سالمان ئەلفارسىي

ئورنى Wikipedia

سالمان ئەلفارسىي (سَلْمَانُ الْفَارِسِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: سالمان ئەلفارسىي (ئەبۇ ئابدۇللاھ) (ھ. بۇرۇن 44 – ھ. 36 / م. 578 – 656) ئەسل ئىسمى روزبە ئىبنى خۇشبۇزان بولۇپ، تېگى پارس مىللىتىدىن. مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى «سالمان ئىبنۇل ئىسلام (ئىسلام ئوغلى سالمان)» دەپ تونۇشتۇرغان مەشھۇر ساھابە. «خەندەك غازىتى» ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا، شۇنداقلا «ئىراق فەتھى»گە قاتناشقان زات.