سازاڭ (قۇرت)

ئورنى Wikipedia
سازاڭنىڭ ئادەتتككى ھالىتى

سازاڭ قۇرت (يېڭى يېزىق: Sazang Qurt) بوغۇم تەنلىك ھايۋان، تېنى يۇمشاق ۋە ئۇزۇن كېلىدۇ. 100 دىن ئارتۇق تەن بوغۇملىرىدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ سۆڭىكى بولمايدۇ. توپىنىڭ ئاستىدا يەنى نەم، قاراڭغۇ جايلاردا ياشايدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سازاڭ قۇرت
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ئولىگوخېتا سازاڭ قۇرت سىنىپى
ئېنگلىزچە Earthworm
ئاددى خەنچە 蚯蚓
تىپى بوغۇم تەنلىكلەر تىپى
تۈركۈمى ئارقا تۆشۈك ياچىۋەكلەر ئەترىتى
كەنجى تۈركۈمى يەككە يۆنىلىشلىك چېكەتكە كەنجى تۈركۈمى

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

سازاڭنىڭ بېشىنىڭ چۈشەنچە رەسىمى

سازاڭ قۇرت بوغۇم تەنلىك ھايۋان، تېنى يۇمشاق ۋە ئۇزۇن كېلىدۇ. 100 دىن ئارتۇق تەن بوغۇملىرىدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ سۆڭىكى بولمايدۇ. توپىنىڭ ئاستىدا يەنى نەم، قاراڭغۇ جايلاردا ياشايدۇ. بەدىنىنىڭ ئالدىنقى ئۇچىدا ئۇچلىنىپ چىققىنى ئېغىزى بۇلۇپ، سازاڭ قۇرت ئېغىزى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ ھەم توپىنى كولايدۇ.

باشقا ئالاھىدىلىكلەرى[تەھرىرلەش]

بەزىلەر سازاڭنىڭ كۆزى بار دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر سازاڭ بوغۇملۇق ھايۋان، شۇڭا ئۇنىڭدا كۆزدىن ئىبارەت بۇنداق مەخسۇس نۇر سەزگۈچى ئەزا يېتىلمىگەن دەيدۇ. ئۇنداقتا سازاڭنىڭ كۆزى زادى بارمۇ؟

ئۇماق قۇشلار سازاڭنى تۇتۇپ يېيىشنى ياقتۇردۇ.

زوئولوگلارنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، سازاڭ ئۇزۇن مەزگىل توپىنىڭ ئاستىدا ياشىغان بولغاچقا، باش قىسمى ئۆسۈشتىن توختاپ كىچىكلەپ كەتكەنىكەن، شۇڭا كۆزىمۇ بولمايدىكەن. گەرچە سازاڭنىڭ ھەقىقىي كۆزى بولمىسىمۇ، تېرىسىدىكى سەزگۈ ئەزاسى، ئېغىزىدىكى سەزگۈ ئەزاسى، نۇر سېزىش ئەزاسى ئارقىلىق ناھايىتى تېز ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

سازاڭنىڭ كۆرۈش سېزىمىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئالىملار مۇنداق تەجرىبە ئىشلىگەن: سازاڭنى نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان يەرگە قويغان، نەتىجىدە سازاڭ نۇر ئاجىز تەرەپكە قاراپ ئۆمىلىگەن. ئالىملار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، سازاڭنىڭ بەدىنىنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئەڭ ئىپتىدائىي، ئەڭ ئاددىي كۆزلەرگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان نۇر سەزگۈچى نۇرغۇن ھۈجەيرىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. نۇر سەزگۈچى بۇ ھۈجەيرىلەر نۇرنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىغا ناھايىتى سەزگۈر بولغاچقا، سازاڭ كۈچلۈك نۇرغا دۇچ كەلسىلا تەبىئىي ھالدا ئۆزىنى دالدىغا ئالىدىكەن.

قۇرغاق يەردە، تاش يۈزىدە ياشايدىغان سازاڭلار

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. تور دۇنياسى