېمە؟ بۇ سوئالغا ھازىرغا قەدەر بېرىلگەن جاۋابلار ھەرخىل. ئەمما ئۇقۇمغا بېرىلگەن تەبىرلەرنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ ئاساسلىق دائىرىسىنى بېكىتىش بىزنىڭ بۇ ئۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم. مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسى ھەققىدە بۇ پىكىرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغۇچىسى(سارتېرى)مۇ مەلۇم بىر ئېنىقلىما بەرمىگەن.[1]

مەۋجۇدىيەتچىلىك فىرانسىيەلىك يازغۇچى سارتېرى(Jean Paul Sartre) نىڭ 1946-يىلى فىرانسىيەدىكى بىر كۇلۇبتا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن تەرەققىي قىلغان پەلسەپە بولۇپ، سارتېرى ”مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر ئىنسانچىلىقتۇر“ دېگەن كىتابى ئارقىلىق مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسىنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ.

ئۇنداقتا مەۋجۇدىيەتچىلىك دېگەن زادى نېمە؟ پەلسەپە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر ئوبيېكتنىڭ ئۆزى ۋە مەۋجۇتلۇقى بار بولغان بولىدۇ . ئۆز-داۋاملىشىۋاتقان ئالاھىدىلىكلەرنىڭ يىغىندىسى دېمەكتۇر. مەۋجۇتلۇق دېگەنلىك دۇنيادا ئاكتىپ شەكىلدە بار بولۇش دېگەنلىكتىن ئىبارەت.[2]  بۇ ئېنىقلىمىدىن قارىغاندا، مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسى ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئاكتىپ شەكىلدە يارىتىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر پەلسەپە ئېقىمى بولۇپ چىقىدۇ. مەۋجۇدىيەتچىلىك مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆزدىن ئاۋۋال كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ دېگەنلىك، ئىنسان ئاۋۋال مەۋجۇت بولىدۇ ، ئاندىن كىيىن ئۇنداق ياكى مۇنداق بولىدۇ .[3] بۇ پىكىرنى يېشىپ چۈشەندۈرسەك، ئىنساننىڭ ماددىي بىر مەۋجۇتلۇقى بار. ئەمما، ئىنساندا ئۇنى ئىنسان قىلىپ تۇرىدىغان ۋە ئۇنى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان بىر كۈچ بولىدۇ . بۇ كۈچ ئىنساننىڭ قانداق بۇلىشىنى يارىتىدۇ. يەنى، ئىنساننىڭ قانداق ئىنسان بۇلىشىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن ، ئىنسان ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەش قابىلىيىتىگە ئىگە.

مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسى بىلەن ئېيتقاندا، ئىنسان ئاۋۋال بار بولغان بولىدۇ . ئاندىن ئۆزىنى قايتا يارىتىدۇ. بۇ دېگەنلىك، ئەڭ ئاۋۋال ئىنسان ماددىي شەكىلدە بار بولغاچقا ۋە ئاكتىپ شەكىلدە ئۆزىنى يارىتالايدىغان بولغاچقا، ياشاش ئارقىلىق ئۆزىنى قايتا يارىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى قايتا قۇرۇپ چىققان بولىدۇ . سارتېرىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، ئىنسان قانداق بولۇشنى پىلانلسا، شۇنداق بولىدۇ .[4] بۇ بايانلاردىن مەلۇمكى، مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسى ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئاكتىپ ۋە ئەركىن شەكىلدە يارىتىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ تۈزۈم-قانۇن، ئەخلاق، دىن ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ ئىنسان ھەرىكىتىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ.

مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى شۇ: شەخسچىلىككە ئۇرۇن بېرىش ، كىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھەرقانداق بىر پىكىر ئېقىمىغا تەۋە بولماسلىق، ھەرقانداق بىر ئېتىقاد سىستېمىسىنى يېتەرسىز كۆرۈش، كىتابخۇمارلىقنى، ھاياتنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق كېلەچەكتىكى پەلسەپەنى چوڭ كۆرۈش… مانا بۇلار مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ چىقىش نوقتىلىرىدۇر.[5]

مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسى ئۆز زامانىسىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان تەنقىدلەرگە دۇچ كەلگەن. سارتېرى 1946-يىلى بۇ پەلسەپەنىڭ ئىنسانچىل(گۇمانىست) پەلسەپە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋاقىتتا، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ پەلسەپەنىڭ ئىنسانچىلىققا قارشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. چۈنكى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ پەلسەپە بۇرژۇئازىيەنىڭ پەلسەپەسى ئىدى. بۇ پەلسەپە ئىنساننىڭ يالغۇزلۇقىنى تەشەببۇس قىلاتتى. بۇ پەلسەپە ئەخلاق ۋە دىننىڭ رولىنى ئىنكار قىلىدىغان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ كەلگۈسى ۋە ئاخىرقى دۇنياغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوق قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

خىرىستىيانلار سارتېرىنى تەڭرىنى تونۇماسلىق سەۋەبى بىلەن ماتېرىيالىست سۈپىتىدە ئەيىبلىگەن بولسا، كوممۇنىستلار ماتېرىيالىست بولمىغانلىقى بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.[6] خىرىستىيانلار ئىنساننىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى تەڭرى تەرىپىدىن يارىتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولغاچقا، سارتېرىنىڭ پەلسەپەسى ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىگە پۈتۈنلەي قارشى ئىدى. سارتېرى ئىنسانىڭ پۈتۈنلەي ئۆزى تەرىپىدىن يارىتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ سەۋەبتىن سارتېرىنىڭ پەلسەپەسى شەخسىيەتچىلىك ۋە يامانلىق(ئۈمىدسىزلىك)نى تەشۋىق قىلىش بىلەن دىندارلار تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

سارتېرى شەخسچىلىكىنى تەشەببۇس قىلغان بولغاچقا، كومېنىستلارغا نىسبەتەن ئېغىر زەربە ھېسابلانغان ئىدى. چۈنكى، كوممۇنىستلار ئېزىلگەن كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىشچىلار سىنىپىنى قۇرۇپ چىقىپ بۇرژۇئانى ئورتاق ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كوممۇنىستلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئورتاق مۈلۈكچىلىكىنى تەشەببۇس قىلغان بولغاچقا، سارتېرىنىڭ شەخسچى پەلسەپەسى بۇ قاراشقا پۈتۈنلەي قارشى ئىدى. شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي، سارتېرى رادىكال سولچى ئىدى ۋە ئۆزىنى ماركىسىزىمچىلارغا يېقىن ھېس قىلاتتى. چۈنكى ئۇ ئەينى دەۋردە ماركىسىزىمغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ سىياسىي ۋە ئەخلاقى بۇزۇقلىقىغا قارشى ئىدى.[7] دېمەككى، ئۇنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى ياۋرۇپا جەمئىيتىدە شەخسچىلىك كىلىپ چىقىشتىن ئىلگىرى ئەركىنلىكىنى بوغقۇچى بارلىق ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلارغا قارشى رادىكال شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

سارتېرى قورقۇنچاق كىشى ئۆزىنى قورقۇنچاق قىلىدۇ. قەھرىمان ئۆزىنى قەھرىمان قىلىدۇ، دەيدۇ.[8] بۇ مەنىدە، ئۇ ئىنساننىڭ ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئەركىن شەكىلدە يارىتالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. سارتېرى دېگەندەك ئىنسان قانداق بولىمەن، دېسە شۇنداق بولالامدۇ؟ بۇ سوئالغا كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان جاۋاب بېرىدىغانلىقى ئېنىق . زامانىۋى دۇنيا ئىنساننىڭ خالىغىنىنى قىلىشىغا ۋە قانداق كىشى بولىمەن دېسە، شۇنداق بولالىشىغا كۆپ ئىمكان بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىنسان ئەركىن بولىمەن دەپلا پۈتۈنلەي ھالدا ئەركىن بولالمايدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئېنىق .

سارتېرى يەنە ئىنسان تەبىئىي دېگەن نەرسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، ئەمما، ئومۇمىي ئىنسانلىق ھالىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ.[9] بۇ دېگەنلىك، سارتېرى ئىنسان ھەققىدىكى قېلىپلىشىپ قالغان بارلىق چۈشەنچە ۋە بىلىملەرنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ، ئىنسان ئۆزىنى ئەركىن يارىتىدىغان ۋە تاللاش ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، ئۇ ئىنسان تەبىئىتى ھەققىدە ئويلىنىپ ئولتۇرمايدۇ. سارتېرى ئوتتۇرىغا قويغان مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسى ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئۆزى يارىتىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولغاچقا، ئىنساننىڭ تارىخ، يىلتىز ۋە ئەنئەنە بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى ئۈزۈپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

سارتېرى يەنە ئىنساننىڭ پۈتۈنلەي ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ شۇنداق دەيدۇ“ ئىنسان ئەركىن بولۇشقا مەھكۇمدۇر، مەجبۇرىدۇر. ئەركىن بولۇشقا مەجبۇردۇر. چۈنكى، يارىتىلمىغان.[10] گەرچە سارتېرى ئىنساننىڭ پۈتۈنلەي ئەركىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ، ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى تىلغا ئالمايدۇ. ئەسلىدە، ئەركىنلىك شەخسىنىڭ ئۆزىگىلا مەنسۇپ نەرسە ئەمەس. ئەركىنلىك كۆپىنچە ھالدا باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . سارتېرى گەرچە ئەركىنلىكنىڭ باشقىلار ئەركىنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ، ئەمما بۇ مۇناسىۋەتنى مەنتىقسىز بىر شەكىلدە ئېچىپ بىرىدۇ. ئۇ، بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . ئەمما، بىز ئۆزىمىزگە ئەركىنلىك ئىزدىگەنلىكىمىز ئۈچۈن باشقىلارغىمۇ ئەركىنلىك ئىزدەش مەجبۇرىيتىدە قالىمىز، دەيدۇ.[11] ماڭا نىسبەتەن ، بىزنىڭ خالىغانچە تاماكا چېكىش ئەركىنلىكىمىز مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما، چەككەن تاماكىمىز ئارقىلىق باشقىلارنى زەھەرلىمەسلىك مەسئۇلىيىتىمىز بولىدۇ . بۇ سەۋەبتىن ئەركىنلىك پەقەت شەخسىنىڭ ئۆزى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك نەرسە بولماستىن، باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . ئەركىنلىك بۇ نۇقتىدا ئۆز ھەرىكىتىگە ۋە باشقىلارغا مەسئۇل بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . چۈنكى، ئىجتىمائىي دۇنيادا بىزنىڭ ھەرقانداق ئەركىن ھەرىكىتىمىزنىڭ باشقىلارغا تەسىرى بولىدۇ . بىز ئۆز ئەركىنلىكىمىز بار دەپ خالىغان يەردە يالىڭاچ يۈرەلمەيمىز. چۈنكى، يالىڭاچ يۈرۈش ئەركىنلىك بولسىمۇ، ئەمما، يالىڭاچ يۈرسەك يالىڭاچ كىشىلەرنى كۆرۈشنى خالىمايدىغان كىشىلەرنىڭ غۇرۇرىغا ۋە ئىززىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولىمىز. بۇ خۇددى يالىڭاچ يۈرۈيدىغانلار ئۇرىنىۋالغانلارنى كۆزىگە سىغدۇرالمىغىنىدەك بىر ئىش. بۇ نوقتىدا دېموكراتىيە دېگەن نەرسە ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان كىشىلەرنى كۆزىگە سىغدۇرۇش ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىش ئارقىلىق ئىرىشىلىدۇ. بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمىغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئاندىن جەمئىيەتتە ئىناقلىق ۋە دىموكراتىيە شەكىللەنگەن بۇلىدۇ.

يۇقىرىقى مىسالغا ئوخشاش، جەمئىيەتتە نۇرغۇن يەرلەردە شەخسىنىڭ قوپال ۋە ئىپتىدائىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەن بولىدۇ . چۈنكى، جەمئىيەت نوقۇل ھالدا بىر كىشىدىن تەركىب تاپمايدۇ. پەرقلىق ئىدىيە، چۈشەنچە ۋە قاراشقا ئىگە كىشىلەردىن تەركىب تاپىدۇ. يەنە مىسال ئالساق، ئىنساننىڭ ئاق چېكىش ئەركىنلىكى بار، دېگەندىمۇ بۇ ئەركىنلىك ئاتا-ئانىمىزنىڭ پۇلىنى بۇزۇپ چېچىش، باشقىلارغا كېسەل يۇقتۇرۇش، باشقىلارنى چۈشكۈنلەشتۈرۈش… قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ نۇقتىدا سارتېرى تەكىتلىگەن ئەركىنلىك مەسئۇلىيەتسىز ئەركىنلىك بولۇپ چىقىدۇ.

ماڭا نىسبەتەن ئەركىنلىك دىيالېكتىك مۇناسىۋەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك، مەلۇم بىر كىشىدە ئەركىنلىك بولمىغان ۋاقتىدىلا، باشقا بىر كىشىدە ئەركىنلىك شەكىللەنگەن بولىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم بىر ئاممىۋى ئاشخانىدا مەلۇم بىر كىشى مىنىڭ ئەركىنلىكىم، دەپ ۋاقىرالمايدۇ ياكى باشقىلار بىلەن سوقۇشالمايدۇ. ئەگەر بۇنداق ئىش يۈز بەرسە، باشقا كىشىلەرنىڭ تىنچ تاماق يېيىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولىدۇ. دېمەككى ، بىر كىشىنىڭ ئەركىنلىكىنى ئىككىنچى بىر كىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

سارتېرىنىڭ پىكىرلىرى قارىماققا كىشىنى جەلپ قىلىدىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما، ئۇ ئىنسان ۋە ئۇنى ھالى ھەققىدە تولىمۇ ئىدېئال پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ، ئۇنىڭ پىكىرلىرى تولىمۇ كۆپ تەنقىدلەرگە دۇچ كەلگەن.

تەنقىدلەرنى ئاساسلىقى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ . بىرىنچىسى، سارتىرىنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسىدە زىتلىق بار. ئىككىنچىسى، بۇ پەلسەپە، بىلىمگە، ھەقىقەتكە، تەدرىجىي تەرەققىياتقا ۋە دېتېرمىنىزم(决定论determinst)[12]غا ئارقىسىنى قىلغان. ئىنساننىڭ تارىخ، جەمئىيەت ۋە خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە سىياسىي ھەرىكەتتىن قاچقان. تېخىمۇ توغرىسى، مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسى ئىنساننى ئەقىلگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلىشتىن تۇغۇلما تۇيغۇ(instinct)غا ئەگىشىشكە چاقىرىدۇ. ئۈچىنچىسى، سارتېرىنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسى دىن ۋە ئەخلاقنىڭ تېشىدا.[13]

بۇ پەلسەپە شەخسچىلىكىنى، ئىندىۋىدۇئاللىقنى ۋە يارىتىشچانلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولغاچقا، شەخسىنىڭ جەمئىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. شەخسىنى ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغان جانلىق قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. شەخسىنىڭ كوللېكتىپ ، ئەنئەنە ۋە تارىخ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولماسلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شەخس پەقەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا تىرىشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ، بۇ پەلسەپە شەخسىيەتچى بىر ئىنسان تىپىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.

يەنە كېلىپ بۇ پەلسەپە ئەخلاق ۋە دىننى ئىنكار قىلىدىغان بولغاچقا، ئىنساننىڭ بارلىق بەختى ۋە خۇشاللىقىنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ قۇلىدا ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. سارتېرىغا نىسبەتەن ئومۇمىي بىر ئەخلاق يوقتۇر.[14] سارتېرى ئەخلاقنىڭ ئىنسان ھەرىكىتىگە بولغان يېتەكچىلىك رولىنى ئىنكار قىلغان بىلەن ئىنساننىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئارىسىدىكى چۈشەنچىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن نورمال ئىنسانىي پىكىر بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. ئەمما، سارتېرى ئىنساننىڭ ئۆزىنى يارىتىشچانلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە ئۆزى مەسئۇل بۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ.[15] ئۇ يەنە باشقىلار ئۈچۈن ياخشى بولمىغان نەرسىنىڭ بىز ئۈچۈنمۇ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى، ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ قانداق بۇلىشىنى تاللىغان ۋاقىتتا، باشقىلارنىڭ قانداق بۇلىشى كېرەكلىكىنىمۇ تاللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ.[16] بۇ پىكىر قارىماققا، ياخشىدەك كۆرۈنگەن بىلەن ئىجتىمائىي دۇنيادا شەخسىنىڭ تاللىشى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ . ئىنسان كۆپ خىل بولىدۇ . بىر كىشى ئۈچۈن ياخشى بولغان نەرسە باشقىلار ئۈچۈن ياخشى ھېسابلانمايدۇ. ئىجتىمائىي دۇنيادىكى كۆپ خىللىق ئىچىدىن ئۆزىگە ياخشى بولۇش ئارقىلىق باشقىلارغا ياخشى بولىدىغان ئىنسانلىق ھالىتىنى يارىتىش ئەمەلىيەتتە چېكىدىن ئاشقان ئىدىئالىزىمدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە سارتېرى ئىنساننىڭ ئۆزى بىلەنلا بۇلىدىغانلىقى ۋە ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولغاچقا، باشقىلارنىڭ قانداق بۇلىشى ۋە ياخشىلىقى ھەققىدە ئۆلچەم ۋە نىزام قويۇش بىر-بىرىگە زىتلىقتىن ئىبارەت. بۇنداق بولغاندا، سارتېرى ئۆزى تەشەببۇس قىلغان ئىنسان ئەركىنلىكى چۈشەنچىسىگە ئۆزى قارشى چىققان بولىدۇ .

جەمئىيەتشۇناسلىق باشلانغاندىن باشلاپ ئىنسان ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە نۇرغۇن تالاش-تارتىش ۋە نەزەرىيەلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. گەرچە جەمئىيەتشۇناسلار ئىنسان ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ھەرخىل پىكىرلەردە بۇلۇنسىمۇ، ئەمما، ئىنسان بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى يارىتىش، يارىلىش مەسىلىسى، ئەركىنلىك ۋە مەسئۇلىيەت مەسىلىسى، كەچمىش بىلەن كېلەچەك مەسىلىسى، تاللاش بىلەن تاللىنىش مەسىلىسى ھەققىدە سارتېرىدەك يېنىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويمىغان ئىدى. بىز قانچىلىك ئەركىن، بىز قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزىمىزنى يارىتالايمىز؟ بىز پۈتۈنلەي ئەركىن تاللاش ئېلىپ بارالمامدۇق؟ بىز بۈگۈنكى دۇنيادا جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت،دىن، ئەخلاق ۋە قانۇن دائىرىسىدىن چىقىپ ئەركىن ۋە ھۆر شەكىلدە ياشىيالامدۇق؟ دېگەنلەر سوئاللارنىڭ ئاددىي جاۋابى ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىدە مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.

_______________________________

[1] Jean Paul Sartre, 1996, Varoluşçuluk, 2015, yirmi beşinci baskısı, s.8

[2] Jean Paul Sartre, 1996, Varoluşçuluk, 2015, yirmi beşinci baskısı, s.7

[3]Jean Paul Sartre, 1996, Varoluşçuluk, 2015, yirmi beşinci baskısı, s. 8

[4] Jean Paul Sartre, 1996, Varoluşçuluk, 2015, yirmi beşinci baskısı, s.40

[5] Jean Paul Sartre, 1996, Varoluşçuluk, 2015, yirmi beşinci baskısı, s.9

[6] Jean Paul Sartre, 1996, Varoluşçuluk, 2015, yirmi beşinci baskısı, s.26

[7] George Ritzer, Encyclopedia of social theory, 2005, p.664, Sage Publications

[8] Jean Paul Sartre, 1996, Varoluşçuluk, 2015, yirmi beşinci baskısı, s.58

[9] Jean Paul Sartre, 1996, Varoluşçuluk, 2015, yirmi beşinci baskısı, s.61

[10] Jean Paul Sartre, 1996, Varoluşçuluk, 2015, yirmi beşinci baskısı, s.47

[11] Jean Paul Sartre, 1996, Varoluşçuluk, 2015, yirmi beşinci baskısı, s.69

[12] كەسكىنلىك، بىر ئىش ھەققىدە كىسىپ ھۆكۈم چىقىرىش

[13] Jean Paul Sartre, 1996, Varoluşçuluk, 2015, yirmi beşinci baskısı, s.15-16

[14] Jean Paul Sartre, 1996, Varoluşçuluk, 2015, yirmi beşinci baskısı, s.52

[15]Jean Paul Sartre, 1996, Varoluşçuluk, 2015, yirmi beşinci baskısı, s. 40

[16] Jean Paul Sartre, 1996, Varoluşçuluk, 2015, yirmi beşinci baskısı, s.41