ساھىبجامال دۆلەت

ئورنى Wikipedia
ساھىبجامال دۆلەت
مىللىتىئۇيغۇر

شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ، داڭلىق ئالىم ھەمدە ئۇيغۇرلاردىن چىققان بىردىنبىر داڭىق قازانغان ئايال ئالىم .

ساھىبجامال دۆلەت ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ساھىبجامال دۆلەت 1967-يىلى 10-ئايدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا تەبىئەت ھادىسلىرى ۋە فىزىكا ئىلمىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغانلىقى تۈپەيلى ئالي مەكتەپتە فىزىكىدا ئوقۇشنى تاللىدى، 1985-يىلى شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن جاپاغا چىداپ تىرشىپ ئۆگىنىپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشنى تاماملاپ 1990-يىلى تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن بىر تۇتاش ئېلىندىغان ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئمتىھانىغا قاتنىشىپ يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ نەزەرىيە فىزىكىسى كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا كىردى. 1995 -يىلى ئۇ ئىتالىيە خەلقئارا نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلار دەرىسلىگى بويىچە بىر يىل بىلىم ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈردى. 1998-يىلىدىن باشلاپ ئۇ يەنە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزى بىلەن گېرمانىيە بونن ئۇنىۋېرىستېتى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن دوكتورلۇق ئوقۇش نوقتىسىغا ئوقۇشىغا كىردى. ساھىبجامالنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇش جەريانىدىكى تېمىسى «كونفورمال مەيدان نەزەرىيىسىنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى» ئىدى. مەركىزى زەررەت c=2 بولغان كونفورمال مەيدان نەزەرىيىسىگە نىسبەتەن فىرانسىيىلىك داڭلىق فىزىكا ئالىمى دىجگىراف(R. Dijkgraaf)، ۋېرلىندى (Verlinde)ئاكا-ئۇكىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىدە بەزى پەرەزلەرنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ كىشىنى قايىل قىلىدىغان ھەل قىلىش ئۇسۇلى تېخىچە ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئىدى. ساھىبجامال ئىزچىل بوشاشماي تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سېستىمىنىڭ سىممىترىكلىك قانۇنىيتىنى تېپىپ چىقىش ئارقىلىق كونفورمال مەيدان نەزەرىيەسى تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مەركىزى زەررەت c=2بولغان كونفورمال مەيدان نەزەريىسىنى تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى» دىن ئىبارەت قىيىن مەسلىنى ھەل قىلدى، ھەم بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژورنال «يۇقىرى ئېنىرگىيە فىزىكا ژورنىلى» دا ئېلان قىلدى. ئارقىدىنلا يەنە « مەركىزى زەرەت c=3، N=2 بولغان ئولترا كونفورمال مەيدان نەزەرىيىسىنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى»دىن ئىبارەت دۇنيا نەزەرىيە فىزىكىسى ساھەسىدىكى ھەل قىلىش تەس بولغان يەنە بىر قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى. ئۇنىڭ ئىشلىگەن بۇ خىزمەتلىرى خەلقئارادا ئالدىنقى سەۋىيىدە بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسىسلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى. خەلقئارادىكى داڭلىق نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى ۋ. نام(W.Nahm) ئۆزىنىڭ باھالاش سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ:« بىرقىسىم ئالىملار بۇ نەزەرىيىۋى تۈرلەرنى تەتقىق قىلشقا ئۇرۇنۇپ باقتى. لېكىن مەسىلە ئويلىغىنىدىنمۇ بەكرەك مۇرەككەپ بولغىنى ئۈچۈن، ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولمىغان ئىدى. مانا ئەمدى ساھىبجامالنىڭ مۇۋەپپەققىيىتى بۇ مەسىلىنىڭ يېشىمىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈردى. چۈنكى، ئۇ يۈكسەك تىرىشچانلىقى بىلەن، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن تەتقىقات گۇرۇپپىلىرىنى قىزىقتۇرۇپ كەلگەن بۇ تۈگۈننى ئاخىرى يەشتى. ئۇنىڭ ماقالىسىنى تامامەن مۇنەۋۋەر باھالاشقا بولىدۇ. ساھىبجامال ھازىر دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئېلىش سالاھىيىتىنى تولۇق ھازىرلىدى ». پروففېسسور نىللېسمۇ ساھىبجامالنىڭ ماقالىسىنى باھالاپ مۇنداق تەكىتلەيدۇ :« ساھىبجامال ئۆز ماقالىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ فىزىكاشۇناسقا خاس پەزىلىتىنى ئىسپاتلىدى. بولۇپمۇ، ئۇ ماقالىدىكى ماتېماتىكىلىق قۇرۇلمىلارنى ناھايىتى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق، ئىنتايىن مۇھىم ۋە يېڭى مۇۋەپپەققىيەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىغان. كېسىپ ئېيتىمەنكى، ئۇنىڭ ماقالىسىنى مۇنەۋۋەر باھالاشقا بولىدۇ . خەلقئارالىق ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە بولغاندىمۇ، ئۇ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۈنۋانى ئېلىشقا تامامەن ھەقلىق ». پروففېسسور رويمېر ئۆزنىڭ باھالاش سۆزىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ :« ساھىبجامال تاللىغان بۇ تېما يۈكسەك ماھارەتنى، ئۇستىلىق بىلەن تەشكىللەشنى ۋە بىر-بىرىگە ئىرماش-چىرماش بوپ كەتكەن ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان نەزەرىيە فىزىكىسى ساھەسىدە بۆسۈپ ئىلگىرىلەشنى تەلەپ قىلىدىغان قىيىن مەسىلىدۇر. ساھىبجامالنىڭ ئەلا نەتىجىسى مەندە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. شۈبھىسىزكى، ئۇ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۈنۋانى ئېلشىقا پۈتۈنلەي مۇناسىپ » . داڭلىق نەزەرىيە فىزىكىسى ئالىمى فلومىي مۇنداق دەيدۇ: «ساھىبجامالنىڭ ۋېنالاند بىلەن بىرلىشىپ يازغان ماقالىسى (دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، دۇنيادا تەسىرى بار بىر ئىلمى ژورنالدا ئېلان قىلىنغان) نوپۇزلۇق پايدىلىنىش ماتېرىيالىغا ئايلىنىدۇ». بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئالىم فلومىينىڭ «نوپۇزلۇق پايدىلىنىش ماتېرىيالىغا ئايلىنىدۇ» دېگىنى «نەزەرىيە فىزىكىسى تارىخىغا يېزىلىدۇ» دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن بۈيۈك باھا ئىدى. 2000-يىلى، ساھىبجامال گېرمانىيە بونن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىسىدا ئىككى ئۆلچەملىك كونفورمال مەيداننىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشىدىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق فرانسىيە نەزەرىيە فىزىكا ساھەسىدىكى داڭلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى قىياسىنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەتتى ۋە ئۆزىنىڭ تولۇق ئىسپاتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ فىزىكا ساھەسىدىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغانلىقتىن ئىبارەت كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى بىلەن « جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇنەۋۋەر دوكتور ئاسپىرانتى » دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، ساھىبجامال دۆلەت قىسقىغىنە ئىككى يىل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان تەتقىقات گۇرۇپپىللىرى قىزىقىپ كەلگەن مۇھىم مەسىلىنى ھەل قىلىپ ئەلا نەتىجە بىلەن دوكتورلۇق ئوقۇشنى تاماملىدى. بۇ خىل ئەھۋال خەلقئارادىمۇ ناھايتتى كەم ئۇچرايدۇ. 2002-يىلى ساھىبجامال يەنە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنىرگىيە فىزىكا ئىنىستىتوتىغا دوكتور ئاشتى سالاھىيەت بىلەن ئىككى يىللىق تەتقىقات خىزمەتكە چۈشتى. بۇ جەرياندا تېخىمۇ كەڭ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ھەمدە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ياپۇنىيە يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك تېزلەتكۈچى تەتقىقات ئورنىغا كۆپ قېتىم زىيارەتكە بېرىش ئارقىلىق زەررىچىلەر فىزىكىسى ساھەسىدە كىشىنى خۇشال قىلارلىق نەتىجىگە ئېرىشتى. 2004-يىلى ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە داۋاملىق زەررىچىلەر فىزىكىسى ۋە ئېلېكترودىنامىكىنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك ئېففېكتى توغرىسىدا تەتقىقات بىلەن شوغۇللاندى. 2011-يىلى 4-ئاي مەزگىلدە ماگىستىر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى ماكەينى يىتەكلەش جەريانىدا ماتېرىيال كۆرۈۋېتىپ ئامېرىكا داڭلىق فىزىكا ئالىملىرى پەشكىن بىلەن لېپكىننىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان ئەڭ نوپۇزلۇق فىزىكا ساھەسىدىكى ژۇرنال «فىزىكا ئوبزورى تېز خەۋەرلەر ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە «ئاخارونوۋ-كەشېر ۋە سىكاليارلىق ئاخارونوۋ-بوم ئېففېكتى تار دائىرىلىك ئېففېكت» دەپ چىقارغان يەكۈنى بىلەن ئۆزىنىڭ يۇقارقى مەسىلىگە بولغان تونۇشىنىڭ پۈتۈنلەي قارمۇ-قارشى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. « ئۇلارنىڭ ماقالىسىنى كۆرۈپلا مەن ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى بايقىدىم» دېدى ساھبجامال ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، « ئۇ ئىككى نەپەر ئامېرىكا فىزىكا ئالىمى نىسپىيلىك تىپىدا بولمىغان تەقرىبىيلىكنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ يەكۈنىگە ئېرىشكەن، بىراق بۇ مەسلىنى نىسپىيلىك نەزەرىيەنى ئاساس قىلىپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ». ساھىبجامال ماقالىسىدە بۇ مەسلىگە قارىتا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ۋە ماتېماتىكىلق ئىسپاتىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە بۇ ئىككى نەپەر ئامېرىكا فىزىكا ئالىملىرىنىڭ خاتا نوقتىلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. پروففېسسور ساھىبجامال يەنە مۇنداق ئويلىدى: «دەرۋەقە ئۇلارنىڭ ماقالىسى فىزىكا ئوبزورى تېز خەۋەرلەر ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغانىكەن، بىزمۇ ماقالىمىزنى شۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ خاتا نوقتىللىرىنى كۆرسىتىپ، بۇ مەسىلىنىڭ توغرا فىزىكىلىق ئاساسىنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك ». شۇنداق قىلىپ ساھىپجامالنىڭ «ئاخارونوۋ-كەشېر ۋە سىكاليارلىق ئاخارونوۋ-بوم توپولوگىيەلىك ئېففېكتى» ناملىق ماقالىسى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى «فىزىكا ئوبزورى تېز خەۋەرلەر ژۇرنىلى» تەرپىدىن قوبۇل قىلىنىپ بۇ ژورنالنىڭ مۇھىم ئىلمى ماقالىلەر سەھىپىسىدە ئېلان قىلىندى. شۇ نوقتىغا دىققەت قىلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، بۇ ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى فىزىكا تەتقىقاتچىللىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەت « فىزىكا ئوبزورى تېز خەۋەرلەر ژۇرنىلى» (Physical Review Letters) دا ماقالە ئېلان قىلشى ھېسابلىنىدۇ، مەملىكىتىمىز تەۋەسىدىمۇ بۇ ژورنالدا ماقالە ئېلان قىلىش ناھايتتى ئاز ئۇچرايدۇ. 1873-يىلى ماكسىۋېل ئېلېكترودىنامىكىنىڭ ھەرىكەت تەڭلىمىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئېلېكتر مەيدان كۈچىنىشى ۋە ماگنت ئىندۇكسىيە كۈچىنىشى قانائەتلەندۈرىدىغان دېففېرىنسىئال تەڭلىمىلىرى ئارقىلىق ۋاكۇئۇمدىكى ئېلېكتروماگنىت مەيدانىنى تەسۋىرلىدى، بۇ ئەينى زاماندا كىشىلەرگە ناھايىتى سىرلىق نەزەرىيە بولۇپ تۇيۇلغان ئىدى. لېكىن 1886-يىلى ھېرتس بۇ نەزەرىيىدىن پايدىلىنىپ ئېلېكتروماگنىت دولقۇنىنى بايقاپ سىمسىز ئالاقىلىشىش ۋە زامانىۋى ئۇچۇر يەتكۈزۈش ساھەسىنىڭ تەرەقىياتىغىلا ئەمەس ھازىرقى زامان ئوپتىكا شۇنداقلا ئاتوم فىزىكىسى ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ زور ئاساسلارنى سالدى. لېكىن ماكسۋېلنىڭ نەزەرىيىسى پەقەت ئېلېكتروماگنىت مەيدانىنىڭ تار دائىرىلىك ئېففېكتىنلا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيتتى، شۇڭا 1959-يىلى ئاخارونوۋ بىلەن بوم ئېلېكتروماگنىت مەيدانىنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك ئېففېكتىنى ئوتتۇرغا قويدى، ئېلېكترون چەكسىز ئۇزۇن توكلۇق سولىنوئىدنىڭ ئەتراپىدىن ئۆتكەندە سولىنوئىدنىڭ ئىككى تەرىپىدە پەقەت ئېلېكتېر پوتېنسىئالىلا نۆلگە تەڭ بولمىغاندىن سىرت ئېلېكتېر مەيدانى ۋە ماگىنت مەيدانى مەۋجۇت بولمىغاچقا بۇ جەرياندا ھېچقانداق فىزىكىلىق ئېففېكىت مەۋجۇت بولماسلىقى كېرەك ئىدى، لېكىن ئاخارونوۋ بىلەن بوم نەزەرىيىۋى جەھەتتىن سولىنوئىدنىڭ ئىككى تەرپىدىن ئوخشاش بولمىغان يول بىلەن ھەرىكەت قىلغان ئىككى ئېلېكتىرون دەستىسىنىڭ ئىنتېرفېرېنسىيە تىلىمچىلىرى سولىنوئىدتىن توك ئۆتمىگەن ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇخىل ھادىسە بەلگىلىك دائىردىكى بوشلۇقتا يۈز بېرىدىغان ھەم مەلۇم بىر نۇقتا ئەتراپىدا تار دائىرىلىككە ئېگە بولىدىغان فىزىكىلىق ئېففېكىتكە ئوخشىمايدىغان بولۇپ ئېلېكتروماگنىت مەيدانىنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك ئېففېكتى دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىن فىزىكا ئالىملىرى ئېلېكتروماگنىت مەيدانىنىڭ يەنە باشقا پۈتۈن گەۋدىلىك ئېففېكتىلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى، مەسىلەن زەرەتلىك تاياقچىنىڭ نېيتروننىڭ ئىنتېرفېرېنسىيەتىلىمچىلىرىدا ئۆزگىرش پەيدا قىلىشى قاتارلىقلار، بۇ ئېففېكتلارنىڭ بىر قىسىملىرى ھازىرقى تەجرىبە شارائىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى تېخى بايقالمىغاندىن سىرت كۆپ قىسىملىرى تەجرىبىدە ئىسپاتلىنىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن، ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ تېخى بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيە بىلەن تەسۋىرلەنگىنى يوق، ھەتتا بىرمۇنچە خاتا كۆزقاراشلارمۇ مەۋجۇت. ئامېركىلىق فىزىكا ئالىملىرى پەشكىن بىلەن لېپكىن پەقەت توكلۇق سولىنوئىدنىڭ سىرتىدىكى ئېلېكتر پوتېنېسىئالىلا پۈتۈن گەۋدىلىك ئېففېكتىنى پەيدا قىلالايدۇ، باشقىلىرى بولسا ئېلېكتروماگنىت مەيدانىنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك ئېففېكتى ئەمەس دەپ قارايدۇ. پروفېسسور ساھىبجامال بولسا ئۆزىنىڭ يېقىنىقى يىللاردىن بۇيانقى ئىلمى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن، بىرلىككە كەلگەن نوقتىنەزەر بىلەن توغرا ھالدا ئېلېكتروماگنىت مەيدانىنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك ئېففېكتىنى بايان قىلىپ يېقىنقى 30 يىلدىن بېرى ئۇدا تالاش-تارتىش قىلىنغان خەلىقئارالىق قىيىن مەسلىنى ھەل قىلدى.

جاپالىق تېرىشىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش[تەھرىرلەش]

ساھىپجامال دۆلەت ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئوقۇش ھاياتىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: « ماگىستىرلىق ئوقۇشى جەريانىدىكى دۈچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق بولسا ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئىدى ». شۇ سەۋەبتىن ئۇ نەچچە رەت يىغلاپمۇ تاشلىغان ھەتتا ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاشلىۋېتىش ئويىدىمۇ بوپقالغان ئىدى. ئۇ ئىتالىيە خەلقئارا نەزەرىيە فىزىكا تەتقىقات ئورنىغا ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، ئۇ يەرنىڭ كۈتۈپخانىسىدىكى كىتابلارنى كۆرۈپ، يېڭى ئۈمىدنى، يېڭى دۇنيانى كۆرگەندەك بولۇپ، قايتىدىن كۈچكە تولدى ۋە ئوقۇش ئىستىكى ھەسسىلەپ ئاشتى. ساھىبجامال ئۆزىنىڭ شۇ چاغلاردىكى ئوقۇش ھاياتىنى ئەسلەپ يەنە مۇنداق دەيدۇ : « ئۇچاغلاردا ھەممەيلەن ماڭا قايىل بولۇپ ماختىشىپ كىتەتتى. قىز ئوقۇغۇچى تۇرۇپ مۇشۇنداق بىر قىيىن ساھەنى، يەنى كونفورمال مەيدان نەزەرىيىسىنى تۈرلەرگە بۆلۈش مەسلىسىنى تاللىغانلىقىمدىن ھەيران قالاتتى. لېكىن مەن مۇئەللىمىگە ئەگىشىپ ئۆگىنىش جەريانىدا، ئەزەلدىن بۇ ساھەنى ئەڭ قىيىن دەپ ئويلىمايتتىم ». مۇئەللىمىنىڭ ئوقۇتۇش نىشانى ۋە پىكىرى ساھىبجامالنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئىدى. ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا قايتىپ كىلىپ ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ تۈپ سەۋەبى- پەقەتلا ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈش، دۆلەت ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئانا يۇرتتىكى ئازسانلىق مىللەتلەردىن ھەقىقىي تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت دەيدۇ. ئۇنىڭ ھازىرغىچە 20 نەپەر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى توققۇز ئوقۇغۇچىسى ھازىر دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ، ھازىر ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقانلاردىن يەنە توققۇز ئوقۇغۇچىسى بار. ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن باشقا يەنە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى، شۇنداقلا چەتئەللەردىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ يەردە يەنە نۇرغۇن مىساللار ساھىبجامالنىڭ تىرىشچان، جاپاغا چىدام روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. 1999-يىلى 4-ئايدا، ساھىبجامال گېرمانىيىدە ئوقۇش – تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغىلى چىقىپ كېتىپ بىر يىل بولغان چاغدا ئۇنىڭ يولدىشى تۇرغۇن ئۇنى يوقلاپ بارىدۇ. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ساھىبجامال يولدىشىغا بىر-ئىككى قۇر ئۇزۇن يەڭ كىيىم ئېلىۋېلىشنى ئېيتىدۇ. تۇرغۇن گېرمانىيىگە بارغاندىن كېيىن، ئۇيەردە ھاۋانىڭ بۇرۇنلا ئىسسىپ كەتكەنلىكىنى، سىرتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قىسقا يەڭ كۆينەكلەرنى كىيىپ يۈرۈشۈۋاتقانلىقنى بايقايدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن ساھىبجامالنىڭ ئۇنىڭغا قىسقا يەڭ كىيىم ئېلىۋېلىشنى ئېيتمىغانلىقىدىن ھەيران بولىدۇ. تۇرغۇن ساھىبجامال بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ يېتىدۇ. ئەسلىدە ساھىبجامال گېرمانىيىگە بارغاندىن كېيىن، ۋاقىت تېجەش ئۈچۈن ھەركۈنى قاق سەھەردىلا ئىشخانىغا بېرىپ، خېلى كەچ بولغىچە ئىشلەيدۇ. چۈشلۈك تاماقنى مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدىن يېگەندىن باشقا كۆپ ۋاقىتلاردا ئىشخانىسىدىلا بولكا، ئالما بىلەن قورساق تويغۇزىدۇ. بۇ جەرياندا كۈندۈزى سىرتقا چىقمىغانلىقى ئۈچۈن، ھاۋانىڭ ئىسسىپ كەتكەنلىكىنى، قىسقا يەڭ كىيىم كىيىدىغان پەسىلنىڭ كىلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالىدۇ. تۇرغۇن ئايالىنىڭ خىزمەت قىلىش ئادىتىنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ :« ئۇ خىزمەت، ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتسە كېچە-كۈندۈز دېمەيدۇ، بايرام-دەم ئېلىش كۈنى دىمەيدۇ. تەتقىقات ئىشلىرىنى ئەزەلدىن شۇنداق بېرىلىپ ئىشلەيدۇ ». ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۇرغۇن ئىزچىل ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ساھىپجامالنى قوللاپ كەلدى. ساھىبجامالنىڭ 30 يىلغا يېقىن سوزۇلغان خەلقئارالىق چوڭ تېمىغا توغرا يەكۈن چىقىرالىشىدىكى قىممەتلىك شۇنداقلا مۇھىم بىر ئامىل شۇكى، ئۇنىڭ ئەستايىدىل پىكىر قىلىش ۋە نوپۇزغا جەڭ ئېلان قىلىش روھىدۇر. كىشىلەر كۆپىنچە ئادەت خاراكتېرلىك پىكىر قىلىدۇ، لېكىن ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى كۆپ ھاللاردا قارىغۇلارچە ئىشىنىش چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاشتىن باشلىنىدۇ. ئىلىم-پەن تارىخىدا مۇنداق مىساللار ئاز ئەمەس، مەسىلەن گالىلېيدىن بۇرۇنقى ئالىملار ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمىغان ئىككى جىسىمنى بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بىر ئېگىزلىكتىن تاشلىسا، ئېغىر جىسىم ئاۋۋال يەرگە چۈشىدۇ دەپ قارايتتى. لېكىن گالىلېي پىسا قىيسىق مۇنارىدا ئاددىي بىر تەجرىبە ئىشلەپلا، بۇ خىل كۆز قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ، شۇنداق قىلىپ فىزىكا ئىلمى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. شۇڭلاشقا ئەڭ ئاساسلىق نەزەرىيە، ئەڭ ئاددىي كۈزۈتۈشتىن بارلىققا كېلىدۇ.

ئاساسىي پەنلەر بارلىققا كەلتۈرگەن تەرەققىيات ئۈنۈم مۆلچەرلىگۈسىز[تەھرىرلەش]

فىزىكا يېڭىلىق يارىتىش خاراكتىرى تولىمۇ كۈچلۈك بولغان بىر پەن. ئىلىم-پەننىڭ باشقا ساھەلىرىدىكى نۇرغۇن بايقاش ۋە نەتىجىلەرمۇ فىزىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيەتلىرىدىن كەلگەن. مەسىلەن، ماكسىۋېل 1873-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتىدا ئېلېكتروماگنىت نەزەرىيىسىدىن دوكلات بەرگەندە پەقەت بەشلا ئادەم ئاڭلىغان. لېكىن ئۇنىڭ بۇ نەزەرىيىسى ئاتوم دەۋرى ۋە ئۇچۇر دەۋرىگە مۇھىم ئاساس سېلىپ بەردى، شۇنداقلا پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىككى يۈز يىللاردىن بۇيان توختىماي ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسىدە، ھازىر دۆلەت مۇداپىئەسىدىن تارتىپ، سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاشقىچە بولغان كەڭ ساھەلەردىكى نۇرغۇن يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ئاخارونوۋ ۋە بوم ئوتتۇرىغا قويغان، ساھىبجامال مۇھىم تۆھپە قوشقان، ھازىرقى زامان ئالىملىرى تەتقىق قىلىۋاتقان پۈتۈن گەۋدىلىك ئېلېكترودىنامىكا نەزەرىيسىىمۇ كەلگۈسىدە كەڭ ساھەلەردە بۈگۈن تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولغان چوڭقۇر تەسىرلەرنى قوزغىشى ھەم كەڭ ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالغۇسى. جۇڭگو ئالىمى بۇ ساھەدىكى نەزەرىيەنىڭ يۇقىرى نوقتىسىنى ياراتتى، بۇندىن كېيىنكى خىزمەت بولسا، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، داۋاملىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، يۇقارقى نەزەرىيەنىڭ نەتىجىسىنى جۇڭگو خەلقىگە، دۇنيا خەلقىگە خىزمەت قىلدۇرۇش. بۇ يولنىڭ كەلگۈسى پارلاق، ئەمما مۈشكۈل، جاپالىق، يەنە ئېھتىمال تولىمۇ ئۇزۇن بولىشى مۇمكىن.