ساليوت زەنجىرى
ساليوتنىڭ ئىچىگە ھەر خىل دورىلار سېلىنىدۇ . مەسىلەن ، كۆيدۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قارا مىلتىق دورىسى ۋە رەڭ ھاسىل قىلغۇچى خۇرۇچ قاتارلىقلار .
| ئۇيغۇرچە نامى |
ساليوت |
| چەتئەلچە نامى |
firecracker |
| تارقالغان رايون |
جۇڭگو |
|
| خەنزۇچە نامىى |
鞭炮 |
| باشقا نامى |
爆竹、爆竿、炮仗、编炮 |
| بايرام ۋاقتى |
باھار بايرىمى |
|
ساليوتتىن چىققان گۈزەل مەنزىرە(ۋاسىڭتون د س، 4 ئىيۇل مۇستەقىللىق بايرىمى)
ھەر قېتىملىق چوڭراق ھېيىت -بايراملاردا ، رەڭگارەڭ سالىيوت كېچە ئاسمىنىنى بېزەپ كېشىنى بەكمۇ جەلپ قىلدۇ . ئۇنداق بولسا ، سالىيوت نېمە ئۈچۈن بۇنداق جىق رەڭ چقىرىدۇ؟ ساليوتنىڭ ئىچىگە ھەر خىل دورىلار سېلىنىدۇ . مەسىلەن ، كۆيدۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قارا مىلتىق دورىسى ۋە رەڭ ھاسىل قىلغۇچى خۇرۇچ قاتارلىقلار . رەك ھاسىل قىلغۇچى خۇرۇچ ساليۇتىنىڭ ھەر خىل رەڭ چىقىرىشىنىڭ سەۋەبى . رەڭ ھاسىل قىلغۇچى خۇرۇچ ئاسالىقى بىر قىسىم مېتال تۇزلىرىدىن ئىبارەت . ئۇلار يۇقىرى تېمپۇراتۇرىدا رەڭگارەڭ نۇرلارنى چىقىرىدۇ . مەسىلەن ، بەزى مېتال تۇزلىرى سېرىق نۇر چىقىرىدۇ ، بەزىلەر يېشىل نۇر چىقىرىدۇ ، يەنە بەزىلىرى كۆك نۇر چىقىرىدۇ ، كىشلەر ئۇلارنىڭ بۇ خۇسۇسيىتىدىن پايدىلىنىپ ، ساليوت ئىچىگ ھەر خىل رەڭ چىقىرىدىغان رەڭ ھاسىل قىلغۇچ خۇرۇچلارنى سېلىپ ، چىرايلىق ساليوت ياسايدۇ .